gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:05:45

بەختسىز نىكاھ ئاياللارنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ

/data/attachment/album/201112/20/171728ii38vf604f4yi4ff.jpg      
      تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، نىكاھتىن رازى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.
      تەتقىقاتچىلار 500 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەختسىز نىكاھنىڭ ئاياللاردا بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتتە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان ، بۇ خىل تەسىر يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تاماكا چېكىش، يۇقىرى خولىستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق باشقا ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ھالبۇكى ئاياللاردا بەختسىز نىكاھنىڭ دەرد- ئەلىمى بىلەن نىسبىي ھالدا بېسىم پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ قايغۇ- ھەسرەت ياكى پىسخىكا ئامىلىغا قارىغاندىمۇ، يۈرەككە بولغان تەسىرى ئالاھىدە بولىدىكەن.
       تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئاياللارنى 11 يىل ئەتراپىدا ئۇدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نىكاھلىنىشتىن رازى بولۇش ئەھۋالى بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نىكاھلىنىشتىن رازى بولغان ئاياللار بىلەن نىكاھتىن رازى بولمىغان ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، نىكاھلىنىشتىن رازى بولمىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك غول ئارتېرىيەسىدە روشەن داغ توقۇلمىلىرى بارلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ توسۇلۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېساپلىنىدىكەن .
مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:03  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:09:25

نىكاھتىكى بەختسىزلىك يالغۇز ئاياللارنىلا ئەمەس، بالىلارنىمۇ، ئەرلەرنىمۇ ھەر خىل كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇ، كىملا بولسۇن بەختلىك بولغاي ئىلاھىم!

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:45:44

نىكاھنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغانلار كۆپىيىپ كەتمەن بۇ زاماندا ئۇلارغا بۇنداق گەپلەر خوش ياقمايدۇ.
بىر كۈن خۇشال ئۆتىۋالسا ئۇلارغا شۇ ھېساب.

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:42:17

يەرشارى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:44 static/image/common/back.gif
ھازىر ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ياشايدىغان بو ...

ئونداق بولسا بەخىتنى قوغلاشماي ياشاش كىرەكمۇ؟

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:58:08

مۇشۇ كۈنلەردە تېمىلىرىڭلارنى كۆرىۋېرىپ توي قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قېلىۋاتىمەن .....:L
بەت: [1]
: بەختسىز نىكاھ ئاياللارنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