ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:07:22

بالىلىق بولغۇچىلارغا پايدىلىنىش

راستىمنى دىسەم تېمىسىنى نىمە دەپ قويۇشنى بىلمىدىم ، بۇ بوۋاقلار تەربىيسى 0-6 ئايلىق بولغان بالىلارغا ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن ، شۇڭا < بالىلىق بولغۇچىلارغا پايدىلىنش > دەپ قويۇپ تۇراي . تولۇق تەرجىمىسى قىلماي ئۆز تېلىم بىلەن يازاي ، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ .
مەن (ئاپتۇرنى دىمەكچى ) 2 بالامنى ئامرىكىدا بوشاندىم ، بوشىنىشتىن بۇرۇن ئائىلە دوختۇرىمىزنىڭ ئېرىنمەي ئۈگىتىشى بىلەن بالا بېقىش ۋە  تەربىيلەشتىن كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشىتىم . ئامرىكىدا تۇرغىنىمدا بەزىدە ئۆزۈمدىن : ئۆيۈمدە بوۋىقىم بارمۇ يوقمۇ دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالاتتىم.  چۈنكى مېنىڭ بوۋىقىم پەقەتلا يىغلىمايتى ، تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىنى يىغىنچاقلاپ ياش ئاتا- ئانىلارغا سۇنماقچىمەن .
1.قانداق قىلغاندا بوۋىقىڭىز يىغىلىمايدىغان بولىدۇ ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار گەپ چۈشەنمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ مېڭىسى  پەقەت رېفلىكىسقا تايىنىپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ،جۇڭگودىكى ئاتا - ئانىلار بالا يىغلىشى بىلەنلا دەرھال كۆتۈرىۋالىدۇ .  JANE GUدوختۇر ماڭا : بالا يىغلىغان زاماتلا ئۇنى قويۇپ قويۇڭ ، يىغىسى توختىغاندا ئاندىن قولىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈڭ دەپ ئۈگەتتى ،شۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ مېڭىسىدە  يىغلىمغاندا مېنى كۆتۈرىدىكەن دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ .
  بالىنىڭ يىغلىشىغا 10 مىنوت ۋاقىت بېرىپ ئاندىن كۆتۈرۈڭ ، دەسلەپكى قەدەمدە ۋاقىتىنى 5 مىنوت قىلىپ بېكىتسىڭىز بولىدۇ .مېنىڭ قىزىم نىيۇۋنىيۇۋ 3يېرىم مىنوتقىلا بەرداشلىق بېرەلىدى ،  گەرچە بۇ جەرياندا ئىچ باغرىم ئېزىلىپ كەتكەن بولسىمۇ چىدىدىم   ، بالىغا چوقۇم < يىغا ئاۋازىم ئاپامنى چاقىرىپ كېلەلمەيدىكەن > دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈش كېرەك ، قايتا - قايتا مەشىق قىلىش داۋامىدا ئىككىلا قىزىم يىغلاڭغۇ بوۋاق بولماستىن كۈلۈپ ئويغىنىدىغان  خۇشخۇي بوۋاقلاردىن بولۇپ تەربىيلەندى ..
2. قانداق قىلغاندا بوۋىقىڭىزنى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغان قىلغىلى بولىدۇ ؟
JANE GUدوختۇر مېنى < سىز لايەقەتلىك ئانا ئەمەس ، خوشنىڭىزنىڭ بوۋىقى كىچىدە ئويغانماي تاڭ ئاتقىچە ئۇخلايدۇ >  دەپ ئەيىپلەيتتى ،  چۈنكى مەن كېچىدە بالامنىڭ قورسىقى ئېچىپ قالدىمىكىن دەپ 1-2 قېتىم قوپۇپ ئىمتەتتىم . دوختۇرۇم < بىز دىگەن ئادەمزات ، ئادەملەر كېچىسى ئوزۇقلانمايدۇ > دەپ قاتتىق چېچىلغاندىن كېيىن 2-قىزىمغا كەلگەندە مەن ئاۋال 5 سائەتتە بىر قېتىم سۈت بېرىدىغان ، 2 ھەپتىدىن كېيىن قىزىمنى كېچىسى ئويغانماي تاڭ ئاتقاندا ئويغۇنىدىغان قىلىپ تەربىيلىدىم ، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ 10-12 سائەتكىچە ئۇخلىشى چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن ، بۇ ئۇلارنىڭ سۈت ئىچكىنىدىن 100ھەسسە پايدىلىق بولىدىكەن .
