مۇبارەكنى دارغا ئېسىش كېرەكمۇ-يوق؟
مۇبارەكنى دارغا ئېسىش كېرەكمۇ-يوق؟مۇبارەكنى دارغا ئېسىش كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
مىسىر تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ 2012-يىلى 5-يانۋاردىكى بۇ تەلىپى مىسىر ئاممىسى ئارىسىدا زور تالاش تارتىش پەيدا قىلدى شۇنداقلا دۇنيانى ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ قاتتىق قول ئەربابنىڭ تەقدىرىدىن ھەسرەتلەندۈردى. گەرچە ئاخىردا ھۆكۈم ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن مۇبارەك دارغا ئېسىلىشى مۇمكىن دېگەن خەۋەر بەزى مىسىرلىقلارنى ھاياجانغا سالدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بەزىلەر قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانىدا مۇبارەكنى دارغا ئاسىدىغان مۇۋاپىق جاينى ھازىرلاپ قويدى. مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئوچۇق ئاشكارا قارشى تۇردى. ئۇ: گەرچە مۇبارەكنىڭ بەزى قىلمىشى تەنقىدلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ لېكىن ئۇ 30 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدا مىسىر ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، ھاقارەت تۈسىنى ئالغان مۇشۇنداق ئۆلۈم جازاسى بېرىش مۇبارەككە نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ دېدى.
2012-يىلى 5-يانۋاردىكى سوت ناھايىتى تىنچ بولدى. ئوتتۇرا شەرق تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مۇبارەكنى سوتلىغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا جېدەللىشىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى، ئەتراپىدا قاراپ تۇرىدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز بولدى، سوت ئېچىلغان ئورۇن ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتى سىرتىدىكى مەيداندا ئون نەچچىلا ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى تەرتىپ ساقلاۋاتقان ساقچىلارنىڭكىگە يەتمەيتتى. قاھىرەدە 5-يانۋار تۇمان بولغاچقا، خەلقئارا داۋالاش مەركىزىگە بېرىپ مۇبارەكنى ئېلىپ كېلىدىغان تىك ئۇچارمۇ نائىلاج ئۇچۇش ۋاقتىنى ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن ئۈچ سائەت كېچىكتۈردى. ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، مۇبارەك چوڭ تۆمۈر قەپەزدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوراقنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلى ھەمدە مۇبارەكنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئالتە ياردەمچىسىمۇ قەپەزدە ئىدى.
سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەپتىش ئەمەلدارى مۇستاپا سۇلايماننىڭ مۇبارەكنى دارغا ئېسىش تەلىپى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۆلتۈرۋېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بەس بەستە: مۇستاپانىڭ سۆزى ئادىللىقنىڭ ساداسى، مۇبارەكنى دارغا ئاسقاندىلا ئاندىن مىسىر جەمئىيىتى ئادىل ۋە ھەققانى بولىدۇ دېيىشتى. لېكىن مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى: مۇبارەكنى دارغا ئېسىش ئادالەتسىزلىك، بۇ سابىق رەھبەرگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارىدى. نۇرغۇن كىشى مۇستاپانى: «سىياسىي نەزەر بىلەن دېلونى بىر تەرەپ قىلدى» دەپ ئەيىپلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىردا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى، نۇرغۇن ئامما مۇبارەكنى تېزدىن سوتلاپ قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇبارەكنى دارغا ئېسىش مىسىرنى ھاياجانغا سالدى. نۇرغۇن مىسىرلىقلار مۇبارەكگە يېنىك جازا بېرىشكە بولمايدۇ چوقۇم ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك، يېنىك جازا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نارازىلىق ۋە مالىمانچىلىقىنىپەيدا قىلىدۇ دەپ قارىدى. مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى لوندوندا نەشردىن چىقىدىغان ئەرەبچە «تۇرمۇش» گېزىتىدىكى ماقالىسىدا مۇبارەكنى دارغا ئېسىشقا ئوچۇق ئاشكارا قارشى تۇردى، ئۇ يەنە مۇبارەكنى بىر قانچە مىسىر رەھبىرى مەسىلەن پادىشاھ فەرۇخ، ناسىر، ساداتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، مۇبارەك بۇ كىشىلەر ئارىسىدا مىسىرغا ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەن كىشى دېدى.
مىسىردا چىقىدىغان «ھەپتىلىك گېزىتى»نىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: گەرچە مۇستاپا مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ مىسىر تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى بىلىش تەس. 5-يانۋاردىن بۇرۇن، ھېچقانداق سوتچى مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئوتتۇرغا قويمىغان. تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا سوتنىڭ يۆنىلىشىنى كونتىرول قىلىۋاتقانلار بارمۇ-يۇق؟ مەزكۇر گېزىتتە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئادەتتىكى سوتلاش تەرتىپى بويىچە مۇبارەكنى سوتلاش ناھايىتى ئۇزۇن داۋام قىلاتتى، بەزىلەر 83 ياشلىق مۇبارەك سوت نەتىجىسى چىقماستىنلا ئالەمدىن ئۆتۈشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى. مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىش قىلماسلىق ۋاختى كەلگەندە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەمما، مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرىلا مۇبارەكنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاخىرقى قارار چىقارغۇچىلاردۇر. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا: مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە، ئارمىيە دائىرىلىرى ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدۇ دېيىلدى. «ئوتتۇرا شەرق لىنىيىسى» تورى مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرى ئەڭ ئاخىردا موبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قوشۇلسا، بۇ ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ تەپىتش دائىرىلىرى بىلەن گېپىنى بىر قىلىۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ مۇستاپانىڭ ھۆكۈم جازاسى بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭمۇ نىيىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى مىڭلو نادار 6-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: فرانسىيە مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق يەردە بۇ جازانى ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. فرانسىيە ئاۋۋالقىدەكلا ھەر قانداق ئورۇن ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرىدۇ. بىز مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
نۇرغۇن ئەرەب ئەللىرىدە ھازىرغىچە دارغا ئېسىش جازاسى بار. دارغا ئېسىش ئەڭ ئېغىر جازا دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل جازا يەنە ھاقارەتلەش تۈسىنى ئالغان. مىسىردا، دارغا ئېسىش جازاسى ئادەتتە ئەڭ قەبىھ جىنايەتچىلەرگە قوللىنىلىدۇ. ئەگەر مۇبارەك راستىنلا دارغا ئېسىلسا، ئۇ تارىختا دارغا ئېسىلغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تۆتىنچى رەھبەر بولۇپ قالىدۇ. 1979-يىلى، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بۇتو راۋالپىندىكى مەركىزى تۈرمىدە مەخپى ھالدا دارغا ئېسىلغان. 1996-يىلى ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ناجىبۇلا تالىبانتەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان. 2006-يىلى ئىراقنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سادام دارغا ئېسىلغان ئىدى.
★★★★★
مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2012-01-08)
★★★★★
http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201201/t20120108_251178.html
★★★★★
مەنچە مۇبارەك يولداشنى دارغا ئىسىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر چوقۇم ئىسىش كېرەك بولسا،ئۇنىڭدا دارغا ئىسىلىدىغان رېئىسلەر كۆپلەپ كىتىدۇ.
بەت:
[1]