پۇل بىلەن تۇرمۇش مۇۋاپىق بىرلەشسۇن
ئەگەر سىز پۇل تېپىش ئۇچۇنلا پۇل تاپسىڭىز ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز . بۇ دۇنيا پۇلدىن ئايرىلىپ راۋاجلانغان ئەمەس.پۇلنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياشاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش كېرەك. مۇۋاپىق پۇل تېپىپ،ئىقتىسادچانلىق بىلەن خەجلىيەلەيدىغانلارلا ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ .- جون. p. مورگان
ئادەم پۇل خەجلەش ماھارىتىنى يىتىلدۈرىشى كېرەك. بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بۇلىشىمۇ شۇ كىشىنىڭ پۇل خەجلەشىدىن ئايان بۇلىدۇ . كىرىمى يۇقىرىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى بۇلىدۇ ، كىرىمى تۆۋەنلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن بۇلىدۇ . كىرىمى يۇقىرى بولمىسىمۇ پۇل خەجلەشنى بىلسىلا بۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى باياشات ۋە كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئۆتىدۇ .
ئادەم پۇل كۆپ چاغدا ئەيىش-ئىشرەتلىك ياشىغان بولسا ، ئېنقكى پۇل يوق چاغدا پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشايدۇ.پۇل ئاز چاغدا تىجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقنى چۈشەنگەنلىك بۇلۇپ ھېسابلانسا ، پۇل كۆپ چاغدا تىجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەن بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . پۇل تېپىش مۇھىم . بىراق پۇل يىغىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم . ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ پۇل يىغالمىسىڭىز خۇددى تېگى تۆشۈك ئىدىشتا سۇ توختىمىغىدەك مەڭگۈ باي بولالمايسىز . پۇل خەجلىمەسلىكمۇ ياخشى ئىش ئەمەس.بىراق ، خەجلەيدىغاندا خەجلەپ، خەجلىمەيدىغاندا خەجلىمەسلىك كېرەك . خەجلەنگەن پۇلنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ ئۇ بەرىبىر خەجلەنگەن پۇل ، خەجلەنمىگەن پۇلنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ يەنىلا تېجەلگەن پۇل بۇلىدۇ . خەجلىسىڭىز خەجلەۋېرىسىز ، تىجىسىڭىز تېجىيەلەيسىز . ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ پۇل خەجلەش ماھارىتى – مۇۋاپىق خەجلەشنى بىلىشتۇر.
پۇل ھاياتتىكى مۇھىم نەرسە . بىراق سىز ئۇنىڭغا زىيادە نۇرغۇن ئېرىشكەن ۋە ئۇنى بۇزۇپ – چاچقان بولسىڭىز ، ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىمۇ بۇزۇپ ، سىزگە ئازاپ- ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى سىز ئاللىقاچان پۇلنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىپ بولغان . ھاياتنىڭ ھەسرىتى پۇلغا ئاچكۆزلەرچە ھېرىسمەنلىكتىن باشلىنىدۇ. پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن پۇل تېپىپ ناھايىتى كۆپ يەر-جايغا ئىگە بولسىڭىزمۇ مال – بېساتىڭىز يەتمەيدىغاندەك ، بانكىدا نۇرغۇن پۇلىڭىز بولسىمۇ بۇ پۇلىڭىز يەنىلا ئازدەك بىلىنىدۇ . پۇلغا زىيادە ھېرىسمەنلىكىمىز ئاچكۆزلۈكتىن كېلىپ چىقىدۇ . بىز تۇرمۇشتا بەخىت ۋە قىممەت تاپىمەن دەيدىكەنمىز ، پۇلنى پەقەت «ياشىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى» دەپ چۈشىنىشىمىز لازىم . شۇنداق بولغاندا ، ئاندىن چېكىدىن ئاشقان ئاچكۆزلۈك پەيدا بولماي ، ھاياتتىكى پۇل دېشىۋارچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىمىز . پۇلنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياشاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش كېرەك . مۇۋاپىق پۇل تېپىپ ، ئىقتسادچانلىق بىلەن خەجلىيەلەيدىغانلارلا ئاندىن ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:16
پۇل چەكلىك خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا چەكسىز خاپىلىقنى ئەكېلىشىمۇ مۇمكىن. پۇلنى ھەددىدىن زىيادە چوڭ كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇل تېپىش ۋە پۇل خەجلەش ئوخشاشلا خاپىلىق ئىش، چۈنكى پۇل ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە خۇشاللىق ئۈچۈن ھېچقانچە جاي قالمىغان. پۇلنى ئانچە چوڭ بىلمەيدىغان كىزىلەر دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كېشىلەر ھىساپلىنىدۇ پۇل يىتەرلىك بولسىلا بۇلامدۇ نىمە ،بەك كۆپ بولسا ئادەمنى ھاكاۋاۇر ،ئابرۇيپەرەس قىلىپ قۇيامدۇ . ئاپامنىڭ: ‹ پۇل دېگەن بۇ قەغىزنى ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يىمەيدۇ، ئەمما بۇ پۇل ئادەمنى ھەر كويغا سالىدۇ› دېگەن گېپى يادىمغا كەلدى، پۇلنى تېپىشنى بىلىپ مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى بىلمىسە ياكى تاپقان پۇلنى مەندەك بەتخەجلىك قىلىپ تۈگىتىۋەتىسىمۇ ئەرلەرگە ئۇۋال بوپ كېتىدۇ، شۇڭا پۇلمۇ يېتەرلىك بولسا، ئىقتىسادچىل بولسا ئەڭ ياخشىسى شۇ;P مەن كۆپ ھاللاردا‹‹پالانى پۇلى يوق چاغدا شۇنداق ياخشى ئادەم ئىدى،مانا ئەمدى پۇل تىپىپ بەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى،پۇل بايلىق بۇنى بۇزدى››دەپ ئاڭلاپ قالىمەن.ئەمىليەتتە پۇل جانسىز نەرسە.پۇلنى ئادەم ئىدارەقىلىدۇ.ئادەمنىڭ تەبىيىتىنىڭ توساتتىن بۇزۇلۇشى پۇلنىڭ گۇناھى ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ نەپسىنىڭ بالاسى ياۋاگۈل يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:53 static/image/common/back.gif
مەن كۆپ ھاللاردا‹‹پالانى پۇلى يوق چاغدا شۇنداق ياخشى ئ ...
ئۇنداقتا پۇل بۇزغان دىمەي پۇلنى بۇزغان دىسەك بولغۇدەك .
پۇل تاپقاندا پۇلنى بۇزىدىغانلار ئادەملەرنىڭ 99% تىنى ئىگىلەيدۇ جۇمۇ ؟
http://delete.muzika.cn//mp3/uyghur/tashmuhemmet%20batur/kunlemchilik%20kun%20emes-b/01_pul%20heqqide.mp3 ھۆرمەتلىك دىلروھ خانىم ،مۇنبەرگە يوللىغان ناخشىڭىز مۇنبەر تېمىسىغا تۇلىمۇ ماس كەپتۇ ، ئىككىمىزناخشا خۇمارىمىز ئوخشاشمۇ نىمە ! dilroh يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:48 static/image/common/back.gif
يوللىغان ناخشىڭىزغا رەھمەت سىڭلىم! ئاپتۇماتىك قويۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. gulbargi24 يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 18:36 static/image/common/back.gif
يوللىغان ناخشىڭىزغا رەھمەت سىڭلىم! ئاپتۇماتىك قويۇلغ ...
شۇنى دەڭە مەرۋەرى ھەدەمگە دىسەم يا ئوڭشاپ بەرمىدى بۇ ئاپتوماتىك قويۇلىدىغان قىلىپ قاراڭ :lol
بەت:
[1]