3. بالىنى ئۆزى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلىش .
دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ، خۇشخۇي بوۋاق كارۋاتتا يېتىپ ناخشا ئېيتىدىغان بوۋاق ئىكەن . (ئەلۋەتتە راست ناخشا ئېيتىش ئەمەس ، گۇڭراش ) . بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى كارۋاتتا بولىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشغا پايدىلىق ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئاتا- ئانىلار چوقۇم دېققەت قىلىشى كېرەككى ، بالىنى كۆتۈرگەندە ئۇياق - بۇ ياققا لىڭشىماڭ ، ئالدى كەينىگە مىېڭپمۇ يۈرمەڭ ، سەگەنچۈكنى تەۋرەتمەڭ ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، كارۋات تەۋىمەيدۇ، مىدىرلىمايدۇ  ، بالىغا ئۇنداق خاتا ئۇقۇمنى سىڭدۈرمەڭ ، ئۇنى ئاستا كارۋاتقا قويۇپ قويۇپ جىمجىت يېتىپ ئۇخلاشقا ئۈگىتىڭ . بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى مىۋە ئۇيۇتمىسى ھالىتىدە بولىدۇ ، بەك ھاياجانلىنىپ قاتتىق سىلكىشتىن ساقلىنىڭ .
4. بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچى سىزدىن 10ھەسسە ياخشى .
  بوۋىقىڭىز سىزدىن ئاز كىيسە كىيسۇنكى جىق كىيمىسۇن ، بوۋاقلار ئانا تېنىدىن ئېلىپ چىققان ئىممونىت كۈچى سىزدىن 10 ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ ، قاتمۇقات كىيىندۈرۈپ يوتقانلارغا ئورىۋەتكەن بوۋاقلارنى كۆرسەم ئىچىم ئاغرىيدۇ ، سىز شۇنداق قاتمۇ قات كىيىنىپ يېتىپ بېقىڭە قېنى قانچىلىك بىئارام بولىسىزكىن .
5. ئوكول - دورىنى ئىشلەتمەڭ
زۇكام بولۇش بالىلارنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى نورمال ئەھۋال ،بۇ ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق ،  ناۋادا بوۋىقىڭىز قىزىپ قالسا مۇز پارچىسىنى خالتىغا سېلىپ لوڭگە بىلەن ئوراپ بەدىنىگە تۇتۇپ بېرىڭ ، يېرىم سائەتتىلا قىزىتمىسى چۈشىدۇ ، ناۋادا بەك قىززىپ كەتسە قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى ئىشلىتىڭ ، ئەگەر زۇكام بولۇپ ، قىززىماي ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ قالسا ،ھىچقىسى يوق ، 2-3 كۈندە چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭغا ئوكۇل دورا ئىشلەتمەڭ ، يولدىشىم بىلەن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە ئوكۇل ئېسىپ قاتار- قاتار ئولتۇرغان بالىلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەنىدى ، ھەر قېتىملىق ئوكۇلىڭىز بىلەن قاتتىق ئېلىشقان كېسەللىك باكتىرىيلىرى پات - پاتلا كۆكلەپ جىقىيىپ بالىڭىزنى داۋاملىق ئوكۇلدىن ئايرىلماس قىلىپ قويىدۇ ، مېنىڭ ئىككىلا قىزىم ناھايىتى ساغلام ، تۇغۇلغاندىن تارتىپ بىر قېتىممۇ دوختۇرغا بېرىپ ئاسما ئاسقۇزۇپ باقمىدىم .
6.بوۋىقىڭىزنى كۈندە يۇيۇڭ ، ئەمما سوپۇن ئىشلەتمەڭ
بوۋاقلارنىڭ ھەركىتى جىق بولىدۇ ، چوڭ كىچىك تەرەت ، تەرلەشتىن نۇرغۇن باكتىرىيلەر پەيدا بولىدۇ ، بوۋىقىڭىزنى كۈندە سۇدا يۇيۇڭ ئەمما ھىچقانداق سوپۇن ئىشلەتمەڭ . ئۇنىڭ زۇكام بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەڭ ، ئۇنىڭ ئانا تېنىدىن ئېلىپ چىققان ئىممونىت كۈچى سىزدىن ياخشى ، ھەپتىدە بىرلا قېتىم سوپۇن ئىشلىتىڭ ، مېنىڭ 2 بالامنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىدا بۇ بەك مۇھىم رول ئوينىغان .
داۋامىنى ئەتە كەچتە يوللاي



