بالىلىقنى ئىزدەپ . . .R
http://www.rohqin.com/wp-content/uploads/2012/01/baliliqni-eslep.jpghttp://cloud.kugou.com/singlePlayer/4/362/0/1/ce51762f4216a1286d8557319c06e004.swf
تېزراق چوڭ بولۇش – كىچىكىمدە كېچە – كۈندۈز ئويلايدىغان ئارزۇلىرىمنىڭ بىرى ئىدى .
ھەر قېتىم بالىلىق خىياللىرىمنى ئەسكە ئالغىنىمدا بالىلىقىمنىڭ مەندىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن .كىچىك ۋاقتىمدا، دۇنيادا دۇنيادا ياخشى ۋە ياماندىن ئىبارەت ئىككى خىللا ئادەم بار دەپ ئويلايتتىم. كىم بىلسۇن دەيسىز؟ بۇنداق تالاش – تارتىش كەتمەيدىغان بىر ئىشنىڭ بارغانسىرى خۈنۈكلىشىپ كېتىشىنى .
دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ مۇتلەق ياخشى ياكى يامان بولمايدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم.
ياخشى ئادەم-يامان ئادەم : بۇ بىزنىڭ ئادەملەرگە بولغان كۆزىتىش نۇقتىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يۈزەكى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان يەكۈن ئىكەن.كىچىكىمدە ئوقۇغان چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى شاھزادە بىلەن مەلىكە نۇرغۇن جاپالاردىن كېيىن بەختىگە ئېرىشكەنلىكتىن ئىبارەت بىرلا نەتىجە بىلەن ئاياقلىشاتتى. «بەخىت» دىگەن بۇ سۆز بەزىدە ئىنتايىن ئاددى بىر ئۇقۇمكەن ، ئۇ بىزنىڭ قانداق ھېس قىلىشىمىزغا باغلىقكەن . بالىلار چۆچەكلىرىدىكى شاھزادە-مەلىكىلەرنىڭ ئۆز بەختىنى تېپىپ ئاخىرلىشىشىدەك نەتىجىنىڭ پەقەت كىچىك بالىلارغىلا يېزىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندە بولسا بەخىتكە ئېرىشىش كىشىگە ناھايتى مۈشكۈلدەك بىلىنىدىكەن .https://public.sn2.livefilestore.com/y1pBlE2f7Upv7XEh5XfMbuVYVRZlnsmlmWo9zQ62cqTWvrB7HCjazKxfDUEjWbOm9WHtnupyKANmcxV1TozARK4Eg/201112035432139.jpg?psid=1كىچىكىمىزدە دادىمىز ئىنتايىن قەيسەر، قاۋۇل-بەستلىك، ھەممە ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدىغان، قولىدىن جىمى ئىش كېلىدىغان شۇنداق ئۇلۇغ بىر ئىنسانكەن. لېكىن دەل بىز چوڭ بولۇپ، قىران پەسلىمىزگە كەلگەندە باشتىن – ئاخىر يېنىمىزدا ھەمرا بولۇپ بىزنى قوغداۋاتقان شۇ كىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن چېچىنى ئاق بېسىپ، قاۋۇل گەۋدىسىنىڭ مۈكچىيىپ كەتكىنىگە دىققەت قىلىپ باقمايدىكەنمىز. ئۇنىڭ شۇ قەيسەرلىكى بىز ھەر قېتىم ئۆيدىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا بارا – بارا ئاجىزلاپ تۈگەيدىكەن. بىزدىن ئەنسىرەش، بىزنىڭ غېمىمىزنى يىيىش ئۇنىڭ قەددىنى پۈكلەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە، چوڭ بولماقنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتقىنى پەقەت بىزلا ئەمەسكەنمىز. لىكىن، بىز شۇ دادىمىزنىڭ بىزئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ھېس قىلالىدۇقمۇ؟https://public.sn2.livefilestore.com/y1phrA8jfZdhyzP6W577YsDUvY-ACJrucWVhyJCgC24gzie1Cu3xo4NAzTYpCglcw2JK78c49o6UW4qf9n9A_iTpw/1_110625093050_5.jpg?psid=1
كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىزمۇ ئاسماندا بەك جىق قۇياش بار، بەزى جايلاردا قۇياش پارلاپ چىقىدۇ، بەزى جايلاردا قۇياش بۇلۇتنىڭ كەينىگە مۈكۈۋالىدۇ دېگەندەك گۆدەكلەرچە خىيالدا بولغانمۇ ؟ سىزمۇ قۇياش ۋالىلداپ چىققان چاغدا خۇش بولۇپ كۈن تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلاردا، سىزمۇ تۇتۇلۇپ قالغانمۇ ؟ مانا مەن شۇنداق ئىدىم . قاراڭغۇ چۈشەي دىگەن ۋاقىتتا قۇياشنىڭ كەينىدىن ئۆلگۈدەك قوغلايتتىم ، يۈگۈرەپ – يۈگۈرەپ ئاخىر يىتىشەلمىگەن ۋاقىتتا سولىشىپ ئۆيگە قايتاتتىم .https://public.sn2.livefilestore.com/y1pjvkeOVvSTqYNf0RMKDjrg0j8Xb0eZGaoisHBcwJkJOP-MciZ_SK50qXVxkTDFkl6L7-8AY33SnfU7p1azuf6Pw/18.jpg?psid=1
ھەممىمىز بىلىمىز، ئۆي بىزنىڭ پاناھ جايىمىز. ئۆي بىزنى يىرىتقۇچلاردىن، قار-يامغۇر، بوراندىن ساقلايدۇ. بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ياكى تۆت تېمى ئەمەس، بەلكى شۇ ئۆيدىكى ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئىزچىل سىزگە ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەن شۇ قەدىردانلار ھازىرمۇ ساق-سالامەتمۇ؟ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولالمىغىنىڭىزغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغاندۇ؟ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى ئۆزىڭىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئەمەس، بەلكى سىزگە بېرىلگەن پۇرسەت دەپ بىلىڭ ، ھەر ۋاقىت ئۇلارغا مېھرى – مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ، دۇنيا پەقەت مۇھەببەت بىلەنلا گۈزەلدۇر.(ئۇنىڭ ئورنىنى پۇل ئىگىلەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ) ۋاقتى كەلسە سىزنىڭ ئىككى ئېغىز تىنچلىق سورىشىڭىز، ئاپىڭىزغا ياردەملىشىپ بىر تەخسە ئوخشىغان لەغمەن ئىتىشىپ بېرىشىڭىز، دادىڭىز بىلەن گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭلىشىپ قويىشىڭىز ئۇلارغا بولغان ئەڭ چوڭ سوۋغا بولالايدۇ.
https://public.sn2.livefilestore.com/y1pOj9cQgoE6wt2eulwzBPdeB0iG0R17k4yuqNFMMLliqhyzahlgSMy3n1YUkrxjw9jA-IezHtsiPovvxlRsz4qaw/3.jpg?psid=1كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى ئەشۇ ئارزۇلىرىڭىز ئېسىڭىزىمۇ؟
كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە مايماق – سايماق قىلىپ « مەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن »، « مەن چوڭ بولسام دوختۇر بولىمەن »، « چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولىمەن » دەپ يازغانلىرىڭىز ھېلىمۇ ئىسىڭىزدىمۇ ؟ قاراڭ ، ئەسلىدە كىچىك ۋاقتىمىزدا ھازىرقىدەك پاسسىپ ئەمەسكەنمىز. ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز بوپ بېقىپتىكەن، قاراپ باقايلى بىز شۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ قايسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدۇق؟
چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەممىمىز تىرىشتۇق، مىدىرلاپ تۇردۇق. بەزدە ئۇتۇق قازاندۇق، بەزىدە يىقىلىپمۇ چۈشتۇق. مۈدۈرەپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە يولىمىزنىمۇ تېپىۋالدۇق. تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ- خىل سىناقلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىزنى ئاستا-ئاستا شۈمۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاددىيلىقنى قوبۇل قىلدۇق ، ھەممىگە كۆنۈپ كەتتۇق ، رېئاللىقنى تونۇپ يەتتۇق، بارا – بارا بالىلىقىمىزدىكى جۇشقۇنلۇققا تولغان ئارمانلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشتۇق.
