otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:43:34

بىز يەۋاتقان تۇخۇم توخۇ كاكىلىغان تۇخۇممىدۇ؟

http://player.56.com/v_NTc0MzkzMTM.swf
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:44  

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:18:51

توردا مۇشۇگەپلا بارغۇ ھازىر

saye يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:10:21

ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيانلىرى باردۇر بۇ «تۇخۇم» ئۇيۇتمىسىنىڭ؟

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:32:03

تۇخۇمغا ئامراقلىغىم مىنىڭ   نەس باسماس ئەمدى:L

يەرشارى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:03:46

مەن بۇلتۇر ‹توخۇنىڭ دەردى› دەپ ھېكايە يازغان بۇ تەسساۋۇرۇمنىڭ تېزلا رىياللىققا ئايلىنىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
قارىغاندا تەسساۋۇرۇمغا تايىنىپ يېزىۋاتقان فانتازىيەلىك ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ قورقىتىدىغان نەرسىلەرنى توختاتسام بۇلام نېمە؟

چالقۇش يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:06:46

كۈندە نەچچە تۇخۇم يەيدىغان ماڭا نىسبەتەن  شۇم خەۋەر بولدىغۇ زادى بۇ !
ۋاي ئاللا ما ئىنكاسىمدا پەگاغا چۈشۈپ قاپتىمەنغۇ مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چالقۇش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:07  

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:27:57

مۇشۇنداقلا بولۇپ ماڭسا ئۆزىمىز تېرىپ ، بېقىپ يەيدىغان كۈنگە قالىمىز جۇمۇ

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:13:02

بارغانسېرى ياشاشقا ئامالسىز قالامدۇ كىشى؟؟؟ ھەي...........
   ھەممىنى ئادەملەر قىلىپ، يەنە ئادەملەر يەۋاتىدۇ ھە، دۇنيادا ئادەمدىن رەزىل نەرسە بولمىسا كېرەك، ھايۋانلار چېغىدا بىر-بىرىنى زەھەرلىمەسمىش!!!
   مەن ئەزەلدىن سىرىتتا توخۇ قورۇمىسى يېمەيدىغاندىن، تۇخۇمغا تەۋەنى تېخىمۇ شۇنداق. ئائىلە بويىچە شۇنداق . چوڭلارغىمى يىگۈزمەيمەن ھەم ئالغۇزمايمەن. يەرلىك تۇخۇم ئىستېمال قىلىمىز، ھەر ھالدا ساختا تۇخۇمدىن، رېستۇراندا بولا-بولماس قورۇغان ئاپپاق تۇخۇمدىن كۆپ ياخشى. توخۇنىمۇ ئۆزىمىز ئېلىپ، بوغۇزلاپ، يۇپ- تازىلاپ دېگەندەك. ھازىرقى توخۇ ۋە تۇخۇم 100% ساختا، ناھايىتى زەھەرلىك. ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزلا...............
    بىز بۇ تۆۋەندىكىلەرغۇ ھەر ھالدا ئانچە-مۇنچە يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىپ تۇرالايدىكەنمىز، ئەمما ئۈرۈمچى رايونىدىكىلەرنى دەيمەن، تەس جۇمۇ تەس! پۈتۈنلەي 超市 نىڭ مەھسۇلاتىغا كۆنۈك، ئامال يوقتە.
  قايسى كۈنى قارىسام بىر قانچىسى دۇكاندىن سىرلىغان تۇخۇمنى كىلولاپ ئالغىلى تۇرۇپتۇ، قاراپ قاپتىمەن، شارائىت تۇرۇپمۇ مەجبۇر ئۆزىنى ئوتقا ئىتتىرىدىكەن دەيمەن، مۇشۇ بىزنىڭ بەزى خەقلىرىمىز خەنلەرنىڭ نەرسىلىرىگە ئالامەت ئامراق جۇمۇ، تەۋىرلىگۈسىزلا. ئوغلۇم چېغىدا مۇسۇلمانچە ئەمەسكەن، ئۇيغۇيچە خېتى يوقكەن، ئالمايلى دەيدۇ.
  ئامال بار شارائىتىمىز يار بەرسە مۇشۇ توخۇ، تۇخۇم دېگەننى قاراپراق ئىستېمال قىلايلى، يېمىگەنگە ھېچنىمە بولماس ئادەم، كۈنلەر ئۆتىدۇ ئوخشاشلا.
   ھە راست، ئەرلەر ئامال بار تۇخۇمنى ئاز ئىستېمال قىلغان ياخشى، ئۆتكەندىلا بىر ماتېرىيالدا كۆرگەنمەن.................

كۈنلەر يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:08:05

:lolكىم بىلىدۇ،بىز يەۋاتقان توخولارمۇ توخۇمدىن چىقمىغان توخو بولۇشى مۇمكىن.بەزىدە ئۆزەمنىڭمۇ راست يالغانلىغىغا ھۇكۇم قىلالماي،كىملىگىمگە پات-پات قاراپ قۇيىمەن.:lol

گۇلخان يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:23:36

سىز يا تۇخۇ بولمىسىڭىز؟  ناۋادا كىملىكىڭىز بولمىسا  قانداق قىلارسىز........................؟
بەت: [1]
: بىز يەۋاتقان تۇخۇم توخۇ كاكىلىغان تۇخۇممىدۇ؟