ساختا مال
ساختا مال ئالغان خۇرۇم ئاياغلار بىر ھەپتىمۇ يەتمىسە،چاچسا ئالىي ئوغۇتنى زىرائەتلەر ئۆسمىسە،
تويغۇچە يەپ زەھەرنى چاشقان ياكى ئۆلمىسە،
دورا-ئوكۇل، ئاسمىلار تەنگە شىپا ئەتمىسە،
پاش قىلايلى ۋاقتىدا ئۇچراپ قالسا ساختا مال.
قوي گۆشىنىڭ ئورنىدا ئۆچكە گوشى سىتىلسا،
ئالىي خۇرۇم چاپانلار بىر قىش ئۆتمەي تىتىلسا،
ۋىلسىپىتنىڭ كامىرى تۈز يولدىلا ئىتىلسا،
ياخشى مالنىڭ ئارىسىغا ساختىلىقلار قىتىلسا،
پاش قىلايلى ۋاقتىدا ئۇچراپ قالسا ساختا مال.
جىڭ مال ئالماق بولساڭلار ياخشى تاللاپ ئىلىڭلار،
ئۇچراپ قالسا ساختا مال يۈزىگىلا ئىتىڭلار،،
جىڭمۇ ياكى ساختىمۇ يەتمەي قالسا دىتىڭلار،
«س س م ب» ياردەمچى دەرھال تىلفون بىرىڭلار،
پاش قىلايلى ۋاقتىدا ئۇچراپ قالسا ساختا مال.
مەنبە: باغداش مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:11
ھەجەپ ياخشى يېزىلغان شېئىركەن، 3.15 دا ئەپچىقىپ تەشۋىقات قىلغۇدەك! شۇنداق ساختىلىشىپ كەتتىغۇ بۇ جاھان ئادەمدىن باشلىق ئادەملەر ساختىلاشقان بۇ جاھاندا قالغان نەرسىلەرنىڭ ساختىلىشى نورمال ئىشقۇ:P مالىملارمۇ ساختا ، شۇڭا يىتىشىپ چىققان ئۇقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىنمۇ ئۇتە ساختا ;P
چاقچاق جۇما ئاداش مال ئەمەس ئەسلىدە ئىگىسى ساختا،
ئىمانىي ئىنساپ يوق شۇڭلاشقائۇندا.
ياخشىنىڭ كەينىدىن ساختىسى چىقار،
ئىلغىماق بولدىغۇ بىزگىمۇ جاپا. چۇشەندىم چاقچاق ئىكەن ،ئەمما بىراق سىلىنىڭ ئۇقۇتقۇچىنى ئانچە چوڭ بىلمەيدىغىنىڭلار قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. ئەزىزتارىم يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:57 static/image/common/back.gif
چۇشەندىم چاقچاق ئىكەن ،ئەمما بىراق سىلىنىڭ ئۇقۇتقۇچىن ...
تىشلىقمۇ يا ؟
بەت:
[1]