Aydar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:55:09

داۋاملىق!!!
بەك ياخشى گەپلەركەن. ئانار ھەقىقەتەن جىق ئىزدىنىپسىز...

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:12:35

ئانا بولغاننىڭ پايدىسى مانا،ئانارىمنىڭ يوللايدىغان تىمىلىرىمۇ سەرخىللاستى.بەك خۇش بولدۇم سىزدىن....

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:33:32

Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:55 static/image/common/back.gif
داۋاملىق!!!
بەك ياخشى گەپلەركەن. ئانار ھەقىقەتەن جىق ئى ...

:lolرەھمەت جېنىم ، داۋاملىق يوللاي ئەمىسە

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:48:13

ئاھۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:12 static/image/common/back.gif
ئانا بولغاننىڭ پايدىسى مانا،ئانارىمنىڭ يوللايدىغان ت ...

:$شۇنداق ھەدە ، بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ئۆزۈممۇ ھەم بەك ياخشى پايدىلاندىم .
دەسلەپكى كۈنلەردە ئاپامنىڭ ئۆيىدە بولغاچقا ئانچە چارچاپ كەتمىدىم ، يېڭى يىلدىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ يالغۇز قارىدىم قىزىمغا ، نەچچە كۈنگە قالمايلا سالامەتلكىم يار بەرمىدى ، بۇ ماقالىنى كۆرگىلى بىرەر ھەپتە بولدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىمنى مەشىق قىلدۇرۇشقا باشلىدىم ، ئارا كۈندە بىر نەئىمە كېلىپ ياردەملەشتى ، ھەر قېتىمدا ھاياجانلىنىپ ئۆزۈمنىڭ مەشىقىنىڭ نەتىجىسىنى سۆزلەپ بىزار قىلىۋەتتىم  ;Pقىزىم تۇغۇلغاندىن باشلاپلا 2 كۈندە بىر يۇيۇندۇرۇپ كەلگەچكە يۇيۇنۇشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ، يۇيۇپ بولۇپ قۇيرۇق ماي بىلەن تازا مايلاپ ياتقۇزۇپ قويسام شۇنداق خاتىرجەم ئۇخلايدۇ ، شۇڭا بۇ جەھەتتىن جاپا تارتمىدىم ، ئەمما ئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇرغىنىمدا قىزىمنى سەگەنچۈككە كۆندۈرۈپ قويۇپتىكەنمەن ، تولا تەۋرىتىپ ئەللەي ناخشىسىنى غىڭشىپ ھالىمدىن كېتەتتىم ، ھازىر ئۇنداق جاپالار قالمىدى ، كۆتۈرۈپ كارۋىتىغا سېلىپ بىر قانچە قېتىم ‹ ئۇخلاڭ ھە قىزىم › دەپ قويۇپلا چىقىپ كېتىمەن ، بىردەم ئويناپ ئۇخلاپ قالىدۇ ، ھازىر كۆتۈرۈپ ئەللەي ئەتسەم ياتىمەن دەپ تىرەجەپ ئۇنىمايدۇ .
كەچلىكى سائەتنى ھەر 4 سائەتتە بىر سايرايدىغان قىلىپ قويۇپ كېچىدە ئىككى قوپۇپ شۇنچىلىك چارچاپ كەتكەنىدىم ، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۈزىتىپ باقسام قىزىم كېچىسى تېگى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئويغۇنىدىكەن ، شۇنداقلا قۇرۇقداپ قويسام داۋاملىق ئۇخلاپ كەتتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندە سائەت 7 دە ئۇخلايدىغان قىلىپ مەشىق قىلدۇرسام تېزلا كىرىشتى ، ھازىر 7 دىن كېيىن قالسام جىلە بولۇپ كېتىدۇ ، كېچىدە ئۆزۈم ياتقىچە بىر قېتىم سۈت بېرىمەن ئويغانمىسىمۇ ، تاكى سەھەر 6 گىچە ئۇخلايدۇ ، خۇداغا شۈكرى بەك ساغلام چوڭ بولىۋاتىدۇ .

