قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:00:11

)قەھۋە(خانىم، ئۇخلاش ئادىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ

 
    ئۇخلاشتىن ئىلگىرى خاپا بولۇش. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى خاپا بولغاندا، يۈرەك رېتىمى بىلەن نەپەس تېزلىشىپ، ئۇخلاش تەس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 قولنى باشنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلاش. قولنى باشنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلىغاندا، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، قورساقنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ.

 ھاراق ئىچىپ ئۇخلاش. خانىم - قىزلار ھاراق ئىچىپ ئۇخلىغاندا، يۈرەك كېسەللىكى ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قاتتىق ھەرىكەت قىلىش. قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا، چوڭ مېڭە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سەگەك ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يوتقانغا پۇركىنىپ ئۇخلاش. بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلىغاندا، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق، يامان چۈش كۆرۈش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

مەنبە: ماتېرىيال

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:22:35

ھەر ھالدا ئۇخلا ئادىتىم يامان ئەمەسكەن:victory:

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:28:29

بىرىنچىسىدىن باشقا ئادەت مەندە يوقكەن`

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:41:48

مىنىڭ ئۇخلاش ھالىتىم ياخشىكەن ، بىرلا يىرى ئاخشىمى ئۇخلىيالماس ئەتىگىنى ۋاقتىدا قوپالماس بوپ قالدىم دىسە .....;P

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:58:08

hilal يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:41 /static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئۇخلاش ھالىتىم ياخشىكەن ، بىرلا يىرى ئاخشىمى ئۇخ ...

سىزچۇ خىيالنى بوش قىلسىڭىز ياخشىلىنىپ كىتىسىز دەيمەن :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:58  

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:51:41

ئۇيقۇم كەلمەس بوپ قالدى دىسە....

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:07:46

مېنىڭ ئۇيقۇممۇ قەتئىي ياخشى ئەمەس......ئامال تاپالمايۋاتىمەن....

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:38:08

خانىملارغىلا تىما يوللايدىغان بۇلىۋالدىڭزىيا خانىم

esil يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:13:09

ئۇخلىساملا قوللىرىم ئۇيىشىپ قالدىغان بۇلۇپ قالدى دىسە

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:54:43

بەك سەھەر قوپىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئويغۇنۇپ كەتسەملا قايتا ئۇخلىيالماي نېرۋام چېچېلىپلا جىلخور بوپ قالىمەن
بەت: [1] 2
: )قەھۋە(خانىم، ئۇخلاش ئادىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