قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:15:18

(قەھۋە)ئىتتىك مېڭىش ئاياللارغا پايدىلىق

  ئىتتىك مېڭىش كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارغا پايدىلىق بولۇپ، ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئىتتىك مېڭىپ بەرگەن ئاياللاردا تۇيۇقسىز سەكتە بولۇپ قېلىش ۋە كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىكلەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.

 تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار كۈندە ئىتتىك مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، روھىيىتىدىكى جىددىيلىكنى تۈگەتكىلى، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئىتتىك مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۈنۈمى تېخى ياخشى بولىدىكەن.

مەنبەسى: ماتېرىيال


dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:08:42

بىلىۋالاي مەنغۇ مۇشۇ 24 يىشىمدىمۇ بىردەملا ماڭسام ھىرىپ قالىمەن ```  كېيىن قانداقمۇ قىلارمەن ھە``

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:12:07

dilroh يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:08 static/image/common/back.gif
بىلىۋالاي مەنغۇ مۇشۇ 24 يىشىمدىمۇ بىردەملا ماڭسام ھىرى ...

چاققا چىقىۋالسىڭىز ھېرىپ قالمامتىڭىزكى.

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:15:57

مەن بەك ئىتتىك ماڭىمەن، مەن بىللە ماڭغانلار تېرىكىپلا قالىدۇ يېرىم يولدا ;P

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:27:08

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:12 /static/image/common/back.gif
چاققا چىقىۋالسىڭىز ھېرىپ قالمامتىڭىزكى.

تۆت چاققا چىقمىغاندىمۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ياتاقتىكىلەر بىلەن بىر يەرگە ماڭساق يۈگۈرمىسەم يېتىشەلمەيتىم   چۈنكى رېماتىزىم ئاندىن ۋاسكىتبول ئويناپ ئاخىرىتىۋالغان نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر پۇتۇمنىڭ ئۇشۇقنىڭ ئاستىنى دەدى بار خىلى ھازىرغىچە ئەمما ۋاسكىتبول ئوينايدىغان بولسام ھىچكىم ماڭا يېتىشەلمەيتى ``:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:13  

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:03:22

مەنمۇ ئادەتتە بەك ئىتتىك ماڭىمەن، ئاستا ماڭسام چارچاپ قالىمەن، كۈندە ئىشتىن چۇشكىچە يېرىم سائەت يولنى چوقۇم تېز سۈرەتتە پىيادە ماڭىمەن، چۈنكى چاققان ئۆيگە كېلىپ تاماق ئېتىشىم كېرەك. ئالدىراش كىشىلەر ئۆزلىگىدىنلا تېز يول يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كېتەمدىكىن دەيمەن.....
ئەھمىيەتلىك تېمىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر!!!!

esil يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:56:01

تىز ماڭسام تىنىقلىرىم يىتىشمەي  ھاسىراپ ھۈمۈدەپ كىتىمەن شۇڭىمۇ ئىتتىك ماڭمايمەن . ئىتتك ماڭىدىغان دوستلىرىم تىرىكىپ كىتىشىدۇ ;P

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 03:10:57

ماۋۇ تىما كاللامغا كەپ قېلىپ بۈگۈن ناھايىتى تىز مېڭىپتىكەنمەن ، بىقىنىمغا سانجىق تۇرۇپ قېلىپ تاس قېلىپ كوچىدىلا ئولتۇرۇپ قالغىلى ، ئادەم چاندۇرۇپ بىر جۈپ  بوۋاي - موماي يۆلەپ يۈرۈيدۇ ئادەمنى ..... قارىغاندا مەنمۇ تازا ئاشۇ خەلپەم كۈلمەيدۇ ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ دەيدىغاندىن بىرىكەنمەن .....

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:06:40

مېنىڭ مېڭىشىم نورمال لېكىن ئىدارىدە بولسام ئولتۇرغىدەك ۋاقتىممۇ چىقمايتى ، ھازىر ئۆيدە بولۇپ ھەركىتىم بەك ئازلاپ كەتتى ، ئامالىنى قىلسام بولاتتى :Q

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:24:16

hilal يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 03:10 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تىما كاللامغا كەپ قېلىپ بۈگۈن ناھايىتى تىز مېڭىپت ...

ھا ھا  ئىتتىك مېڭ دىسە شۇندامۇ ماڭامسىز دەيمەن ئەمدى ``
بەت: [1] 2 3
: (قەھۋە)ئىتتىك مېڭىش ئاياللارغا پايدىلىق