dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:48:22

بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيىسىدە بۈگۈن چۈشتە 5 بال يەر تەۋرىدى

جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا،بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 14:20 دە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيىسى(شىمالىي مېردىئان 42.1 گرادوس،شەرقى مېردىئان 87.5 گرادۇس)دە 5.0 بال يەر تەۋرىگەن،تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 7 كىلومېتىر بولغان.

نۇر تورى

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:24:33

ئاللاھ، بالايى-ئاپەتلەردىن ساقلىغاي!

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:36:06

تۇققانلارغا تېلفۇن قىلسام ھازىرچە تىچلىقكەن، خۇداغا شۈكرى.

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:53:26

مەنمۇ سەزدىم.:funk:.ئاللاھ، بالايى-ئاپەتلەردىن ساقلىغاي!

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:37:03

gulbargi24 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:53 static/image/common/back.gif
مەنمۇ سەزدىم..ئاللاھ، بالايى-ئاپەتلەردىن ساقلىغاي!

سىزنىڭ ئۆي نەدە ما كورلا شەھەر ئىچىدىمۇ ئازراق تەۋرەپتىكەن ئاچام يەر تەۋرىدى دەپ يۈرەتتى مەن بىشىڭ قىيىپ كىتىپتۇ دەپتىمەن ``

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:59:45

ئوتكۇزگەن گۇنانىڭ جاۋابىمۇ بۇ ھە ؟

نالە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:49:46

ھېلىمۇ شىنجاڭدا يەر تەۋرىمەيدىكەن،شۇنداق كۇنلەرمۇ كىلەرمۇ دەپ قورقىمەن،ئوتكۈزگەن گۇنالىرىمنى زىمىن كۆتۇرەلمەي ئورلۇپ چۇشمىگىيتى دەپ ، شۇنداق بۇلۇشىنى قادىر ئاللا ئۆزپاناھىيدا ساقلىغاي.
بەت: [1]
: بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيىسىدە بۈگۈن چۈشتە 5 بال يەر تەۋرىدى