باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:03:26

قانداق ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ؟

1.    ساپاسى ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان ئايال.  قايسى بىر ئەر خوتۇنىنىڭ بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن، زامانغا ماسلاشقان ، ئەقىللىق بولىشىنى خالىمايدۇ.ئەرلەر بۇ خىلدىكى ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئابرويى ھىساپلايدۇ.
2.    ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچىسى بار ئاياللار. ئەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان  باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلالايدىغان ھەم رەت قىلالايدىغان ،پىكرى ئوچۇق ئاياللارنى جەلپكار ھىساپلايدۇ.
3.    مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان ئايال. مۇھەببەت كوچىسىدا ئېرىشىش، يوقىتىش، ۋاز كېچىش بەدەل تۆلەشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ماھىل قىلالىسۇن ياكى قىلالمىسۇن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان ئاياللار ھامان بىر كۈنى مۇھەببەتتە نەتىجە قازىنالايدۇ.
4.    ئايرىلسام ئۆلىمەن دەيدىغان ئىدىيىدە بولمىغان ئايال. ئەگەر  شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەپ قۇربانلىق بېرىپمۇ قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولالمىسا  ياخشىسى ۋاز كېچىش كېرەك. ۋاز كېچىشمۇ ۋاقتى كەلگەندە  ئاقىلانە تاللاش، چۈنكى ئۇ ۋاز كېچىشنى تاللىغۇچىغا يېڭىچە ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
       ئوقۇتقۇچىلار كۇلۇبى شام ئەپەندى يازمىسدىن كۈچۈرۈلدى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:28:19

جەلىپكار ئايال بولۇش، ياخشى ئايال بولۇش، ئاقكۆڭۈل ئايال بولۇش....نىڭ ھەممسىنىڭ ئۆلچىمى يوق، ئەمما ئۇ كىشى ئۆزىگە باغلىقتۇر. يۇقىرىدا دېيىلگەننىڭ ھەممىنى قىلالىساق تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما مۇشۇ مۇھەببەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋالىدىغان، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئاياللارنى كۆرسەم پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ. دۇنيادا مۇھەببەتلا يوقتە. ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى بەكمۇ مۇھىم ئامىلدۇر. ئادەم ئۆزىگە ئىشەنمىسە ئەرمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ.
  خانىم-قىزلارنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن!:victory:

ياۋاگۈل يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:31:38

‹‹مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان ئايال. مۇھەببەت كوچىسىدا ئېرىشىش، يوقىتىش، ۋاز كېچىش بەدەل تۆلەشلەر بولۇپ تۇرىدۇ.››توغراگەپ،خاتىرلەپ قويغدەكلا....:victory:

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:15:37

ياۋاگۈل يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:31 static/image/common/back.gif
‹‹مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان ئايال. مۇ ...

مەنمۇ بۇنى ئولچەم قىلسام مەڭگۈ توي قىلالمىغىدەكمەن:P

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:01:11

قەھۋە ھەدەمدىن ئۆرنەك ئالايلى ، ھۇررا !!!!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:34:49

بىر نەچچە چىراي ئىپادىسىنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىغان دوستلارنىڭ ئىنكاسى بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ..

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:04:36

ماقۇل ھەدە مەن دېققەت قىلاي  كوپرەك يول كورسىتەسىز
بەت: [1]
: قانداق ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ؟