مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:06:32

بەختلىك ئائىلدىكى تۇيغۇ

    تەۋە بۇلۇش تۇيغۇسى:بۇ كىشىنى فىزىئولوگىيە جەھەتتىنلا قانائەتلەندۈرمەستىن،پىسخىك جەھەتتىنمۇ قانائەتلەندۈرىدۇ.كۈندۈزدىكى خۇشاللىق ۋە قايغۇنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادىمى بار ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.كۆڭلىدىكى ھەسرىتىنى ۋە خىيالىنى بىر-بىرىگە ئېيتالايدۇ.
    قوللاش تۇيغۇسى:ئائىلدىن غەيرەتكە كېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان،ئاكتىپ ئىشلەيدىغان،قىيىنچىلىقلارنى يوقىتىدىغان غەيرەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ.كەسىپتە ئالغا ئىلگىرىلەش غەيرەت ۋە جاسارىتى ئۇرغۇيدۇ.
    راھەت تۇيغۇسى:مەنىۋى ۋە پىسخىك جەھەتتىكى راھەت تەۋە بولۇش ۋە قوللاش تۇيغۇسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ،بەخىتلىك ئائىلىدە يەنە باراۋەرلىك،سەمىمىيلىك،ئىناقلىق كەيپىياتى تولۇپ تاشقان بولۇشى،بىرەر ئىشقا يولۇققاندا،بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان،بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان بولۇشى لازىم.
                                                          مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىلودىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:07  

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:52:09

بۇ خىلدىكى تۇيغۇلار بىر ئائىلە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنە ئىشەنچ تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ بار.
  مەندە بولسا قوللاش تۇيغۇسى ئېشىپ تۇرىدۇ دە لېكىن:P، ئۇنى ھەر تەرەپتىن بەك قوللايمەن، ياردەم بېرىمەن. ئادەتتىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئادەممەن. ئەمما ئۇ ھېس قىلالامدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيمەن.:lol

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:12:20

بىزنىڭ ئائىلىدە بار تۇيغۇلار ئىكەنغۇ:P، مەنمۇ سەت قوللىۋېتىمەن قىسمەتنى، مانا قوللىغاچقا يەتتە قىزلىرىمغا بەللىرىمنىڭ ئاغىرىپ كېتىۋاتقىنىغا قارىماي كىرىپ تۇرۋاتىمەنغۇ;P
بەت: [1]
: بەختلىك ئائىلدىكى تۇيغۇ