خوش دىدىم
ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا،كۈلۈپ تۇرۇپ خوش دىدىم.
قايغۇئازاب ھەسرەتنى،
چۆرىۋەتكەچ خوش دىدىم.
كۆزياشلارغا لىق تولغان،
مۇھەببەتتە يوق گۇمان.
ۋاپاسىزغا ياربولغان،
چاغلىرىمغا خوش دىدىم.
سۆيگۈڭ ماڭا تۇغ ئىدى،
يۈرىكىڭمۇ گۈل ئىدى.
ئەپسۇس يۈرىكىم خار بولدى،
ئەلەملەرگە خوش دىدىم.
قاۋانلارنى دوست بىلگەن،
دوسلىرىمنى يات بىلگەن.
ئىچ كۆيدۈرسە دات بىلگەن،
گۆدەكلىككە خوش دىدىم.
ئۆتمۈشتىكى قەدەملەر،
خاتا بولسا خوش دىدىم.
بارچە ھەممە سەۋەنلىك ،
يۇيۇلغىچە خوش دىدىم.
ئەمدى باسقان قەدەمنى ،
ھەرگىز خاتا ئالمايمەن .
دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا،
ۋىجدان بىلەن ياشايمەن. ياخشى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇش دەپ مۇشۇنداق يېڭى يىلدا خۇشال ياشاڭ `` مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى يېزىپسىز ..... مەنمۇ مۇشۇنداق خوش دىدىم ..... خوش دىمەي ھىچ ئامالىم يوق ياۋاگۇل قەلىمىڭىز كۇچلۇككەن ،يازغان شىئېرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ، ئادەمگە ئۇمۇد ئېلىپ كىلدىكەن. :) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:58
يېڭى يىلنى خوشلىشىپ كۈتۈۋاپسىزدە خوش دەپلا ھەممىنى ئۇنتۇپلا كەتكىلى بولسىدى، نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى. ئەگەر يېڭى يىلغا مۇشۇ بويىچە كىرەلىگەن بولسىڭىز بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، مەدەت تىلەيمەن!
بەت:
[1]