(قەھۋە)ئەرلەرگىمۇ بار مانا!
ياخشى ئەر بولسىڭىز بۇلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ بەزىلەر نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دېيىشىدۇ، بۇنىڭمۇ مۇئەييەن ئاساسى بار. نىكاھلىق تۇرمۇشتا چۆمۈچنى قازانغا تەگمەيدۇ دېيەلمەيمىز، مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك جېدەللەرئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مېھرى -مۇھەببەتنى خورىتىدۇ، نەتىجىدە نىكاھ راستىنلا مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ياخشى ئەر بولاي دېسىڭىز، بۇنىڭدىن ساقلىنىشىڭىز زۆرۈر، ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس، پەقەت كۆڭۈل بەرسىڭىزلا كۇپايە.ئىلگىرى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ. بۇ ھېسسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئامالى.
خاتىرە كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇنداق كۈنلەرنى ئۆزىڭىز ئويلىغان ئەڭ رومانتىك ئۇسۇل بىلەن خاتىرىلەڭ.
گەدىنىڭىزدىكى قەرزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئايالىڭىز سىز تېخى ھېچنېمىسى يوق‹‹ يالاڭتۆش يىگىت›› ۋاقتىڭىزدا سىزگە ياتلىق بولغان. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى بەختلىك قىلىشقا تىرىشىڭ.
داۋاملىق كۆيۈنۈڭ. تويدىن ئىلگىرى پېيىدىن چىقماي سوكۇلدايدىغان، تويدىن كېيىن ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق بولمايدىغان ئەر بولماڭ، كۆيۈنىشىڭىز ئىزچىل بولسۇن.
ئانچە-مۇنچە ئايرىلىپ تۇرۇڭ . ئىككى ئادەم ئۇزاق مەزگىل بىللە ئۆتسە، يېڭىلىق بولماي قالىدۇ ، شۇڭىمۇ مۇۋاپىق پەيتتە قىسقا مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغانمۇ ياخشى، بۇمۇ سېغىنىشنى كۈچەيتىشتىكى ئوبدان ئۇسۇل.
مەنبە: ‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› مەنغۇ ئوزەمنى ‹‹ يالاڭتۆش يىگىت›› لەر قاتاردىن يوق دەپ ئويلايمەن،لىكىن يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىگە مەن ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم.چۇنكى ئايالىغا ۋاپادار ئەر بۇلۇشنى دادامدىن ئۇگەنگەنمەن. گەدىنىڭىزدىكى. . . ھەجەپ قاتتىق گەپكەن ماۋۇ . . . قۇرسىقىڭىزغا سەپ قۇيۇپتىكەنسىزدە rohqin يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:35 static/image/common/back.gif
گەدىنىڭىزدىكى. . . ھەجەپ قاتتىق گەپكەن ماۋۇ . . . قۇرسىقىڭ ...
ھاھاھا...دېگەن گىپىنى. ئۇنىڭچۇ قورساققا سەپ قويغىدەك ئىشىمۇ يوق. شۇ سىلەرنى ئوبدانراق ئەر بولامدىكىن دەپ... مەن ئويلىشىپ باقسام بۇلامدۇ نېمە ؟ بىراق ئايرىلىپ تۇرايلى دەپ قىسقا مەزگىللىك ئايرىلسام ۋاختى مۇدەتتىسز ئۇزۇراپ كىتەمدىكىن دەپ قورقىمەن :lol:) يەنىلا ئايرىلمىغان ياخشى. ‹ئايرىلىپ تۇرۇش 3- شەخىسنى پەيدا قىلىدۇ› دەپتىكەن بەزىلەر.
(距离产生第三者)。يەنىلا جوبودەك چاپلىشىپ تۇرغان ياخشى.;P
شۇ شۇ ... ئەرلەرگە ئۆگەتكەچ تۇرايلى زادى ........ رومانتىكا-پومانتىكا دېگەنلەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن...
خاتىرە كۈنلەر بولسىمۇ ، قىزىرىپ پىشقان سامسىدىن 4-5 نى ياغلىققا تۈگۈپلا ئېلىۋالىمەن شۇ....
ھەي مۇشۇ رومانتىكا دېگەن نېمە زادى؟ ھېلىقى لەغمەننى ئارىدا يەپ، مەنتاڭنى رومكىدا ئىچىدىغان ئىشلار ئەمەستۇ ھە؟ ھېلىقى ياغلىكتەك نېمىنى بوينىغا چىگىۋېلىپ، «فېتىر مانتا يەمسىز جانىم؟» دەيدىغانلارنى كۆرسەمغۇ تىكەنلىشىپ كېتەتتىم... ماڭا بىر ئۆگەتسەڭلەر بولاتتى...:L ھېلىمۇ ئايرىلىپ ياتقىلى 4 ئاي بولدى. ئەمدى ئايرىلغىلى بولمايدۇ. :lol سامسىپەز يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 02:28 static/image/common/back.gif
رومانتىكا-پومانتىكا دېگەنلەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىك ...
لەغمەننى ئارىدا يەپ،مەنتەڭنى رومكىدا ئىچىپ........ۋاي نىمانداق قىزىق،تازا كۈلۈپتىمەن......;P
بەت:
[1]
2