بوشلۇق...
بوشلۇق..<< مىڭ بىر كېچە>> چۆچەكلىرىدە
توققىىزى تەل خانىشلار نىچۈن،
زەڭگىلەرنىڭ قوينىغا كىرىپ،
پادىشاھقا قىلار خىيانەت،
نىچۈن شاھ چېيىنى ئىچكەن مەلىكە،
كېچىپ ئوردىدىن، ئالتۇن- تىللاردىن،
يىتىمچى تاز پادىچى بىلەن،
باياۋاندا كۆرەر قىيامەت.
ھالاكەتنى غاقىلاپ ياۋلار،
ئۆمىلەي دېگەندە ئاياقلىرىڭدا،
بىر ئوفىسسېر يوقاپ غىپپىدە،
قۇماندانغا تېگىپ غايىپ ئوق،
ئۈركۈپ كېتەر نېمىشقا ئامەت.
مەيلى شاھ بول، مەيلى مەلىكە
مەيلى ئالىم مىليۇنېر ھەتتا
ھېس قىلىسەن بىر نېمەڭ كامدەك،
بەلكىم ئۇنى دەپ بېرەلمەيسەن
ئۇ بىلىنەر ساڭا گاھىدا
سۆيگۈدەك، ئالتۇندەك،شاھلىقتەك،
قىزلىقتەك، ئەرلىكتەك، راھەتتەك، غەمدەك.
بىر بوشلۇق بار<< ئىنسان>> دېگەن ئۇقۇمدا
ئۇ ئەگىشەر ساڭا ھەر زامان
كونا- تون رۇدىپاي بىر سايىماق
شۇڭا بولماس دېگىنىڭ دېگەن
ئۇنى گۈل دەپ تۇرساڭ، بوپ چىقار تىكەن.
مەنبە: <<يۈرەك سوۋغىسى>> دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى
بۇ بوشلۇقنى ئاتار كۆڭۇل دەپ،
شۇ بوشلۇققا پاتىدۇ دۇنيا.
توققىزىڭ تەل بولسىمۇ ئەمما،
بىر نىمەڭ كام يۈرۇيسەن ھەتتا.
چىگرىسى يوق يۈگەنسىز ئاتتەك.
كۈڭۇل دىگەن ھەجەپ بىر نەرسە،
ھەممە ئىشنى كۆرىدۇ ،ئەگەر،
كىم ئەگىشىپ كەينىدىن كىرسە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:45
بۇ شېئىرنى بەك ياقتۇردۇم، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپ ئەگەشكۈم كەلدى............ ئادەمدىكى بوشلۇق تۇپا بىلەن تۇلامدىكى بەك ياخشى يېزىلغان شېئىركەن ،
ھەممە ئىشنى كۆرىدۇ ،ئەگەر،
كىم ئەگىشىپ كەينىدىن كىرسە.
ئۆتكەن كۈنلەر ئاكىمىزمۇ نەقلا داۋاملاشتۇرۇپتۇ يىغىنچاقلا...:P
كۆڭۈلدىكى بوشلۇق ئۈچۈن ھەممە قازاندا بىر قايناپ چىقىپ روھچىن دىگەندەك توپا بىلەن تىندۇرىمىز ئاخىرى :L
بەت:
[1]