https://public.sn2.livefilestore.com/y1pkcspaWXs1aSVGXE2hH0Lzr_seOAPWLov0eWwfak3Hi4QRLnwkYGk9r8bn6-w51QDLX4r_26dDJY0cxx7_szJMg/16.jpg?psid=1كىچىكىمىزدە مۇھەببەت نەپرىتىمىز شۇنچىلىك ئېنىق، ھەققانىيلىق تۇيغۇمىز شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى. ئۆزىمىزنى ھىكايىلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئورنىدا قۇياتتۇق، ناھەق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئارلىشىپ بىر تەرەپ قىلغۇمىز كېلەتتى. چوڭ بولغاندا جەمئىيەتتە ئۇنداق قەھرىماننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارغاندا بىركۆزنى قىسىش كېرەكلىكىنى ئوبدان ھېس قىلدۇق. قېرى، ئاجىزلارنىڭ يانچۇقىنى كولاۋاتقان يانچۇقچىغا سۇقۇلۇپ بەرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدۇق.
https://public.sn2.livefilestore.com/y1pWgmA42DdBa_M70xLXkHHov8v5aWxiTNaF1z3vDvKzjiDyHl3iEhdQeR5mvniajdDp2rsEG_bEMJBm9P2BChJpA/0909262dhcdliphshc5bp5.jpg?psid=1كىچىكىمىزدە بىللە ئوينىغاننىڭ ھەممىسىنى دوستۇم دەپ قارايتتۇق، چۈنكى ئۇلارنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتۇق. بىللە يۈرگەندە خۇشال بولالىغان كىشىلەرلا بىرگە ئۆتۈشكە لايىق ئىكەن. ھازىرغا كەلگەندە بىز دوست ئەمەس شېرىك تۇتىمىز، دوستنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز .
چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدىكەنسىز، بىللە تاماقلىنىدىكەنسىز، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدىكەنسىز. بىللە كۆڭۈل ئاچىدىكەنسىز، لېكىن شۇ جايدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىيەتتە سىز تونۇمايدىكەنسىز. قارىماققا كەيپىيات ناھايىتى جۇشقۇن بولسىمۇ، تۇرۇپلا بىئارام بولىۋاتقاندەك، ئۆزىڭىزنى ئەركىن-ئازادە قۇيىۋىتەلمىگەندەك ھېس قىلىدىكەنسىز. چۈنكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۇ يەردە ئەمەستە .
كىچىكىمىزدە قوشنا ئۆيلەردىكى كىچىك دوستلىرىمىز بىزنى داۋاملىق ئوينىغىلى ئىزدەپ كېلىپ بىزنى زېرىكتۈرىۋەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بوپتىكەن. چۈشلۈك تاماقنى بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە يەپ چۈشتىن كىيىندە قوغلاشماق ئويناپ كۈننىڭ قانداق ئۆتكىنىنى سەزمەيمۇ قاپتىكەنمىز .
ھازىر خوشنىڭىزنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقى، تەنھا ياكى ئائىلىسى بارلىقىنى سىز بىلەمسىز ؟ پەقەت بەزىدە دوقۇرۇشۇپ قالغاندىلا ئەدەپ يۈزىسىدىن سالاملىشىپلا قويىدىكەنمىز يۇ، بىر- بىرىمىزنىڭ ئۆلۈك – تىرىكىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىكەن . قوشنا دېگەن بۇ ئۇقۇممۇ بىز چوڭ بولغانسىرى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ يوقىلىپ كېتىدىكەن .
https://public.sn2.livefilestore.com/y1p7ah7b_e0lYFIkRgkClH8PSSZBUegsM2ZUser87f9kDGO_1dNrXkVjZS30KtuxwA4SmiqBML6rG4gMWJw3jvA0Q/58.jpg?psid=1
كىچىكىمىزدە ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاندا بىزنى چوڭ ئانا- چوڭ دادىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ بىزگە بىلدۈرمەي قېچىپ كەتكەندە يىغلاپ، ۋاقىراپ – جاقىراپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيىپتىكەنمىز. چوڭ ئانىمىز ئېغىزىمىزغا بىر تال كەمپۈتنى سېلىپ قويغاندا شۇ ھامان يىغىدىن توختاپتىكەنمىز . ئېغىزىمىزدا كەمپۈتنىڭ تاتلىق تەمى ، كۆزىمىزدە ياش يۇقى . نېمىىگەن ساپ تۇيغۇ ھە؟
چوڭ بولۇپ ، ئاتا – ئانىمىز بىزنى ئېلىپ ھەر خىل يىغىلىش ئولتۇرۇشلارغا بارماقچى بولغاندا بولسا بىز ھەرخىل باھانىلەرنى تېپىپ ئۆزىمىزنى قاچۇرىدىكەنمىز . ئادەم كۆپ جايدا تۇرۇشقا ئۆچكەنمىزيۇ، ئۆزىمىز يالغۇز بىر ئۆيگە بىكىنىپ ئولتۇرۇشقا رازى بولىدىكەنمىز . ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي كىشىلەر توپىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىكەنمىز.
كىچىكمىزدە چوڭ بولغۇمىز كېلىدىكەن ، چوڭ بولغاندا بولسا بالىلىققا قايتقۇمىز كېلىدىكەن ، مۇشۇنداق زىددىيەتلىك تۇيغۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئۆزىمىزنى ئالالماي يۈرىدىكەنمىز . ئويلاپ باقساق بالىلىقتىكى ھېسلار ھەممىدىن ساپ – تەبئىي، ھەممىدىن تاتلىق ، ھەممىدىن ئۇلۇغ بولىدىكەن . چوڭ بولغانسىرى ھەممە نەرسە سۈنئىيلىشىپ كىتىدىكەن .خەيىر بالىلىقىم، غەمسىزلىكىم . . .
سىزنىڭمۇ ئەسلەپ بەرگۈدەك سىرلىرىڭىز باردۇ ؟
روھچىن قەلب خاتىرسى
http://www.rohqin.com/?p=763
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:17
مەن ئىسىمدە قېلىشچە 8-9ياش ۋاقىتلىرىمدا مۇز تېيلىش،ئات مىنىش ،كەكلىك تۇتۇشقا بەك ماھىر ئىدىم ،ھازىر ئويلىسام رەھمەتلىك دادام ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا تۇلىمۇ يۇقۇرى تەلەپ قۇياتتىكەنتۇق . ئېسىلكەن ! بىر تىنىقتا ئوقۇۋەتتىم . تەشەككۈر ! كىچىكىمدە زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاپپاق ئىدى ،چوڭ بولغاندا بىلدىمكى زىمىن رەڭگارەڭ ئىكەن،كىچىكىمدە چۆچەكلەرئىچىدە ياشايتتىم،چوڭ بولغاندائاخىرى يوق خىياللارئىچىدە ياشاۋاتىمەن.كىچىكىمدەغۇبارسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن تۇرمۇش سەھنىسىدە ئىجابىي رول ئالاتتىم،چوڭ بولغاندا تىرىكچىلىك ئۈچۈن خاتا قەدەملەرنى بىسىپ سەلبى روللارنى ئىلىۋاتىمەن. كىچىكىمدە رەزىللىك دىگەننى بىلمەيتتىم،چوڭ بولغاندا بىلدىمكى رەزىللىك ئىنسان توپىدا مەۋجۈتلىقىنى يوقاتمايدىكەن..... ياۋاگۈل يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:19 static/image/common/back.gif
كىچىكىمدە زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاپپاق ئىدى ،چوڭ ...
