dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:10:44

بىلەيزۈكنى ئوڭ قولغا تاقىماڭ

بىر قىسىم كىشىلەر بىلەيزۈكنى ئوڭ قولغا تاقاش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ ئوڭ قول بېغىشقا زىيان يېتىشى مۇمكىن. چۈنكى «ئالىقان تومۇرى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك بىلەيزۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تۇرمۇشتا ئوڭ قول ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار كومپيۇتور مەشغۇلاتى قىلغاندا، بېغىش بوغۇمىنىڭ ھەرىكىتى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، بىلەيزۈك دائىم دېگۈدەك بېغىشقا پېتىپ قالىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بېغىش بوغۇمى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئوڭ قولىغا ھېچقانداق نەرسە تاقىماسلىق كېرەك.

saye يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:01:03

ئۆتكەندىلا سول قولغا بىلەيزۈك تاقاشقا، ئۈزۈك سېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى سول قولنىڭ تۇمۇرلىرى بىۋاستە يۈرەككە تۇتاشقان دەپ ئوقۇغان ئىدىم. يەنە ئازراق تەخىر قىلساق ئىككىلا قولغا بىلەيزۈك، ئۈزۈك تاقاشقا بولمايدۇ دىگەن ماقالە يوللانسا، ئوغۇللارنىڭ يۈكىمۇ يىنىكلەپ قالار ئىدى.  
بۇمۇ ئوبدان تېمىكەن. تويدىن بۇرۇن كۆرگەن بولسام جىق زىيانمۇ بولماسكەنتۇق.

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:14:52

بۇ پەتىۋانىڭ تازا جېنى يوقكەن... ئاياللار گۈزەللىك ئۈچۈن ئۇنداق قان تومۇرلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ...
ناۋادا بىرەر «ئالىم» بىلەيزۈك ياكى ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ئاياللارنى ئاسان قېرىتىۋېتىدۇ، يۈزدىكى قورۇقنى جىقايتىۋېتىدۇ... دېگەندەك بىرەر پەتىۋانى چىقارغان بولسا... ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى...:D

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:43:57

مەن ئوڭ قولۇمغا زورلاپ بىر قاشېتىشى سېلىۋېلىپ (كېسەلنى ئالىدۇ بەدەندىكى دىگەنتى ) ، ھازىر چىقىرالماي ....:L

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:58:32

ئانار يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:37 static/image/common/back.gif
مەن ئوڭ قولۇمغا زورلاپ بىر قاشېتىشى سېلىۋېلىپ (كېسەلنى ...

مۇنچىغا چۇشكەندە سىناپ بىقىڭ ،بەلكىم سۇپۇن سۇيىنىڭ ياردىمىدە ئاسان چىقىشى مۇمكىن ،بەك بولمىسا چوت بىلەن ئۇرۇپ چېقىپلا قۇتۇلارسىز شۇ بىلەيزۇكتىن .

يەرشارى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:51:18

زىبۇ-زىننەت خانىم-قىزلىرىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇمدۇر.ھەم گۈزەللىككە ئىنتىلۋاتقان ھەربىر خانىم-قىزلىرىمىز ئۈچۈن گۈزەللىك خائىشىدۇر!
ئەمما چەكتىن ئاشقان زىبۇ-زىننەت تاقاش بۇ بىر ساپاسىزلىقتۇر ۋە مەدىنىيەتسىزلىكتۇر!

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:00:42

ئەزىزتارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:58 static/image/common/back.gif
مۇنچىغا چۇشكەندە سىناپ بىقىڭ ،بەلكىم سۇپۇن سۇيىنىڭ ي ...

ۋاي سىنىمىدى دەمسىز ، سوپۇن ، ماي ھەتتاكى يالتىراق خالتىلار قالمىدى پايدىلانمىغان ، چاقاي دىسەم قولۇمدىن ئەنسىرەپ شۇ

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:12:35

راست دېمىسىمۇ ئوڭ قولغا بىلەيزۈك تاقىسا بەك بىئەپ بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئىشخانىدا. مەنمۇ قولۇمدىن قاشتېشى بىلەيشۈكنى ئايرىمايتىم، يەڭگۈشلەپ دېگەندەك. ئەمما تازىلىق قىلغاندا ئىدارىدە بىر ئەمەس ئىككىنى قۇربانلىق قىلىۋەتتىم، بەك ئىچىم سىيرىلىدۇ. بوپتۇلا، كەلگەن بالا-قازا كېتەر دەپ ئولتۇردۇم. ھارماي سوۋغا قىلىۋاتىدۇ، يەنە تاقاۋاتىمەن، ئانار دېگەندەك كېسەلدىن خالىي قىلىدۇ، خېيىم-خەتەردىن ساقلايدۇ، دەپ. ئېسىل، مەدەنىيرەك بىر نېمە بولسا بولىدۇ، بولمىسا ئىشخانا ياكى باشقا جايدا بولسۇن تاقىمايلا قويسا بولىدىكەن...

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:37:54

سول قولغىمۇ ؟ ئوڭ قولغىمۇ ؟؟قانداق ئىش بولۇپ كەتتى بۇ ... مەنغۇ ئانچە زىبۇ زىننەت تاقاپ كەتمەيمەن . سائەت تاقىساق بولارئەمدى ... سول قول بولۇپ قالسا ....:o
بەت: [1]
: بىلەيزۈكنى ئوڭ قولغا تاقىماڭ