پائالىيەت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنبىرىمىزدىكى تۆھپىكار ئەزالارنى باھالاش پائالىيىتى قىلغان (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ) ئىدۇق. ئون نەچچە كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا دوستلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى ۋە قوللىشى ئاستىدا بۈگۈن بۇ پائالىيەت ئاياقلىشىپ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ قېتىمقى باھالاش پۈتۈنلەي ئوچۇق - ئاشكارە ئېلىپ بېرىلدى. دوستلارنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئون نەپەر دوستىمىزنى مۇنبەرنىڭ تۆھپىكار ئەزالىرى دەپ بېكىتىپ، ئاز بولسىمۇ تۆۋەندىكى ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاشنى لايىق تاپتۇق. پائالىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئورۇنلاشتۇرلۇشى ۋە ۋاقىتنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى لايىقىڭلاردا تەييارلىق قىلالمىدۇق. گەرچە مۇكاپات بۇيۇمى ھەر قايسىڭلارنىڭ تۆھپىسى ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز.
ئالدىنقى ئۈچ نەپەر ئەزاغا ( ئايدار، قەھۋە، سايە) كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەمىنلىگەن 8GB لىق بارماق دىسكىدىن بىر دانە، "كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش " ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق بارلىق سانى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
قالغان يەتتە نەپەر ئەزاغا (تىنچ ھايات، گۈلبەرگى، ئانار، دىلروھ، ئاھۇ، روھچىن، يەتتە يىگىت) كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەمىنلىگەن 8GB لىق بارماق دىسكىدىن بىر دانە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
ئەركمان ۋە ئۆتكەن كۈنلەر ئاكىمىزغا ، نەۋرۇزە ھەدىمىزگە مۇنبەر نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇلار بىزنى ئىنىسى، سىڭلىسى، پەرزەنتى ئورنىدا كۆرۈپ كەلدى. سىلەرنىڭ مۇنبەردىكى تۆھپەڭلار ئۈچۈن، ئاز بولسىمۇ "كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش" ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق بارلىق سانى ۋە "يەتتە قىزلىرىم" داستانىنى سۇندۇق، قۇبۇل قىلغايسىلەر.
باشقا ئەزالارنىڭمۇ مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس، قالدى-قاتتىىسىنى ئالدىمىزدىكى نورۇزلۇق پائالىيەتتە تولۇقلىۋالغايمىز.
مۇكاپالانغان ئەزالار ئېنىق ئادرېسى، تېلېفون نومۇرىنى مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بەرگەي. ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئەزالار قولاي بولسا، مۇكاپاتنى بىۋاستە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئېلىۋالغاي. (ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى بۇ يەردە)
رەھمەت سىلەرگە، تورداشلار، جاپا چەكتىڭلار!
ۋاھ. توردا ئەسەر يېزىپمۇ مۇكاپات ئالغىلى بولىدىكەن مانا....
بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزالارنى قاتتىق تەبرىكلەيمەن. 2006-يىلىغۇ دەيمەن، شىنجاڭ لىنىيىسى تورىدىن 300 كويدەك قەلەم ھەققى ئالغان ئىدىم. بۇ تورغا چىققاندىن بۇيانقى كىرىدىت يەنى كىرىم ئىدى. لېكىن تورغا سەرپ قىلغان دىبىت يەنى چىقىم ھېساپسىز. لېكىن بىر ھېساپتا تور مېنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمنى، ياشلىق باھارىمنى ئەكەتكەن بىلەن مەن توردا يېزىقچىلىق جەھەتتە چېنىقىپ، كىتاب چىقىرالايدىغان ھالەتكە كەلدىم.
ئىككىنچى قېتىم باغداش تورى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدۇم. 2011-يىلى ، ئۇنىڭدىنمۇ مۇكاپات ئالدىم، ماۋۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇم . مەن بۇ مۇكاپاتنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن، چۈنكى يەتتە قىزلىرىمغا كىرسەم ئۆزۈمنى تولىمۇ ئەركىن ۋە ئازادە ھېس قىلىمەن. كاللامغا كەلگەننى يازىمەن. كەينىنى سۈيلەپ ماڭا تەھدىت سالمايدۇ، تۈگىمىسە سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ۋاقتىمغا قاراپ جىق ئەسەرلىرىمنى پۈتتۈرىۋالدىم. ئەسلى يەتتە قىزلىرىمغا مۇكاپاتنى مەن بىرىدىغان يەردە ئىدىم.
يەتتە قىزلىرىم تورى- مېنىڭ بۇندىن كىيىنكى تاللىشىم بوپ قالغۇسى. بۇندىن كېيىن تىرىشىپ ئەسەر يازىمەن.
ھەممەيلەنگە رەھمەت!!! قىلغان ئىشىمنىڭ تايىنى يوق، مۇكاپات ئېپتىمەن...ھەجەپ خىجىل بولدۇم:P
سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!!!!
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بارلىق ئەزالارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن ........... ئېغىر مۇبارەكلىگۈدەك ئىش بوپتۇ جۇمۇ~~!
مۇكاپاتنىڭ چېيى بارمۇ يا؟ بولسا سامسىسى مەندىن جۇمۇ~:D مۇبارەك بولسۇن ھەممىڭلارغا `````:P مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلەيمەن.مۇبارەك بولسۇن!!!:victory: Aydar يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 00:04 static/image/common/back.gif
ۋاھ. توردا ئەسەر يېزىپمۇ مۇكاپات ئالغىلى بولىدىكەن مان ...
مۇكاپاتقا تۇيۇپ كىتىپسىز ماۋۇلانى قۇيۇپ قۇيۇڭ مەن ئەكىلىۋالاي مەنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتىمما. ئەسلى لايىق ئەمەسمەن!:L saye يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:47 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتىمما. ئەسلى لايىق ئەمەسمەن!
مېنىڭ مەيلىم بويىچە بولسا ساڭا جازا بېرەتتىم، ئەپسۇس دوستلارنىڭ باھالىشى بىلەن مۇشۇنداق بولۇپ قالدى:@، كېيىنچە گۇناھىڭنى تونۇپ ياخشى كىشىلەرنىڭ سايىسى بولساڭ بولدى:lol
دوستلار سېنىڭ كوتۇلداپ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدىغنا ئىنكاسلىرىڭنىڭ يۈزىنى قىلىپ ساڭا جىق بېلەت تاشلاپ ساپتۇ شۇ;P