توغۇرا دەيسىز
مەنمۇ بىلوگىمغا نەچچە ئاي ئىلگىرى مۇشۇنداقراق مەزمۇندا بىر تىما يازغانتىم
ئۇۋاقىتتا ۋىجدان-غۇرۇرنى ئەڭ ئالى مىزان، ئەر كىشىنىڭ دەسمايىسى قاتارىدا كۆرەتتىم،ھېلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ئالدامچلىقتەك رەزىل ۋاستىلەردىن يىرگىنەتتىم.
ھازىر ئادمدە ۋىجدان -غۇرۇربىلەن، ھېلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئۈزىنىڭ قوغداشنىڭ رەزىل قالقانلىرىنىڭمۇ بىللە بۇلىشىنىڭ زۈرۈللىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئىشىمدا دۇنيا، ئىنسانىيە، مىللەت، ۋەتەننى كۆزلەيدىغان ئۇلۇغۋار غايە- مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغ بىر كىشى ئىكەنلىكىمنى، ئەتىراپىمدىكىلەرگە زادى ئوخشىمايدىغىنىمنى ھېس قىلاتتىم. ئۈزۈمنى ئەتىراپىمدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئوخشىمايدىغان بىر يەلىرىمنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشاتتىم.
ھازىر ئۈزۈمنى مۇشۇ دۇنياغا كىلىپ كىتىۋاتقان تۈمەنمىڭ كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ناھايىتى ئاددى بىر ئادەم بالىسى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ھەر بىر ئىشىمدا شەخسى پايدا-مەنپەئەتنىڭ بار يوقلىقىنىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئۇلۇغۋار بۇلۇش ئادەمنى بەكلا چارچىتىپ قۇيىدىغانلىقىنى ئاددى ئادەم بۇلۇشنىڭ خېلىلا راھەت ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
بۇ تىمىنىڭ ئادىرسى بۇيەردەhttp://www.rohqin.com/?p=411 rohqin يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:34 static/image/common/back.gif
توغۇرا دەيسىز
مەنمۇ بىلوگىمغا نەچچە ئاي ئىلگىرى مۇشۇ ...
توغرا دەيسىز .ئادەم قانچە ئاددى بولغانسىرى تۇرمۇش بېسىمىمۇ شۇنچە ئازىيدىكەن. تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بۇرۇنقى بىر مەھەللىدىكى خوشنىمىزنىڭ كىچىك ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. كۆرۈشمىگىلىمۇ 10 نەچچە يىل بولۇپ قاپتىكەن، تونىيالماي قاپتىمەن. چوڭلا ئادەم بوپ كېتىپتۇ. تۇيۇقسىز يادىمغا ئەينى ۋاقىتتىكى بىر ئىش كېلىپ قالدى. بۇ بالا بەلكىم 3،4 ياش ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، ماڭا ئەگىشىپلا ئوينايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر دانە كېپىنەك سېلىپ قويغانىدىم. ئاپىسى ھارغىچە قاقشاپ چىقىپ كەتكەن.
مانا ئەمدى 30نىڭ قارىسىنى ئېلىپ يۇرۇپتىمىز. ئەرلەر چوڭ بولغانسېرى پىشىدىكەنمىز، ئالىي مەكتەپ ۋاقىتلىرىمىزدا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا تانسا قىلىپ بېرەتتى. خوشنا مەكتەپنىڭ بالىلىرى قىز ساۋاقداشلىرىنى ئېلىپ كەلسە قەستەنگە تارتىۋېلىپ تانسا ئوينىشىپ، تېخى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قوغلىۋېتەتتۇق. توۋۋا. ھازىر خىيال قىلسام ھەم كۈلگۈم كېلىدۇ ھەم خىجىل بولىمەن.
