روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 11:45:06

چىغىر يول R

http://www.rohqin.com/wp-content/uploads/2012/01/chighiryol1.jpg
ئۈزۈمنىڭ تۇنجى قېتىم  مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن قاچان ئۇچۇراشقىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.ئەلقىسسە رىۋايەتلىرىدىكى مۇرادىغا يىتەلمىگەن ئاشۇق-مەشۇقلارنىڭ قىسسىللىرىنى ئاڭلىغاندا مۇھەببەت دىگەن مۇرادىغا يىتەلمىگەنلەردىلا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدا نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەردىن كېيىن مۇرادىغا يەتكەنلەرنى كۆرگىنىمدە مۇھەببەت دىگەن ئاشۇنداق قىيىچىلىقلاردىن كىيىن بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.
قىز-ئۇغۇللارنىڭ سۆيگىنى بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا قارىماي قېچىپ كەتكەنلىك ھىكايىللىرىنى ئۇقۇغۇنىمدا مۇھەببەت دىگەن ھېچقانداق قارشىلىققا پەرۋا قىلمىغاندا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.شائىرلارنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى  شىئىر، غەزەللىرىنى ئۇقۇغىنىمدا مۇھەببەتكە  ئېرىشكەندە مۇشۇنداق شىئىر يازغىلى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.خوشنىمىزنىڭ ئايالى بالىسىنى ھاپاش ئىتىپ، ئىرى ساپان قېتىلغان ئىشەكنى يىتىلەپ ئېتىزغا ماڭغاندا مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىيالمىغان بۇ بىرجۈپلەرگە ئىچ ئاغىرتىپتىكەنمەن، چۈنكى ئۇ كىنو، كىتاپلاردا تەسۋىرلىگەن مۇھەببەتلىك بىرجۈپلەرگە ئوخشىمايتتى، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلىشمايتتى، ھە دىسىلا ئامرىغىم، قەدىرلىكىم دەپ بىرى-بىرىگە ئېسىلمايتتى.ئۈزۈمنىڭ قايىسى ۋاقىتتا مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قويسا مىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. تۇيۇقسىز ئويلاپ قالسام مەن ياخشى كۆرۈپ قالدىممىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن.«ياخشى كۆرۈش» دىگەن بۇگەپنىڭ ئۇقتۇردىغان مەنا-مەزمۇنىنى چۈشەنمەيتتىم. مەن پەقەت قىز-ئۇغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرسىدا بۇگەپنى ئشىلىتىدىغانلىقىنى كىنودىن، كىتاپلاردىن ئۈگەنگەن.مەنمۇ بىرەسىنىڭ پېيىگە چۈشۈشنى نىيەت قىلدىم، چۈنكى ئەتىراپىمدىكىلەر بىر-بىردىن قىزلارنىڭ پېيىگە چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق قىلىش كىرەك چېغۋا دەپ ئويلاپتىكەنمەن.ئۈزۈمنىڭ قايسى ۋاقىتتا مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.ئۈزۈمنى مۇھەببەتكە ئېرىشتىم دەپ ئويلايتتىم ئەمما مەن ئاڭلىغان، كۆرگەن مۇھەببەت بايانلىرىغا ئوخشىمايتتى.
https://public.sn2.livefilestore.com/y1pgGr1X6oKixZPZgpA_Ke7uCSgoY3X_LMmNa_akP9CSAaEZXFk3UN2EDhhYk33mN-9jr0MJ6En523poxpEj2yRIg/1.jpg?psid=1
مەن ئائىلىلىك بولدۇم، ئەمما تۇرمۇش مىنىڭ خىيالىمدىكىگە، مۇھەببەت مەن ئاڭلىغاندىكىگە، مۇھەببىتىم(ئايالىم) مىنىڭ نەزىرىمدىكىگە ئوخشىمايتتى.مەن داۋاملىق خىيالىمدىكى(مەن ئاڭلىغان، كۆرگەن ھىكايە، رومان، كىنو-فىلىم، رىۋايەت، شىئىر-قۇشاقلاردىكى) مۇھەببەت، مۇھەببەتلىك ئائىلە، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى ئارزۇ قىپتىكەنمەن.ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم ئۇنى قاتتىق ئەيىپلىدىم، چۈنكى ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىركى سۈيۈملۈك ھالىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۋاتاتتى، بارا-بارا كەمچىلىكلىرى ئاۋۇپ ئارتۇقچىلىقلىرى كۆرۈنمەيۋاياتتى.ئۇ كۈنىسى مەن ئۇنى ئۇردۇم، چۈنكى ئۇ ماڭا گەپ ياندۇرغان ئىدى، مىنى ياخشى كۆرىمەن دەيدۇيۇ يەنە مەن بىلەن سۇقىشىدۇ.ئۇ كۈنىسى مەن  ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ئاجىرشىپ كىتىشنىڭ گىپىنى قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ بەزى خۇيلىرىنى مەن زادى قۇبۈل قىلىشقا كۆزۈم ئىلمىدى.ئۈزۈمنىڭ قاچان مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم مۇھەببەت دىگەن بۇ ئاتالغۇدىن يىرگەندىم. چۈنكى دۇنيادا ئەڭ ياخشىسى دەپ قوغلاشقان، مۇھەببەتلەشكەن، توي قىلغان ئايالىمدىن ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدىم.ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم باشقا بىر ئايال بىلەن تېلفۇنلاشتىم، دەردىمنى تۆكتىم، ئىچىمنى بۇشاتتىم، چۈنكى ئايالىم بىلەن سۇقۇشۇپ بىرمۇنچە ئەلەملىك بولغان ئىدىم.ئۇ كۈنىسى مەن ئۇنىڭ مىنىڭ ئايالىمدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكى ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتالىقىنى بىرمۇ-بىر پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ مىنى قايىل قىلدى.ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم ئۈزۈمنىڭ خاتالاشقانلقىنى، ئايالىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
https://public.sn2.livefilestore.com/y1p_uNa3x-cqD5r4Re5V5jz9OL-_4MHNSgtsEudAp6R6iJ8-H5ULtJnOQAkt3D2C6lDPNHnLhwBHBnZ7Z6HXN9N6A/7.jpg?psid=1
ئۇ كۈنىسى مەن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئائىلەمنى، ئايالىمنى سېغىندىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن راسلا ئايرىلىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى.ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم بىر گۆھەرنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
https://public.sn2.livefilestore.com/y1pJg3ZPdNP-jIGcZuY7Nqm3Dey0sWDyjqS_BfP5j2n0jcevHzRVRuKttBU_lO8pex2BTC13GIMYde3WT54ZTu1QQ/14.jpg?psid=1
ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم يالغۇز ئولتۇرۇپ قاتتىق يىغلىدىم، چۈنكى مەن يالغۇز قالغان ئىدى.ئۇ كۈنىسى ماڭا بىر ئەينەكنىڭ قاتتىق زۆرۈللىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى مەن مۇھەببەتكە ئۆز كۆزۈم بىلەن قاراپ باقمىغانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم.

