)قەھۋە(ئاياللار ئىشخانىدا ئالتە ئىشتىن ساقلىنىشى كېرەك
ئادەتتە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار مۇنداق ئالتە ئىشتىن ساقلىنىشى كېرەك:1. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش.
ئايال خىزمەتچىلەر ھەمىشە ئىشقا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئەتىگەندىن كەچكىچە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، تاپاننىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، دۇققا يوغىناش، تاپان ئولتۇرۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئىشخانىغا ئامال بار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. شارائىت يار بەرسە، ئىشخانىغا پاكار پاشنىلىق ئاياغتىن بىرنى قويۇپ قويۇپ، ئىشخانىغا بېرىپلا ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، پاكار پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالغىنى ياخشىراق.
2. يانفوننى مەيدىسىگە ئېسىۋېلىش.
بەزىلەر تېلىفون سۆزلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، يانفونىنى مەيدىسىگە ئېسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يانفون تارقاتقان رادىياتسىيە مەيدە، كۆكرەك، قورساققا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا يانفوننى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇش ياكى تارتمىغا سېلىپ قويۇش، سىرتقا ماڭغاندا سومكىغا سېلىشنى ئادەت قىلىشى كېرەك.
3.گىرىم ئۈستىگە گىرىم قىلىش.
گىرىم ئۈستىگە گىرىم قىلسا، تېرە غىدىقلىنىپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە كوللىكتىپ ئىشخانىلارنىڭ مۇھىتى باشقا مۇھىتقا قارىغاندا، بىرقەدەر بۇلغانغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە ئىشخانىلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىلگەچكە، ھاۋانىڭ ساپلىقى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئىشخانىدا گىرىم قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك. گىرىم قىلىش زۆرۈر بولسا، كونا گىرىمىنى پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا گىرىم قىلىش كېرەك.
4. قەھۋە قېنىق چاي ئىچىپ، قايناق سۇ ئىچىشكە سەل قاراش.
قايناق سۇ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ، بىراق بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى 1200 مىللىلېتىر قايناق سۇ ئىچىپ بېرىش، باشقا ئىچىملىكلەرنى، بولۇپمۇ كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5. توختىماي تېلىفونلىشىش.
باشقىلار خىزمەت قىلىۋاتقاندا، توختىماي تېلىفونلىشىش ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. توختىماي تېلىفونلاشسا باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتداشلار ئارا كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
6. خىزمەت ۋاقتىدا قۇلاققا تىڭشىغۇچ تاقىۋېلىش.
بەزىلەر خىزمەت ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋالىدۇ. ئەمما تىڭشىغۇچنى ئۇزۇن ۋاقىت تاقىۋالغاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئامال بار تىڭشىغۇچنى ئاز ئىشلىتىش، ئىشلىتىش توغرا كەلسە، ئاۋازنى تۆۋەن تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەك.
خىزمەت ۋاقتىدا قۇلاققا تىڭشىغۇچ تاقىۋېلىش.
ما ئىشتىن باشقىسى مەندە يوقكەن ھازىرغۇ ئىشلىمىدىم بۇرۇن ئىشخانىدا ھەممىمىز دېگۈدەك تىڭشىغۇچ تىقىۋالاتتقۇق قۇلاققا
ھازىر ئۆيدىمۇ شۇ مەن تىڭشۇغۇچنىڭ قۇلاققا تەسىرى كۆپ ،قۇلاق قېتىش بۇلۇپ قالماڭ يەنە ،قاچانلا قارىسام سىزگە، قۇلىڭىز قۇلقىڭىزنىڭ تۇۋىدە ،بىلمىدىم تىڭشۇغۇچنى كۆپ ئىشلىتىپ ،قۇلقىڭىز ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالمىغاندۇ ھە ؟:P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:07
مىنىڭ قايناق سۇ ئىچىش بىلەن خوشۇم يوق ، دورا ئىچىش ئۈچۈن بولمىسا ھەرگىز ئىچمەيمەن .....سوغوق ئىچىملىق ، دەملەنگەن چاي ، قەھۋەلەرگە بەك ئامراق ..... ھەممەيلەن زىيانلىق دەيدۇ ، قانداق قىلارمەنكىن تاڭ .... بۇرۇندىن ئىگىز پاشىنىلىق ئاياققا كۆنۈپتىكەنمەن ، خىزمەتتە مېڭىشىمنىڭ تولىلىقىدا پاكار پاشىنىلىق ئاياق كىيسەم تاپىنىم ئاغرىپ كېتەتتى ، ئەمما 2 يىلچە بولۇپ قالدى ،يەرنى يالاپ ماڭىدىغان ئاياققا چۈشۈپ قالدىم ، دوختۇر ئىگىز پاشنىندىن چەكلىگەندىن كېيىن تۈزۈك كىيمەپتىمەن ، شۇنداق چىرايلىق ئاياقلىرىمغا قاراپ يىغلىۋېتەي دەيمەن :'(، ئۇنىڭدىن قالسا ئىشخانىغا كىرىپلا بىرىنچى قىلىدىغان ئىشم بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ ئىچىۋېتىش ، بولمىسا بىر كۈن گاراڭ بوپ قالىمەنكەنغۇ تاڭ ،ئىشخانىمىزدىكى قىيا -چىيا ، سىرتتىكى پىلاستىنكا دۇكانلىرىدىن چىقىۋاتقان ناي -نايلارغا قۇلاققا تىڭشىغۇچ سالماي ئىشلىگىلى بولمايدۇ ....ئۇھھھھھھھھ...ناچار ئادەتلەرمۇ بۇ ئەمدى :L مەندەك ئائىلە ئاياللىرىمۇ دىققەت قىلىپ قويساق بولار ھە؟؟;P مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:29 static/image/common/back.gif
مەندەك ئائىلە ئاياللىرىمۇ دىققەت قىلىپ قويساق بولار ھ ...
سىزنى ئەمدى خۇجايىننىڭ چوڭ خانىمى دەيمىز ;P:lol دەرتمەن يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:20 static/image/common/back.gif
سىزنى ئەمدى خۇجايىننىڭ چوڭ خانىمى دەيمىز
كىچىكىمۇ بارمىكەن تېخى;P ۋالىدەملەر كۆپرەك كۆرمىسە بولمايدۇ.
ھە راست، باي بولۇپ قايتىپ كەپ بوللىما چوڭ خانىش؟;P:hug: قەھۋە يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:58 static/image/common/back.gif
ۋالىدەملەر كۆپرەك كۆرمىسە بولمايدۇ.
ھە راست، باي بولۇ ...
شۇنداق، يىلنىڭ بېشىدىكى بايلىقنى كۆتۈرەلمەي، نەچچە كۈن بولدى مۇنبەرگە كىرەلمىدىم:lol
بەت:
[1]
2