نەچچە يىل ئىلگىرى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ، بىر قەددى قامەتلىك بۇرادەر بىلەن ئۈلپەت بولۇشۇپ قالدۇق.قارىسام شۇنداق تونۇش كۆرۈندى، يادىمغا ئېلىپ بولالمىدىم، ئۇمۇ شۇنداق ھېسياتتا ئىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا بىلدۇقكى، دەل ئەشۇ ئالىي مەكتەپ ۋاقىتلىرىمىزدا ئۆزئارا ئۇرۇشقان بالىلارنىڭ ئىچىدە باركەنتۇق ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ چېكە تەرىپىدە سۇس بىر تارتۇق قاپتۇ. دىيىشىچە مەن قىپتىمەن. ( ئۆزۈممۇ ئىشەنمىدىم ، ئۈنچىلىك يۈرىكىم چوڭ بالا ئەمەستىم). كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
مانا بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق ئەمدىكىسى قىران بەردەملىك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:38
saye يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:26 static/image/common/back.gif
تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بۇرۇنقى بىر مەھەللىدىكى خوشن ...
قايسى كۈنى ئالدىراش كىتىپ بارسام بىرى تارتىپلا قىزغىنلىق بىلەن سالام قىلىدۇ. پەقەت تۇنىيالمىدىم ئۇنىمىغىنىمغا قويماي ئاشخانىغا سۆرەپ كىردى سىزنى تۇنۇمۇدۇم دىگىلى خىجىل بولدۇم ئاران تەستە بىرىنى يادىمغا ئېلىپ شۇنىڭ گىپنى قىلسام ئەمەس چىقىپ قېلىپ بەك خىجىل بولدۇم.
ئاخىرى مىنىڭ تۇنىيالمىغىنىمنى بىلىپ ئۈزى تۇنۇشتۇردى ئىككى يىل ئىلگىرى بىريەردە ئىككى ئايدەكلا بىللە تۇرۇپتىكەنمىز.
گەرچە يېشىم قېرىلىق دەرىجىسىگە بارمىغان بولسىمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىم باشقىلارنىڭكىدىن تىز قېرىپ كەتكەنمىدۇ دەپ قالىمەن.
ئەمما بالىلىقتىكى بارغان يەرلەرنى، ئوينىغان بالىلارنى پەقەت ئۇنۇتمايدىكەنمىز يىل بېشىدىلا كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىكتىن شۇنچىلىك چارچاپ ھالىم قالماي، كۈندىلا پۇت قولۇم ئاغىرىپلا تۇرىدۇ، ئۇنى ئاز دەپ ئەتتىراپتىكىلەرنىڭ بىكار قالغاندەك تىمىسقىلاپ قىلغان بىمەنە گەپلىرىدىن كەيپىياتىم ئەسلىلا ياخشى ئەمەس ئىدى، تۈنۈگۈن بۇ تېمىغا مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ ئوقۇشقا پۈرسەت بولمىغان ئىدى، بۈگۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ ئولتۇرۇپ تازا يىغلاپتىمەن. چوڭ بولۇش، قېرىش، ئۆلۈش بۇ تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنيىتى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىمدىن تۇنجى ۋە تۇنجى قېتىم پۇشايمان قىلىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بالىلىق نىمانچە غەمسىز چاغلار ھە؟! ئۇ چاغلاردىكى غەمسىزلىك قورسىقىمىز تويسا، بارى يوق ئىككى كىتاپتىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى تېزلىكتە تۈگىتىپ يۈگۈرگەنچە چىقىپ مەھەلىدىكى قىز- ئوغۇللار توپ- توپ ئوينايدىغان ھېىلىقى قىزىقارلىق ئويۇنلار. ئاپىمىزنىڭ يىراقتىن سوزۇپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا يۈز- كۆزلىرىمىز شالتاق ھالدا ئۆيگەن قايتىپ، ئاپىمىزدىن راسا تىلنى ئاڭلاپ يۈز- كۆزنى يۇيۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۇخلايتۇق. مانا بۇلار ھازىر قۇرۇق بىر ئەسلىمىگە ئۆزگەردى، بىز ھازىر بالىلارغا ئاتا- ئانا بولدۇق، ياپ- ياش تۇرۇپ ھەر خىل بېسىم تۈپەيلى قەددىلىرىمىز يادەك ئىگىلىشكە باشلىدى، چاچلارنى ئاق ئارىلىدى، تاشقى دۇنيارىمىزلا ئەمەس ئىچكى دۇنيارىمىز زىدىيەتلەر تۈپەيلى ئاللىبۇرۇن باش كۆتۈرگىسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى.