http://cloud.kugou.com/singlePlayer/4/362/0/1/FA96A9166E771053907FB47349034639.swf
روھچىن قەلب خاتىرسى
http://www.rohqin.com/?p=780
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:15  

babur يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:59:59

چىغىل يولدا سەن بىلەن بىللە بەخىت ناخشىسىنى ئېيتىپ ماڭغان دەملار ھازىرمۇ يادىمدا ھەم كۆزئالدىمدىلا،ئۇنەقەدەر بەخىتلىك چاغلارئىدى،-ھە!مانا ئەمدى ئۇيوللاردا ھىجران نەپەسلىرىنى تارقىتىپ ئۆزۈم يالغۇز،تەنھالىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ كېتىپ بارىمەن.ئالدىمدىنلا بىر توشقان يۈگىرەپ ئۆتۈپ كەتتى بەلكىم ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن غەم-ئەندىشىلىرى باردۇ،بەلكىم شاتلىق ئىزلەپ باشقا ياققا ماڭغاندۇ،ئۆزۈڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھاۋالىرى تىنىقلىرىڭ ئارقىلىق تۇمۇر-تۇمۇرلىرىڭغا سىڭىپ كەتكەن يۈرتۇڭدىن تاپالمىغان نەرسىنى بەزىدە باشقا يەردىن،ياتلارنىڭ قولىدىن تېپىشقا مەجبۇر بولىدىكەن سەن.ئىنسان نەقەدەر ئاجىزھەم ئىلاجىسىزھەگۈلۈم.مانا مەن قايتىپ كەلدىم يىراقتىن ،تولىمۇ يىراقتىن قايتىپ كەلدىم،قايتىپ كېلىپلا سېنىڭ كەچكۈزگىمۇ قالماي تۇزۇپ كەتكەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم ھەم كۆردۇم.ئىنسان باھاردا ئېچىلىپ كەچ كۈزدە توزۇيدىغان گۈل بولۇپ قالغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى .ھەي تەقدىر ....ھەي ئىنسانچىلىق...خوش چىغىر يول سېنىڭدە قالغان جۈپ ئىزلار تۇزۇپ كېتىپتۇ ،ئەمدى مەن يېڭى باھار ئىزلىشىم كېرەك.خوش... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 13:21  

