peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:32:48

بۇ فىلىمنى مەن ياخشى كۆردۈم، سىزچۇ ؟

http://www.56.com/u32/v_NjU2Mzc3MjU.html

كىنو ئىسمى: پۇكار ،خەنزۇچىسى 叛国危情
رول ئالغۇچىلار : مادۇرى دىشىت ؛ ئەنىل كاپۇر
مادۇرى دىشىت، 1967-يىلى تۇغۇلغان، ئۇ ---- دىل، مۇھەببەت، مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت، ئۇسۇل ئوينايلى، دېۋداس (ھىجران، پىيانچۈكنىڭ ئاقىۋى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان )، ساختىلىقتىن ئۆزگەرگەن مۇھەببەت، كۈڭۈل دىگەن ساراڭ نەرسە ، قانلىق قىساس،ئاقىۋەت .....قاتارلىق 66 كىنوغا رول ئالغان.  ئۇنىڭ ئۇسۇلى بەكمۇ نەپىس ۋە ئەنئەنىۋى، رول ئېلىش ماھارىتى يۇقۇرى بولغاچقا، 4 قېتىم ئەڭ يۇقىرى شان شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەنىل كاپۇر، ھىندىستانلىق ئەپەندى دىگەن كىنوسى بىزگە بەكمۇ تۇنۇش بولسا كېرەك.
     بۇ   فىلىمدە،  3 ياش ئوتتۇرىسىكى مۇھەببەت تەسىۋىرلەنگەن، مادۇرى مۇھاببەتكە ئېرىىشش ئۈچۈن، مەخپى نۇمۇرنى دۇشمەنگە ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئاقىۋەتتە، ئەنىل كاپۇر، كۆپ جازاغا ئۇچرايدۇ، دۆلەتنى قوغداش بىلەن دۆلەتگە زىيانكەشلىق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسدا قانلىق جەڭ بولىدۇ، ئاخىرىدا ياخشىلىق يامانلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. مۇقىملىق، ئىناقلىق، دۆلەت ئامانلىقىنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.  
     ھۈكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئېيتىلغان ناخشىدا ھىنىدىستاننىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى لاتا ماڭگىشكا بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ، بۇمۇ كىنونىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان بۇلۇشى مۇمكىن، لاتا ماڭگىشكا ئەينى يىللىرى سەرگەردان فىلىمىدا رىتانىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى  ئېيتقان بۇلۇپ، ۇ ھىندىستاننىڭ داڭلىق ناخشا پېشىۋاسى . ھىندىستان فىلىملىرىدە ناخشىلارنى مەخسۇس ناخشا  چولپانلار ئوقۇپ بىرىدۇ.  ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئايال ناخشا چولپانلاردىن لاتا ماڭگىشكا،  ئاشا بوسلى ( بۇزۇلماس ۋەدە فىلىمىنىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقان ، بۇ فىلىم 82-يىلى ئىشلەنگەن)، ئانۇرادا پائۇدۋال، ئالكا ياگنىك، شىرىيا گۆشەل، ئەر ناخشا چولپانلاردىن ئۇدىت نارايان، كۇمار سانۇ، كىشورى كۇمار، مۇھەممەد ئەزىز (يۇرتىغا قاتيتقان ئەرۋاھ فىلىمىنىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقان ) ،  ئابجىھىت،سۇنۇ نىگام .....قاتارلىقلار بار.
   ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئىچىدە،يېقىنقى مەزگىلدە ئىشلەنگەنلىرىدىن، نيو يورك، مىنىڭ ئىسمىم خان، ئامەتلىك ساتىراش بىللۇ، دون،  دوستانە، ئوم شانتى ئوم، فانا  ....قاتارلىق كىنولىرى تورلاردا كەڭ تارقالغان.  

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:58:21

توۋا ، ماۋۇ تېما تەستىقسىزلا مۇنبەرگە چىقىپتا ؟ پىشقەدەم ئەزانىڭ شۇنداق ھۇقۇقى بۇلامدۇ يا ؟

تېما ماۋزۇسىنى مەزمۇنى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ قۇيۇڭ

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:15:01

پىشقەدەم ئەزا بولۇش خېلى كۆپ جەرياننىڭ مەھسۇلى. دېمەك، ئەزا پىشقەدەم بولغىچە قانداق تېمىنى يېزىش، قانداق تېمىنى يازماسلىقنى بىلىپ بولىدۇ. شۇڭا تەستىقسىز چىقسۇن دەپ تەڭشىدۇققۇ :)

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:28:07

ھە ، ئەسلى مۇنداقكەندە

pakdil يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:51:56

سىز ياقتۇرغان بولسىڭىز مەنمۇ كۆرۈپ باقاي قىنى:P

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:13:54

مىنىڭ ئىسمىم خان، ئامەتلىك ساتىراش بىللۇ بۇ ئىككى فىلىنى كۆردۈم، ھېندىستان فىلىملىرىدىن شۇنداق سەت چىقىپ كېتىپتىكەنمەن، ئەمما بۇ ئىككىسى ماڭا يارىدى، سىز دېگەن بۇ فىلىمنىمۇ كۆرۈپ باقاي!:P

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:41:22

ئۆتكەن يىلى ئامىرخان باش رول ئالغان ئۈچ ئەخمەق 三傻大闹宝莱坞نىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار مەزمۇنى بەك ياخشى تەربىۋى ئەھمىيىتىمۇ خېلى كۈچلۈككەن . مەرى ھەدە قىزىڭىزغا قويۇپ بېرىڭ فىزىكا ئالىمى بولۇپ كېتەمدۇ تېخى :victory:
بەت: [1]
: بۇ فىلىمنى مەن ياخشى كۆردۈم، سىزچۇ ؟