ئاياللار گۈزەللىكى ۋە يېمەكلىك
بەزى ئاياللارنىڭ تېرىسى يىرىك،يۈزىدە داغ كۆپ بولىدۇ،ھەتتا چىرايى يېشى ىبلەن ماس كەلمەيدۇ. بۇ ئىرىسىيەت، ئۇيقۇ ۋە چارچاش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن تاشقىرى، يېمەكلىكلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدە پەيدا قىلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تەسىرىگە ئاساسەن،(ئىشىقارلىق)ۋە (كىسىلاتارلىق)دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرى ، شۇنىڭىدەك ئۇن، گۈرۈج، شېكەر قاتارلىق كاربون-سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكىلەر ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق ھەر خىل(كىسىلاتا قالدۇقى)ھاسىل بولۇپ، قان ياكى باشقا سۇيۇقلارنىڭ كىسلاتارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار (فىزىئولوگىيلىك كىسىلاتالىق يېمەكلىكىلەر)دېيىلىدۇ. ئادەملەر پۇرچاق،خەيدەي ۋە تۈرلۈك كۆكتارلار، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىسىتېمال قىلسا، ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق ،كالتىسىي، ماگىنىي، تۆمۈر، مىس، سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ، قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلارنى ئىشقارلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار(فىزىئولوگىيلىك ئىشىقاتارلىق يېمەكلىلەر)دېيىلىدۇ. كىسىلاتارلىق يېمەكلىلەرنىڭ كۆپىيىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ۋە قان ئايلىنىش ئاجىزلاپ، ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىلىرى ئېلاستىكلىقىنى يوقتىدۇ-دە، تېرە يىرىكلىشىپ، قورۇق ۋا داغ پەيدا بولىدۇ. شۇڭا،ھايۋانات يېغىنى كۆپ ئىستېمال قىلىماسلىق، تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار كۆپ بولغان يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا،قاندىكى(پاسكىنا نەرسىلەر)تازىلىنىپ.تېرە پارقىراق ھە پاكىز ساقلىنىدۇ. بەدەندىكى مايدىمۇ ئاستا-ئاستا(ئوكسىدلىنش رېئاكسىيسى)پەيدا بولىدۇ. بۇ، يۈز تېرىسىدە پىگىمىنىت چۆكۈۋېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. ۋىتامىن Eۋە مىكرو ئېلىمىنىت سېلىن ماينىڭ ئوكسىدلىنىشىقا قارشى تۇرۇش ئىقىتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تەركبىدە ۋىتامىنEكۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىسىتېمال قىلىسا، داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى تېرىنى ياخشىلاپ، قورۇق ۋە داغنى ئازايتىدۇ. تېنى ئورۇق ھەم تېرىسى قورغاق،چېچى نۇرسىز ئاياللار ئۆسۈملۈك يېغى ۋە ھايۋانات گۆشلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.
مەنبە : تور دۇنياسى
ئاۋۇ ماقالە ئىككى قېتىم كۈچۈرۈلۈپ ئۇزىراپ كىتىپتۇ ............
شۇ مۇشۇ يىمەك - ئىچمەكتە قەتئىي دىققەت قىلالمايمەن دىسە مەن ، زىيانلىق بولسىمۇ كۆڭلۈم تاتقاننى يىمىسەم چىدىمايمەن ........... داپەنجى لازىسىنى جىق يېۋىلىپ ئاشقازىنىمنى ئاغرىتىۋالدىم يەنە ........:Q چىراي گۈزەللىكى بىلەن ئەڭ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكى مېنىڭچە يەنىلا ۋاقتى ۋاقتىدا ياخشى ئۇزۇقلىنىش ۋە كەچكى ئۇيقىنىڭ يېتەرلىك بولىشى بىلەن بەكرەك مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك دەپ قارايمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:01
بەت:
[1]