سايىگە تەكلىپ
ئېسىمدە قېلىشىچە سايە مۇنبەرگە كىرشىگىلا ئۇنىڭ قىزىقىشىغا ۋە خارەكتىرىگە ماس قىلىپ، ئۆزگىچە دۇنيا دەپ بىر ماكاننى قۇرۇپ بەرگەندەك قىلغان، دەسلىپىدە سايە بۇ سىرلىق، قىزىقارلىق ماكانىنى خېلىلىلا جانلاندۇرۋەتتى، بىز ئۇنىڭ ۋەھىمىلىك ھېكايىلىرىدىن قورقۇپ تۇرۇپ، ھەتتا سايىنى تىللاپ تۇرۇپ ھوزۇرلانغان بولساق، يوللىغان قىزىقارلىق سۈرەت ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلەردىن قانغۇچە كۈلگەن ئىدۇق، ئەپسۇس نىمىش بولدى بىلەلمەي قالدىم، قاراپ باقسام بۇ ماكان تاشلىنىپ قالغىلى ئۇزۇن بوپتۇ.بۈگۈن بۇ تېمىنى ئاتايىن يوللىشىمدىكى مەقسىدىم سېنىڭ بۇ قىزىقارلىق، ۋەھىمىلىك، سىرلىق ماكانىڭغا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى بېلەتلىك قىلىپ يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، قېنى دوستلار سىزنىڭ مۇ ماكانغا بولغان قىزىقىشىڭىزنى بىلىپ باقايلى، مۇشۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش سايىگە چوڭ ئىلھام بولۇپ قالغۇسى، مۇنبىرىمىزنىڭ كىچىك بىر ھۈجەيرىسى بولغان شۇ ماكاننىڭ قايتا جاللىنىشى ئۈچۈن بىر تۈرتكە بولۇپ قالغۇسى!
قوشۇلىمەن. سايەك كۆرمىگەنمىدۇ ماۋۇ تېمىنى :o سايە بۇ يىل قاتتىق يازماقچى .... :lol:lol قوشۇلىمەننى باساي دەپ بولۇپ قوشۇلمايمەننى بېسىۋەتتىم.
نېمىشقا دېسەڭلار سايە مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزگىچىلىكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ. سايە قاچان ئۆزگىچىلىكىنى تېپىپ «ئۆزگىچە دۇنيا» نى بۇرۇنقىدەك جانلاندۇرغاندا ئاندىن قوشۇلىمەن سۆزىنى باسىمەن.:( «قوشۇلىمەن» نى چىكىپ قويدۇم، ئەمما سايەنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتىغۇ، جىملا... بىز قوشۇلغان بىلەن قېنى ئۇ سايەك كېلىنچەك ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەن چېغىشۇڭا سەل ئالدىراش، توغرا چۈشىنەيلى، مەن سايىگە ئىشىنىمەن، ئۇ بۇ تەكلىپنى كۆرسە چوقۇم خوش بولىدۇ. سايىنىڭ خوتۇنى سايىگۈل يېنىپ كەلدى ھەقاچان. كورىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈۋاتامدىكى.... ماۋۇ تېمىنىڭ يادروسى ئۆزگىرەپ بىزنىڭ كىچىك ئۆيگە ئۆتۈپتىغۇ.
بۇ بىر قانچە كۈن دەم ئېلىپ خاتۇننى سەھراغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ كەلگەنىدىم. بۈگۈن كىردىم ئىشقا.
كەمىنە سايە ئەسلى بۇنداق تەكلىپلەرنى قويدۇرمايلا ماتورنى قىزىتىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتسەم بولار ئىدى.
2011-يىلىلا ئەمەس، تور قايتىدىن ئېچىلغاندىن تارتىپ ئوبدانلا جىمىپ قالدىم. ھىسابتا بىر يېرىم يىل دەل ئېلىپتىمەن.
پىچاقنى ئىشلەتمىسە گاللىشىدۇ دىگەندەك، بۇ كاللىنىمۇ ئىشلەتمىسە بىرنەرسە يازالمايدىغان بوپ قالىدىغان چېغى.
كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ بەرگىنىگە ۋە مېنى قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت.
مەن ئۆزگىچە دۇنيارىمنى بىر رەتلەپ چىقىپ ئاندىن يىڭى مەزمۇنلارغا تۇتۇش قىلاي.:victory:
بەت:
[1]
2