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:55:14

ئەگرى-ئەگرى چىغىر يول،
ئارمانلارغا تولغان يول.
ھەر توقايدا بىر قۇچاق،
سۆيگۈ چېچىپ تۇرغان يول.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:29:43

ياشلارغا بەكمۇ ھەۋىسىم كېلىدۇ بەزىدە. ئۆز كۆڭلىدىكىنى، ئويلىغىنىنى، مۇھەببەت-نەپرىتىنى ھېچ توسالغۇسىز ئېيتالايدۇ، ئىپادىلەيدۇ، بىلدۈرىدۇ........
ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم ئۇنى قاتتىق ئەيىپلىدىم، چۈنكى ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىركى سۈيۈملۈك ھالىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۋاتاتتى، بارا-بارا كەمچىلىكلىرى ئاۋۇپ ئارتۇقچىلىقلىرى كۆرۈنمەيۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، مۇھەببەتلەشكەن چاغدا بىلىنمەيدۇ، ھېس قىلىنمايدۇ. بىلىنسىمۇ، ھېس قىلسىمۇ، مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇنى يۇيۇپ كېتىدۇ. ئەمما نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇش مۇھەببەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ناھايىتى سەۋىرچانلىق ھەم ئەپۇچانلىق، قۇبۇل قىلىشچانلىققا مۇھتاج. نىكاھتىن بۇرۇن كۆزنى يوغان ئېچىش، نىكاھتىن كېيىن بىر كۆزنى يۇمۇش لازىمدۇر. ئۇ كۈنىسى ماڭا بىر ئەينەكنىڭ قاتتىق زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى مەن مۇھەببەتكە ئۆز كۆزۈم بىلەن قاراپ باقمىغانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم. مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ!

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:50:26

babur يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:59 static/image/common/back.gif
چىغىل يولدا سەن بىلەن بىللە بەخىت ناخشىسىنى ئېيتىپ ماڭ ...

يازمىللىرىڭىزنىڭ خېلى جېنى باركەن. يېزىپ تۇرۇڭ ! ئىنكاستا ئەمەس تىمىدا، ئۇقۇپ تۇرايلى

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:51:55

otkankunlar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:55 static/image/common/back.gif
ئەگرى-ئەگرى چىغىر يول،
ئارمانلارغا تولغان يول.
ھەر توق ...

ئەگرى-ئەگرى چىغىريول،
ئەسلىمىلەرگە تولغان يول.
ھەرتۇقايدا بىر قۇچاق،
پۇشايمانغا تولغان يول.

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:53:22

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:29 static/image/common/back.gif
ياشلارغا بەكمۇ ھەۋىسىم كېلىدۇ بەزىدە. ئۆز كۆڭلىدىكىنى ...

ياش پەرقىمىز ئۇنچىۋىلا چوڭمۇ ئەمەسكەن. بىزنى ياشلار دەپ ئۆزىڭىزنى قېرىلار قاتارىغا چىقىرۋەتمەڭ ! ئەمدى قىرانلىق مەزگىلىڭىزگە كەپسىز تېخى

ياپراق520 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:03:12

             ئەگرى_ئەگرى چىغىر يول ،
              ھەر تەرەپتە ياۋا  گۈل .
              چىچەكلىگەن ئارمانلار،
               چىغىر يولدا مىسلىز.
     
              ئەگرى_ئەگرى چىغىر يول،
              ئەسلىمىلەرگە تولغان يول.
              ئارمانلارغا يىتەلمەي،
              پۇشايمانغا تولغان يول.

   
     
       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:06  

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:44:30

ئۇلۇغ ئاللادىن بەندىسىگە ئىنساپ تىلەيمەن . خۇدا قوشقان بىر جۈپلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆز مۇھاببىتىنى قەدىرلەپ قېرىغاندا شۇ چىغىر يولدا قول تۇتۇشۇپ ئۆتكەن خاتىرىلىرىنى بىرگە ئەسلىشىنى تىلەيمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:45  

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:45:45

بىلگيار يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:44 static/image/common/back.gif
ئۇلۇغ ئاللادىن بەندىسىگە ئىنساپ تىلەيمەن . خۇدا قوشقان ...

ياخشى دۇئالىرىڭىزنى اللە قۇبۇل ئەتكەي
بەت: [1] 2
: چىغىر يول R