قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:03:53

)قەھۋە(ئەرلەر بىلەن ئاياللار پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر

تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ سىرتقى دۇنياغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە يەتتە خىل ئوخشىماسلىق بايقالدى.

1. ئاياللار ئىنچىكە ئىشلارنى ئاسان ئېسىدە ساقلايدۇ، ئەرلەر چوڭ ئىشلارنى ئاسان ئېسىدە ساقلايدۇ.
   ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئەستە تۇتۇش رايونى ئوخشىمايدۇ، ئاياللارنىڭ ھېسىيات رايونى بىر قەدەر جانلىق بولۇپ، ھېسىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئاسان ئېسىدە قالىدۇ. مەسىلەن: ھەرخىل خاتىرە كۈن ۋە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار دېگەندەك. ئەمما ئەرلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش رايونى كۆرۈش سېزىمى غىدىقلانغاندىن كېيىن جانلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر ئەزەلدىنلا بىر قەدەر چوڭ ئىشلارغا ئېتىبار بېرىدۇ، شۇڭا چوڭ ئىشلار ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئاسان قالىدۇ.

2. ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشقا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ، ئەمما ئەرلەر پەقەت بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ.
   تەتقىقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاياللار بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، يەنە باشقىلار بىلەن مۇڭدىشالايدىكەن، لېكىن ئەرلەر باشقىلار بىلەن مۇڭداشقاندا چوقۇم زېھنىنى يىغىشى كېرەككەن. چۈنكى ئەرلەر باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقىنىدا، چوڭ مېڭىنىڭ بىر تەرىپى قوزغىلىدىكەن، ئاياللارنىڭ بولسا ئىككىلا تەرىپى قوزغىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ئىكەن، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى بالا بېقىش ھەم ئۆي ئىشى قىلىش بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ تەڭ قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى ئوۋ ئوۋلاش بولغاچقا، زېھنىنى يىغىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئەرلەردە بۇ خىل ھالەت شەكىللەنگەنىكەن.

3. ئاياللار كۆڭلى يۇمشاق كېلىدۇ، ئەرلەر باغرى قاتتىق كېلىدۇ
    ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا رومان ئوقۇشقا ئامراق كېلىدۇ، رومان ئوقۇغان چاغدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن روماننىڭ ۋەقەلىكىگە كىرىپ كېتىدۇ. پىسخولوگ سىمون مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ھېسسىيلاشقان چوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئەرلەر ماشىنىلاشقان چوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاياللارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىيالىشىدىكى، ئەرلەرنىڭ بىر قەدەر باغرى تاش بولۇپ، باشقىلارنى ئاسان چۈشەنمەسلىكىدىكى سەۋەبتۇر.

4. ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاغرىقتىن بەكرەك قورقىدۇ
    ئاغرىپ قالغاندا، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ھېسسي نېرۋىسى ئادەتتىكىتىن تاشقىرى ئاكتىپ ھالەتتە بولۇپ، ئاياللارنىڭ دىققىتىنى ئاغرىۋاتقان جايغا مەركەزلەشتۈرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئاغرىققا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ھالەتتە بولىدۇ. لېكىن ئاغرىق ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى بىلىش ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش رايونىنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ ۋە ئاغرىق توختىتىشنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ.

5. ئاياللار بىكار بولسىلا بازار ئايلىنىشقا ئامراق، ئەرلەر ئېھتىياجى بولمىسا بازار ئايلانمايدۇ
 ئاياللار سېتىۋالدىغان نەرسىسىنى بېكىتمەي تۇرۇپمۇ بازار چۆگىلەيدۇ، لېكىن ياخشى كۆرگەن نەرسىسى ئۇچرىغان ھامان قارارىنى ئۆزگەرتىپلا سېتىۋالىدۇ. ئەرلەر نېمە سېتىۋېلىش توغرىسىدا چوت سوقىۋېلىپ، ئاندىن بىۋاستە شۇ نەرسە سېتىلىدىغان بازارغا بارىدۇ.

