سىز بۇلارغا ھەق تۆلەپ باققانمۇ؟
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ. كىشىلەر بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ.قۇياش نۇرى ھەقسىز - ھاياتلىق قۇياش نۇردىن ئايرىلالمايدۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچكىم قۇياش نۇرى ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.
ھاۋا ھەقسىز- ئۆلۈم ئالدىدا سەكراتقا چۈشۈپ بىر-نەچچە قېتىم نەپەسلىنىشكە زار كىشىلەر ھاۋانىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بەكرەك ھېس قىلالىسا كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كىشى ئاللىقاچان شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىشتىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ. ۋاھالەنكى ھاياتلىق ئالىمىدە ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كىلىۋاتقان ئادەملەرھاۋا ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.
مىھرىبانلىق ھەقسىز - ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مىھرىبانلىقىغا نائىل بولىدۇ. ھېچقانداق بىر ئاتا-ئانا بالىسىغا << سەن بىزگە پۇل بەرسەڭ، بىز ساڭا مىھرىبان بولىمىز>> دېمەيدۇ.
دوستلۇق ھەقسىز - يالغۇزلۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئېغىر كۈنلەرگە قالغان چېغىڭىزدا سىزگە تەسەللى بەرگەن، ياردەم قىلغان ئادەمنىڭ دوستلۇقى چىن ۋە سەمىمى بولىدۇ.
مۇھەببەت ھەقسىز - سىزنى ھەر ۋاقىت سېغىنىدىغان، سىزگە ھەر ۋاقىت سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق تىلەيدىغان، بەختىڭىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئادەمنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز ۋە ھەقسىز بولىدۇ.
نىشان ھەقسىز بولىدۇ - مەيلى پۇلدار ياكى نامرات بولۇڭ سىز خالىسىڭىزلا ئۆزىڭىزگە نىشان تىكلىيەلەيسىز. نىشانىڭىز ئۇلۇغ ياكى ئادەتتىكىچە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەلەيسىز.
ئىتقاد، ئىرادە، ئۈمۈد، ھايا قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز - ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى، ئۇنى قىلىشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيسىز. مەيىن شامال، سىم-سىم يامغۇر، ئايدىڭ كېچە، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۆك ئاسمان ھەقسىزبولىدۇ. ئۇنىڭغا بېقىشنى خالىسىڭىزلا سىز ئۇنىڭدىن تەبىئەتنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇلار سىزنىڭ باشقىلار تارتىپ ئالالمايدىغان ۋە دەخلى-تەرۈز قىلالمايدىغان بايلىقلىرىڭىزدۇر. بۇلارنى ئەستايدىل بىر ئويلىنىپ كۆرگىنىڭىزدە تەڭرىتائالانىڭ بارچە جاندارلارغا نەقەدەر ئادىل ۋە مىھرىبان ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىسىز.
مەنبە:80خالتا بلوگى ياخىشى تېمىلارنى يوللاۋاتسىز، ھارماڭ!
دېمىىسمۇ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار، ھەم ھەقسىز، ھەم ئىللىق. ئۇ بولسىمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك چەكسىز مېھرىبانلىق، ئىللىقلىق، مۇھەببەت. پەقەت قەلبىمىزدە چەكسىز مۇھەببەت بولغىنىدىلا بۇنى ھېس قىلالايمىز. قەلبتە چەكسىز مۇھەببەت بولسا دۇنيا بىزگە گۈزەل، ئىللىق، ئادەملەر مېھرىبان بىلىنىدۇ، خالاس! قەھۋە يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:38 static/image/common/back.gif
ياخىشى تېمىلارنى يوللاۋاتسىز، ھارماڭ!
دېمىىسمۇ ئەتر ...
مەدەت بېرىپ تۇرغايسىز ئېسىل تېمىلارنى 7 قىزلېرىمدا كۆرۇشمۇ ھەققسىز. شۈكرى اللا ،بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھەقسىز قىلغىنىڭ ئۈچۈن . كۈنلەر يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:51 static/image/common/back.gif
ئېسىل تېمىلارنى 7 قىزلېرىمدا كۆرۇشمۇ ھەققسىز.
شۇنى بىر دىمەيسىز nazinin يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 08:20 static/image/common/back.gif
شۈكرى اللا ،بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھەقسىز ق ...
ھەممىسى ئاللانىڭ شەپقىتى بىلەن توغرا دېدىڭىز .شۇڭا بۇ كۈنلەرگە مىڭ شۈكرى دەيمىزغۇ . شوڭا مىنى ئۇتۇپ قالماڭلار. كۈنلەر يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:03 static/image/common/back.gif
شوڭا مىنى ئۇتۇپ قالماڭلار.
ئۇنتۇپ قالغىلى بۇلامدىكې:P
بەت:
[1]