مەن مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا ئاپام- دادام يېنىدا ئۆتكەن غەمسىز ۋاقىتلىرىمنى نەچچە رەت ئەسلەپ چىقتىم، ئۇ چاغلاردا بازاردا تەييار قونچاقلار بولمىغاچ مەھەلىدىكى قىزلار چىملىقتا ئولتۇرۇپ، بىرىمىز يىڭنە، بىرىمىز يىپ، بىرىمىز پاختا، بىرىمىز پارچە- پۇرات رەخت دېگەندەكلەرنى چىقىرىش قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ خىيالىدىكى چىرايلىق مەلىكىلەرنى ياسايتۇق.
مەن كىچىكىمدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ مەھەلىدىكى تەڭتۈش بالىلارنى يىغۋېلىپ دەرىس ئۆتۈپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم، ئەپسۇس ئۇ ئارزۇلۇرۇم بەك تېزلا سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك يوق بولۇپ ئاتا ئارزۇسى بويىچە سېستىرا بولدۇم.
ئىشقىلىپ بالىلىقدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ بەزىدە كۈلۈپ كەتسەم، بەزىدە يىغلاپ كېتىمەن، مەندىن خېلى بۇرۇنلا يىراقلاپ كەتكەن، قايتا كېلىش مۇمكىن بولمىغان شۇ غەمسىز چاغلىرىم كۆز ئالدىمدا بارا- بارا غۇۋالىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ.
رەھمەت روھچىن، ئادەمنىڭ كۆڭۈللۈك ۋاقىتلىرىنى ئەسلەشكە تۈرتكە بولىدىغان بۇنداق ئېسىل يازمىڭىزغا رەھمەت!
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:57 static/image/common/back.gif
تاشقى دۇنيارىمىزلا ئەمەس ئىچكى دۇنيارىمىز زىدىيەتلەر تۈپەيلى ئاللىبۇرۇن باش كۆتۈرگىسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى....
بۇ گەپنى بەك توغرا ئېيتىپسىز. ئادەم ئىچكى زىددىيەتتىن قۇتۇلماق بەك قىيىنكەن، دائىم كۆڭۈل تىنىچلىقىنى ئىزدەپ قالىمەن لېكىن ئويلاپ ئاخىرىنى چىقارغىلى بولمايدىغان ئىشلار، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىپ بۇلالمىغان مۇناسىۋەتلەر ئادمنىڭ كۆڭلىگە ئارامچىلىق بەرمەيدىكەن.
ھەرقېتىم زىددىيەتلىك ئىشلار ئارسىدا گاڭگىراپ قالغان چېغىمدا كۈنگوي دىئوگېننىڭ ئىمپېراتور ئالېكساندىرغا «ئاپتىپىمنى تۇسىۋالما » دىگەن بىر ئېغىز سۆزىنى ئېسىمگە ئالىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:17
بەت:
[1]
2