ئەپچىل چارىلەر
نىكاھلانغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئائىلە ئىشلىرى،ئىقتىسادى مەسىلە،پەرزەنتلەر مەسىلىسى،قېرىلار مەسىلىسى قاتارلىقلاردا زىددىيەت تۇغۇلۇشتىن ساقلىنىش تەس.ئەگەر شۇنداق مەسىللەر ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن،ئەر خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسياتقا تەسىر يېتىدۇ.ھەتتا تۇرمۇش بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت،ماجرالاردىن ساقلىنىپ ئىناقلىقنى ساقلاپ قالغىلى ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟1.سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىڭ.قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىغى كېلىپ تازا ئەزۋەيلەپ كەتكەندە،ئەڭ ياخشىسى گەپ قىلماي،ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىڭ ياكى بىر پىيالە چاي قۇيۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇڭ،بۇ ئۇسۇل جېدەلنى ۋاقتىنچە پەسەيتىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىغى يانغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
2.گەپنى يۆتكەڭ.قارشى تەرەپ مەلۇم ئىشنى تەگەپ قالغاندا،سىز دەرھال گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا،بۇلۇپمۇ ئىككى تەرەپ خۇشال بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى گەپكە يۆتكەڭ.بۇ ئۇسۇل تەگەشنىڭ ئاخىرىنىڭ جېدەلگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3.چاقچاق قىلىڭ.بۇ،جېدەل ماجرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل،ئۆز لايىقىدا قىلىنغان چاقچاق سۆزلەر جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىپ،ئىناقلىق پەيدا قىلىدۇ.
4.خاتالىقىڭىزنى تونۇڭ.ئەر خوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا چىقىشالماسلىغىدا ئادەتتە ئىككىلا تەرەپنىڭ مەسئۇليىتى بولىدۇ.شۇڭا كۆپرەك قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ،ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكىرىنى تەكشۈرۈپ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىڭىزنى تونۇشىڭىز كېرەك.
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى
ھەممىسى بىز قوللىنىدىغان ئۇسۇللاركەنغۇ... ياخشى تېما يوللاپسىز مىلودىيە! مانا مۇشۇنداق خانىم-قىزلارغا، نىكاھ-ئائىلىگە ئائىت تېمىلار كۆپ يوللانسا، ھەقىقى خانىم-قىزلار تور بېتى بولالايدۇ!:victory:
بۇرۇن بەك ئاچچىقىم يامان ئىدى، ھازىر كۆپ ئۆزەمنى تۇتىۋالىدىغان بولدۇم، ئەسلىدە مەن ئاچچىقىمنى يامان قىلمىساملا بەك نورمال بولىدىكەن ھەممە ئىشلار. شۇڭا سۈكۈتنى ئۆگىنىۋالدىم.:victory:
ئەمما ئۇ گەپ يۆتكەش، چاقچاققا ئايلاندۇرۇش مەشغۇلاتىنى كۆپ ئېلىپ بارىدۇ.:lol
مۇشۇ خاتالىقىنى تونۇش دېگەننى تازا ئۆگىنەلمىدىم مەن:L تەن بەرگىم كەلمەي... تازا ئاچچىقلاپ ئولتۇرغاندا ئەكەلگەن چاينى بېشىمغا ئېتىۋەتسە سىز تۆلەمسىز مىلودىيە:'(
خۇتۇن ئالغىچە ئىش بارمۇ نىمە؟ماڭا:$:'( توي قىلىپ بولغانلارغا ئۆگۈنۈش،توي قىلمىغانلارغا ساۋاقتۇر! مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:09 static/image/common/back.gif
تازا ئاچچىقلاپ ئولتۇرغاندا ئەكەلگەن چاينى بېشىمغا ئېت ...
ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ.بۇ ئۇسۇلنى مەن سىناپ باققان;P ماۋۇ بىزدەك تۇرمۇشقا چىقمىغان ياشلار ئۆگەنگەچ تۇرايلى مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:09 static/image/common/back.gif
تازا ئاچچىقلاپ ئولتۇرغاندا ئەكەلگەن چاينى بېشىمغا ئېت ...
سىز ئاتسىڭىزمۇ قىسمەت ئاكامىز سىزگە پىيالە بىلەن تەڭ چاينى ھەرگىز ئاتماسمىكى :lol مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:09 static/image/common/back.gif
تازا ئاچچىقلاپ ئولتۇرغاندا ئەكەلگەن چاينى بېشىمغا ئېت ...
ما گەپ راسىت جوما ئاچىقلاپ تۇرسا چاي ئەكەلسەك چىچىۋېتىپلا قاراپ تۇرسا يا يۈگۈرۈپ قۇپۇپ 4 نى سالغىلى بولمىغان ، بۇلۇڭغا بىرىپ مىشىلداپ قالامىزمىكى :P
بەت:
[1]
2