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:40:18

 7. پەقەت سىز خالىسىڭىزلا  ئانا سۈتى ئازلاپ كەتمەيدۇ JANE GUدوختۇر بىزگە 2 يېرىم ياشقىچە ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلانغان بوۋاق ئەڭ بەخىتلىك بوۋاق ، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا سىزدە سۈت ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ دىدى . قىزىم تۇغۇلۇپ 3- كۈنىگە كەلگەندە مېنى < ئىمىتىش سىنىپى >غا ئېلىپ كىردى ، ئۇ يەردە ناھايىتى راھەت كىرىسلو قويۇلغانىكەن ، دوختۇرلار بوۋاقلىرىمىزنى يالىڭاچلاپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بىزگە بەردى ، بىز بالىمىزنى ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتىدىن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىدى ، مېنىڭ قىزىمنىڭ ئېغىرلىقى خېلىلا ئېشىپتۇ ، شۇنىڭدىن بىلدىمكى پەقەت مەن خالىساملا قىزىمغا سۈت پاراشوكىسىز چوڭ قىلالايمەنكەن .

8.ئەللىيىڭىز سۈت ئىچىۋېتىپ ئۇخلاپ قالسا قانداق قىلىسىز
بوۋاقلار ئانا باغرىدا ئۆزىنى ناھايىتى بىخەتەر ھىس قىلىدۇ ، شۇڭا تويماي تۇرۇپلا ئۇخلاپ قالىدۇ ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە ئويغۇنۇپ يەنە ئوزۇقلىنىپ ئانىنى ناھايىتى چارچىتىۋېتىدۇ  . دوختۇر بىزگە بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى ئۈگەتتى ، ئۇ بولسىمۇ بالىنى يېشىندۈرۈش ، پەقەت زاكىسى بىلەنلا قويۇپ قويۇپ ئىمىتىش ، بالا ئانىنىڭ باغرىدا ئانىنىڭ بەدەن ئىسسىقلىقى بىلەن توڭلىمايدۇ ، ئىسسىق - سوغۇقلىقى شۇنداق ياخشى تەڭشىلىپ بوۋىقىڭىزنىڭ خاتىرجەم ئوزۇقلىنىدۇ . (ھاۋاسى سوغۇق رايونلار ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ )

9.ئانا سۈتى ئەڭ ياخشى دورا
قىزىم نىيۇ نىيۇ تۇغۇلۇپ 10 نەچچە كۈن بولغاندا بىر كۆزى قىززىرىپ ئىششىپ كەتتى ، دادىسى ئىككىمىز قورققىنىمىزدىن دوختۇرخانىغا ئۇچۇپ دىگۈدەك باردۇق ، دوختۇر : سۈت پاراشوكى بېرەمىسىز ؟ ئىمىتەمسىز ؟ دەپ سورىدى ، مەن : ئىمىتىمەن دىسەم ، شۇ سۈتىڭىزدىن كۆزىگە تىمىتىپ قويۇڭ دىدى ، دىگىنىدەك 2 كۈنگە قالمايلا قىزىمنىڭ كۆزى ياخشىلاندى ، بەلكىم ئانا سۈتى راستلا ياخشى دورا بولسا كېرەك .

10. زاكا ئالماشتۇرۇشنى بىلەمسىز ؟
بەلكىم بۇ سوئالنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتكەنسىز ، كىم زاكا ئالماشتۇرۇشنى بىلمىسۇن ؟ لېكىن مېنىڭ بىر كۈندە 5 قېتىم كىرلىك  يۇيغان رىكورتىم بار ، يېڭى زاكىنى تەييار قىلغۇچە بوۋىقىڭىز ۋەقە تۇغدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ، ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى : پاكىزە زاكىنى يېيىپ تەييارلاپ ، بوۋىقىڭىزنىڭ كونا زاكىسىنىڭ ئاستىغا قويىسىز ، مەينەت بولغان زاكىنى ئېلىۋەتسىز تېگىدە يېڭى زاكا بار ، بوۋىقىڭىز تۇيۇقسىز تەرەت قىلىپ قالسىمۇ كىرلىكىڭىز مەينەت بولمايدۇ .

11. تاماق تاللىمايدىغان بالا
بوۋىقىڭىز 4 ئايلىق بولغاندىن كېيىن گۈرۈچ ئۇنى ، ئاستا - ئاستا ئۆزىڭىز نىمە يىسىڭىز شۇ تاماقنى يىگۈزۈپ ئۆگىتىڭ ، قىزىمغا 6 تال چىش چىققىنىدا JANE GUدوختۇر ماڭا : قىزىڭىز ئەمدى بۇ 6 تال چىشى بىلەن ھەممە نەرسىنى يىيەلەيدۇ ، يىيەلمەيدىغان نەرسىسى يوق دىگەن ئىدى .




esil يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:23:31

ئانار بەك پايدىلىق تىمىكەن بۇ ، ھەمىمىدىن  ئاتا ئانسسىنىڭ قشىدا ئەمەس  ئانا بۇلۇش ئالدىدىكى ماڭا بەك پايدىلىقكەن ، كۆپ رەھمەت  ئاللاھ خالىسا چۇقۇم شۇنداق قىلمەن .

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:07:47

مىنىڭ «بورتەكجان»مۇ 3ئايدىن باشلاپلا ئانىسىنىڭ ئاغزىغا تەلمۇرۇپ نىمە يىسە شۇنى يەيمەن دەپ غەلۋە قىلدىغان ،بىز نىمە يىسەك ئۇمۇ شۇنى يەپ ئۇگەندى،ھازىر ئالتە چىشى چىقىپتۇ قارىغاندا ئەمدى خاتىرجەم تاماق يىسە بولغۇدەك .رەھمەت تىما يوللىغۇچىغا...

