ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:27:42

يېڭى يىلدا يېڭى كۇلكە

تەۋەررۈك
  ئەلى ئولوپ كەتكەن بىر دوستىنىڭ ئويىگە كىلىپ:
   — خانىم، مەن ئېرىڭىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى سەبدېشى ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ بىرەر تەۋەررۈك نەرسىلىرى بولسا خاتىرىلەشكە ئېلىۋالسام بولامدۇدىگەن ئىكەن؟
   ئايال:
   — ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن دەل ئۇنىڭ تەۋەررۈكى دەپتۇ.
  
قايتۇرما سوئال
  ئابلەت دوختۇردىن سورىدى:
   — ھۆرمەتلىك دوختۇر، مەن قانداق قىلسام 100 ياشقا كىرىمەن؟
   — بىرىنچىدىن ھاراق ئىچىشنى تاشلاڭ.
   — ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.
   — ئىككىنچىدىن ئاياللارغا قاش ئاتماڭ.
   — توۋا دەڭا دوختۇر، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.
   — ئۈچىنچىدىن گۆشنى ئاز يەڭ.
   — مەن دەل گۆشسىز تاماق يەيدىغىنى.
   — ھوي، ئۇنداقتا بۇنچە ئۇزۇن ياشاپ نېمە قىلىسىز دەپتۇ دوختۇر؟

ئۈستۈنلۈك تالىشىش
   ئائىلىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى كىمنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن لالە ئىرى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. ئاخىرى ئارزۇۋارقىراپلا سۆزلەپ كەتتى:
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ تېلېۋىزۇر بۇ يەردە تۇراتتىما؟
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ كرېسلو بۇ يەرگە قويۇلاتتىما؟
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ ئۆي بولاتتىما؟
   ئايالىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چىدىمىغان ئېرى دەپتۇ:
   — ھوي، توغرا دەيسەن، ئەگەر سېنىڭ پۇلۇڭ بولمىغان بولسا مەن بۇ يەردە تۇراتتىما؟

كىيىم ئالماشتۇرۇش
   — مەن بىر كۈندە بەش قېتىم كىيىم ئالماشتۇردۇم، — دەپتۇ يىگانەكىيىم مودېلى دوستىغا.
   — بۇ ھېچقانچە ئەمەسكەن، — دەپ سۆزگە ئارىلىشىپتۇ دوستىنىڭ ئوغلى، —سىڭلىم بىر كۈندە 12 قېتىم كىيىم ئالماشتۇرىدۇ.
   — سىڭلىڭىز شۇنداق قىلامدا، ئۇ قانچە ياشقا كىردى ؟
   — ئەمدى ئۈچ ئايلىق بولدى.

ساغلاملىق گېزىتى
  قەھۋە قىزىنى مانتا ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ.
   ئاشخانا مۇلازىمى مانتىنى گېزىتكە يۆگەپلا قىزچاققا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
   — ھامما، مۇئەللىم بىزگە ‹‹يېمەكلىكنى گېزىتكە ئورىسا بولمايدۇ›› دېگەنىدى.
   — جېنىم قوزام، ھېچنېمە بولمايدۇ، بۇ دېگەن ‹‹ساغلاملىق گېزىتى››.
دادام خاتا دەپ قويدى
   كىچىك ھايات دادىسى ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىغا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. بۇ چاغدا دادىسى خېرىدارغا ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ گىرىم بۇيۇمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
   — قاراڭ، بۇ سۈرەتتىكىسى ئىشلەتمىگەن ۋاقتى، مانا بۇ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ۋاقتى.
   — دادا، خاتالاشتىڭىز، بۇ سۈرەتتىكىسى مومام، ئۇ سۈرەتتىكىسى ئاپام، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ كىچىك ھايات
تەس ئىش
ئەسقەر ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىغا دەپتۇ:
   — ئەگەر قابىلىيىتىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مېنى تۈرمىدە پەقەت ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز، پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېرەتتىم.
   كەسكىن ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇ.
   — بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى، ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرمەكچى ئىدى، — دەپتۇ ئادۋوكات ئالغان پۇلىنى سانىغاچ.

