نەۋرىزە: ھايات......
ھاياتھايات گۈزەل، ھايات شرىندۇر،
بىراق دائىملا شېرىن بولۇش تەس.
بەزى شاخلىرى گۈل بوپ ئېچىلسا،
تىكەن دەردىدە ئۇنى ئۈزمەك تەس.
ھايات قەلبىڭدە غەمخاناڭ بولسا،
ئۇ يەردىن تېزلىكتەچىقىپ كېتىش تەس.
ۋە لېكىن قۇلى بوپ ئولتارما مەڭگۈ،
شەيتان قولىدا بولىسەن بىر پەس، مەس.
ھايات قەلبىڭدە سۇلتانىڭ بولسا،
شۇندا شەيتان قىلالمايدۇ قەست..
ئالدىڭدا قامەتلىك سەلتەنەت سۈرۈپ،
چارىباغ قوينىدە باسماس سېنى نەس.
چارى باغ ھەر ۋاقىت گۈزەل بولسىمۇ ،
چارى باغ ئىچىدە سەنەم بولماق تەس.
ئىزلىسەڭ سەنەمنى غېرىپ بوپ كىرىپ،
كۆرۈسەن سەنەمنى ئېلىپ قاچماق تەس.
ھايات بېغىدا بۇلبۇل سايرىسا،
شاقتا بۇلبۇل مەڭگۈ تۇرۇشى تەس.
قۇرىغان دەرققە بۇلبۇلمۇ قونماس،
شۇ چاغدا ھاياتقا كۈلۈپ قاراش تەس.
ئاپتورى: نەۋرىزە
2012- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى
شىئىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشىكەن ھەدە ......... hilal يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 02:25 static/image/common/back.gif
شىئىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشىكەن ھەدە .........
ئەكىس سادا چىقىپ كېتىپتىكەن تۈزەپ قويدۇمغۇ:P ھايات گۈزەل، ھايات شرىندۇر،
بىراق دائىملا شېرىن بولۇش تەس.
...............
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز.
نەۋرۇزە ھەدەمنىڭ بىز بىلمەيدىغان ھۆنەرلىرى جىقكەن جۇمۇ، بۇنداق ئېسىل شېئىرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرايلى!
ھا..ھا...ھا.....مەرىۋەرى سىڭلىم، نەدە ھۆنەر كۆپ بولسۇن، ئەمما كۆرگەن ئاڭلىغان كۆپ بەزىدە ئانچە- مۇنچە ئىلھام كېلىپ قالىدۇ.
ياقتۇرغۇنىڭلارغا تەشەككۇر!!!! مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:35 static/image/common/back.gif
ئەكىس سادا چىقىپ كېتىپتىكەن تۈزەپ قويدۇمغۇ
ئەكس سادا ئەمەستى جېنىم ، تورۇم ناچار ..............بىر يوللىسام تەكرار يوللىنىپ كىتىپتۇ شۇ ...........
بەت:
[1]