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:35:30

بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ئانار، قايسى كۈنى بوشلۇقىڭىزدا كۆرۈپ، بىرەر قۇر كۆڭلۈمگە سان چۈشكەن. دېمىىسمۇ بىز بەزىدە بوۋاقنى ھەددىدىن زىيادە پەپىلەپ، بەك كۆزىگە قاراپ كېتىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇللار ھېچقانداق كۈچ كەتمەيدىغان ئاددى ئۇسۇللاردۇر. پەقەت بىز ھېس قىلالىساق ھەم باغرىمىزنى «قاتتىقراق» قىلىشنى ئۆگەنسەك. بوۋاقلارنىڭ كۆزى ئاغرىپ، قىزىرىپ قالسا ئانا سۈتىنى تېمىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئامىرېكىلىقلاردىمۇ باركەن ئەنە. بوۋاقنى كىچىكىدە قانداق كىيندۈرۈپ ئۈگەتسە شۇنىڭغا كۆنىدىكەن، ئەمما مۇشۇ ئەجدادلىرىمىز بوۋاق دېگەن ئالتىنجى ئايدىكى غازنىڭ سايىسىدىمۇ توڭلايدۇ، دەپ تۇرىۋالىدۇ بەزىدە. ئوغلۇمنى سەل قېلىن كىيىشكە كۆندۈرۈپ قويۇپتىكەنمىز بىز، ماۋۇ يولدۇشۇم دېگەن 10 بالا بېقىپ باققان ئاداش تولا يۆگەپ، يېپىپ:Q. ئەمدى نىپىز كەيدۈرۈپ ئاۋارە;P .
  بوۋاقنى كۈندە بىر يۇيۇندۇرۇشمۇ بەك جانلىق ئۇسۇلكەن، بوۋاق تۇغۇلىشىغىلا دوختۇر-سېستىرالار پۇتنى ئاسمانغا قىلىپ يۇيۇپلا چۈشىدىكەن. ئاندىن ئەتىسىدىن باشلاپ كۈندە بىر يۇيۇشقا كىرىدىكەن. بوۋاق كۆنۈپ كەتكەچكە بەك خۇش بولۇپ، يىغلماي تۇرۇپ بېرىدىكەن. ئوغلۇممۇ شۇنداق كۆنۈپ كېتىپ، ئۆيگە يېنىپ چىققاندىن كېيىنمۇ ئىككى كۈندە بىر يۇيۇپ بېرەتتى ئاپام. ھەر بىر يۇغاندا شۇنداق خۇش بولۇپ كېتەتتى. مانا ھازىر چوپچوڭلا يىگىت، يۇيىنامسىز؟ دېسەم  خۇش بولۇپ، سۇدىن چىققىلى ئۇنىمايدۇ. بالا بوۋاق ۋاقتىدا كېتىۋېتىپ ئۆزىمىز يىگەن تاماقلاردىن، بولۇپمۇ كۆكتاتلاردىن ئاغزىغا سېلىپ قويساق ئاسانلا ئۈگىنىپ كېتەلەيدىكەن. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بالام سەينى تاللىماي يەيدۇ، ئەمما چوڭ بولغانسىرى تاماق يىگىلى ئۇنىماي جاپا بولىۋاتىدۇ.:L  
ياش ئانىلار، ئانا سۈتى يىتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم بوۋاق زېرىككۈچە ئىمىتكەن ياخشى، پايدىسىنى كېيىن ھېس قىلىسىلەر.
   ئانارنىڭ تەجىرىبە قىزىنى كۆرسەك بولىتى ھە. بۇ سىناقلارغا بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ. خۇدايىم كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بېرىپ، يەنە بىرى بولغاندا چوقۇم مۇشۇ بويىچە تەربىيلەيمەن.
   كۆپ ۋاقىت سەرپ قىپسىز، جاپا چەكتىڭىز!!!:hug:

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:42:40

گەرچە باللىرىم ئۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ناھايتى پايدىلىق تېمىكەن.نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق كۆرمىگەن بولغىيتىم:Q:Q.....شۇنداق بولسىمۇ ساقلىۋالدىم.دوستلىرىمغا سۆزلەپ بېرەرمەن،يەنە نەۋرىلىك بولغاندا نەۋرىلىرىمنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆزۈم بىر قوللۇق تەربىيلەپ بېرەرمەن.;P
رەھمەت ئانار،مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!!!:victory:
بەت: [1]
: بالىلىق بولغۇچىلارغا پايدىلىنىش