جىددىي تەدبىر
   گۇدەكنىڭ ئايالى تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭغا:
   — ئۆيگە تېز قايتىپ كېلىڭ، قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بەردى، كەنجى ئوغلىمىز ئوۋ مىلتىقىڭىزنىڭ ئوقىنى يۇتۇۋالدى.
   — مەن بارغۇچە يېنىدىن دەرھال كېتىڭ، بالىمىز ئەتراپىدىكىلەرنى قارىغا ئېلىۋالمىسۇن يەنە، — دەپتۇ گۇدەك جىددىيلەشكەن ھالدا.

بىلىملەر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:25  

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:56:09

ھا ھا ھا  بەك قىززىقكەن  `` :lol   

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:56:59

ئەلى تازا كىلىشكەن بىر يىگىت بولسا كېرەك قارىغاندا .....

ئاندىن ئاۋۇ ئۈستۈنلۈك تالىشىشتا ئايالنىڭ ئىسمى بىردەم لالە ، بىردەم ئارزۇ بوپ قالدىغۇ .....:lol

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:37:35

گۇدەكنىڭ ئايالى تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭغا:
   — ئۆيگە تېز قايتىپ كېلىڭ، قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بەردى، كەنجى ئوغلىمىز ئوۋ مىلتىقىڭىزنىڭ ئوقىنى يۇتۇۋالدى.
   — مەن بارغۇچە يېنىدىن دەرھال كېتىڭ، بالىمىز ئەتراپىدىكىلەرنى قارىغا ئېلىۋالمىسۇن يەنە، — دەپتۇ گۇدەك جىددىيلەشكەن ھالدا.
;Pماۋۇ بەك ۋەھشىيكەن

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:00:18

ھەي تارىمى، مېنىڭ شاھزادەم ئارانلا دۇكانلاردىن سوپۇن ئەكىرەلەيدىغان بولدى دەيمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:00  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:27:40

ھېرىپ ھالىمدىن كېتىپ ئاران كىرگەن ئىدىم مۇنبەرگە، ئەمما بۇ يۇمۇرلارنى ئوقۇپ ھاردۇقلىرىم چىققاندەك بولدى، رەھمەت ئەزىز تارىم، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىن باشلانغان كۈلكىلەر ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاي!

saye يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:41:01

بىر بىرىدىن ئېسىل يۇمۇرلاركەن. مىكروبلوگىمدا تارقىتىپ ماڭا ئەگەشكەنلەرنى كۈلدۈرۋېتەيچۇ!:lol

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:33:54

يۇمۇر  كەتتى   ھە...8ياشلىق ئەكبەر دادسدىن تۇيۇقسىز جاۋاپ بىرىش تەسرەك  بىر سوئال سوراپتۇ دە...
دادا مەن  نەدىن پەيدا  بولغان دەپ  بىرىڭ  دەپ  تۇرۋاپتۇ. دادسى .ئاپاڭ  بىلەن ئككمىزدن بولغان  دىسە  قانداق بولغان دەپ  تۇرۋاپتۇ.
دادسىى مۇنداقلا...  بىر كورنى قويوپ مەن تۇكۇرۇپ ئاپاڭ تۇكۇرۇپ كورا تولغاندىن سىنى پەيدا  قلغان دەپتۇ .ئەكبەر ھە بىلدىم دەپتۇ ..
مەكتەپتە پەرىدە ئېسملىك  بىر ساۋاقدشىنى چاقرىپ ئېككسى بىر كورغا تۇكرۇپ ئامبار ئويگە .ئەكرىپ قويوپ مەكتەپكە بىرىپ قايتىپ كىلىپ قارسا  كورغا بىر چىۋىن چۇشۇپ قاپتكەن ..
كورنى كوترىپ دادسنىڭ ئالدىغا قويوپ دادا ئاپا ماۋۇ  نەۋراڭلارنى كورۇپ  بىقڭلا  دىگۇندەك
بەت: [1]
: يېڭى يىلدا يېڭى كۇلكە