6. ئەرلەر ھاراق ئىچىۋالغاندا، كۆزىگە ئاياللار بىر قەدەر سەت كۆرۈنۈپ قالىدىكەن.
    لېيسېستىر ئونۋېرستېتىدىكى ئالىم مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەر ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغاندا، كۆزىگە ئاياللار بىر قەدەر سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ، ئاياللار ھاراق ئىچكەندە، ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
مەنبە: ماتىرىيال

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:16:37

مەنغۇ كۆپ قاراق ئىچمەيدىغان ،ئەمما ئىچىپ سالسام قىزلار كۇزۇمگە بەك گۇزەل كۆرنۇپ كىتىدۇ،بۇتەرەپ مىنىڭ مىجەز خارەكتىرىمگە ئوخشىمايدىكەن .:P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:10  

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:52:15

ئىشقىلىپ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقى بەك چوڭكەن جۇمۇ ، ھەقىقەتەن ئىككى پىلانىتتى كەپ قالغاندەكلا ....

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:39:56

شۇ ئەمەسمۇ ، تامامەن ئورتاقلىق يوقلا دىگۈدەك ، ئىككى پىلانتتىن كېلىپ قالغاندەك ئادەملەر بىر ئۆيدە بىر ئۆمۈر ياشىۋېتىدۇ . بەك قايىل مەن 30-40 يىل ئۆي تۇتقانلارغا

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:32:55

شۇ ئەمەسمۇ. ئىككى قۇتۇپتىن كەلگەن ئىككى ناتونۇش بىر ئۆيدە بىر-بىرىنى بوغۇشۇپ قويماي 30-40 يىل ياشاش ئاسان ئەمەس جۇمۇ.;P

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:26:04

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:32 static/image/common/back.gif
شۇ ئەمەسمۇ. ئىككى قۇتۇپتىن كەلگەن ئىككى ناتونۇش بىر ئۆ ...

ھاھاھاھاھاھاھا~~ قەھۋەنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىغا سەت كۈلۋەتتىم جۇمۇ مەن، راست مىجەز خارەكتىرى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەمنىڭ بىر ئۆيدە شۇنچە ئۇزۇن يىل ياشىمىقى راستىنلا ئاسان ئەمەس.

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:13:23

مەن ھاراق ئىچىۋالسام سەت كۇرۇنمەيۋاتاتتى ;P

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:52:00

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:32 static/image/common/back.gif
شۇ ئەمەسمۇ. ئىككى قۇتۇپتىن كەلگەن ئىككى ناتونۇش بىر ئۆ ...

شۇڭا توي قىلىدىغانلاردىن ئاجىرشىدىغانلار كۆپ

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:18:41

مەن ھاراق ئىچسەم. چىرايلىق  قىزلار بەك  چىرايلىق كورنۇپ كىتىدۇ  كوزومگە.........
سەتلىرى بەك سەت كورىندۇ.......

PINHAN يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:58:22

ئەر- ئايال دىسىڭىز بايا بولغان بىر ئىش يادىمغا كەپ قالدى، ئۆيدە كىيۇ كىيۇ نى ئېچىپ قويۇپتىكەنمەن، خىزمەتداش، دوست، ئۇ بۇ دەپ 70 دەك ئادەم بار ئىكەن، بايا يولدىشىم يېنىمدا ئولتۇرۋېلىپ 70 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ چۈشەندۈرگۈزدى، شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى، باشتا گەپ قىلماي، ئىسىمى، نىمە ئىش قىلىدۇ...چۈشەندۈرۈپ ئاخىرىغا كەلگەندە چىدىغۇچىلىكىم قالماي، نىمانداق تەپسىلى سورايسىز، ھەممسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىلى نەدىكى چول، ئادەمگە ئىشەنمىگەندەك قىلىق قىلىدىكەنسىز دەپ بىر ھازا قاينىسام، ئۇ: نىمىگە قاينايسىز، راستىنلا چاتاق بارمۇ نىمە دەپ بەك خاپا قىلىۋەتتى! چۈنكى ئۇ ئادەتتە زادىلا كىيۇ كىيۇ ئىشلەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىرمۇنچە خاپا قىلدى. ئاچچىقمىنى بېسىش ئۈچۈن، بۇ مۇنبەرگە كىرسەم قەھۋەنىڭ تېمىسى تۇرىدۇ، ئەر- ئايال دەپ! شۇ قىلغىنىغا تازا بۇتنىمىسام....!ساقچى گۇمانخور ....دەپ كىم دىگەن بولغىيدىكىن!:Q
بەت: [1] 2
: )قەھۋە(ئەرلەر بىلەن ئاياللار پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر