Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:20:15

قىسمەتنىڭ 2011-يىلى


     ئۇزۇندىن بېرى يېڭى يىلنى ئۆتكەن كۈنلىرىمنى خۇلاسىلەش، كېيىنكى يىلىدىكى پىلانلىرىمنى تۈزۈش بىلەن خاتىرىلەيدىغان مىجەزىم بار.
     بۈگۈنمۇ ھەم ھېچقانداق ئەدەبىي تۈس قوشۇلمىغان بۇ يازمام بىلەن 2011-يىلىنى خۇلاسىلەش ئويىغا كەلدىم.
     خوش، ئۇنداقتا مەن 2011-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلغاندىمەن؟
     ئائىلەم تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپتۇ.
     ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى مۇستەھكەم ئېتىقاد، مەسئۇلىيەت بىلەن قانىتىم ئاستىغا ئېلىپ كەپتىمەن.
     شىركەت قۇرۇپتىمەن.
     بۇرادەرلىرىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىپتىمەن، مۇئەييەن نەتىجىلەر روياپقا چىقىپتۇ.
     «تارىم» ژۇرنىلى ئورگان تور بېكىتى، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تور بېكىتى قاتارلىق بىر نەچچە نۇپۇزلۇق تور بېكەتنى ياساپ چىقىپتىمەن.
     خۇددى مەن چىقمىسام ئادەم چىقمايدىغاندەك يىل بېشىدىن ئاخىرىغىچە 10 نەچچە قېتىم تېلېۋىزىيە، رادىيو زىيارەتلىرىدە بولۇپتىمەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلەپتىمەن.
     بىر يېرىم يىل تاشلىنىپ قالغان قەدىناس بلوگىمنى باشلىۋاپتىمەن.
     2011-يىلى كىرگەندىن بېرى خەلقئارادىكى سىياسى ۋەزىيەتتىكى قاتماللىقنىڭ ئەكسىىچە، ئىشلىرىم ئاساسەن ئوڭغا تارتىپ كەپتۇ. قىسقىسى، بۇ بىر يىلدا ئالدىنقى 10 يىلدا يېتەلمىگەن نىشانلىرىمغا يېتىپتىمەن.
     بۇ جەرياندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ، ئايالىمنىڭ، بالىلىرىمنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپتىمەن.
     رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم! يىتىملىك دەردىنى تارتقۇزماي بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغانلىقىڭلارغا، ھەردائىم مەن ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىقىڭلارغا رەھمەت، جانابىي ئاللاھ قىيامەتتىمۇ قېرىنداش بولۇپ ئۆتۈشكە نېسىپ قىلغاي!
     رەھمەت سىلەرگە بۇرادەرلىرىم، مېنى قوللىغانلىقىڭلارغا، ئەسلىدىكى قىسمەت ھالىتىمگە قايتىشىمغا قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۇر!
     رەھمەت ساڭا مەرۋەرى، مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭغا ئۆمۈرلۈك قەرزدارمەن! قادىر ئاللاھ سېنى بەختلىك قىلىش بىلەن بۇ قەرزلىرىمنى قايتۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي!
     رەھمەت سىلەرگە قىزلىرىم، قادىر ئاللاھ سىلەرنى مەڭگۈ مەندىن پەخىرلىنىپ ياشاشقا، مېنىڭ قىزلىرىم بولۇپ قالغانلىقىڭلارغا شۈكرى ئېيتىپ ياشاشقا نېسىپ قىلغاي!


      ئاپتورى: قىسمەت
      مەنبە: http://www.qismet.me
      يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/2011.html

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:38:40

ئېرىم بىلەن ئىككىمىز كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى سائەت ئوندىن باشلاپ شۇ يىللىق پىلانلارنى خۇلاسىلەپ، يېڭى يىللىق پىلان تۈزىدىغان ئىشىمىزنى ئۇدا 3 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەپتىمىز. بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلىمىز ئىنشائاللاھ!!!
بىزگىمۇ بۇ يىل جىق قايغۇلار، جىق خوشھاللىقلار بولدى. بۇنى شېئىرىمدا دەپ ئۆتتۈم.
قىسمەت، مەرىم: سىلەرگە ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ياغسۇن. بەخىتلىك بولۇڭلار!!!
ھەممەيلەننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:24:17

باشلىقنىڭ يازغانلىرىدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم. بىزمۇ بۈگۈن كەچتە خۇلاسە قىلىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا ئىككى يېڭى يىل بولدى، چوڭلار بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقىلى. ياشلار ئولتۇرسىڭىز سائەتلەر بىر يەرگە بېرىپ، كۆزلەر ئېلىشىپ، بۇرنىدىن ئىس چىقىرىشقىچە ئولتۇرۇشقان. يىل بېشىدىلا ئويۇن-تاماشا بىلەن باشلىنىپ دېگەندەك. يىلنىڭ بېشى قانداق باشلانسا، ئاخىرغىچە شۇنداق ئۆتىدۇ. يېڭى يىلنى چوقۇم رېستۇران ياكى مۇزىكىلىق جايلاردا دۈم-قاس دۈمنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كېرەك بولمىغاندىكىن دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارمۇ بەك جاپادا قالىدۇ. يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى بالىلارنى باشلاپ، ئىككى چوڭ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاش بەك ئەھمىيەتلىك ئىشكەن.
  مۇنبەردىكى دوستلارنىڭمۇ يېڭى يىلغا يېڭىچە قەدەملەر بىلەن كىرىشىگە تىلەكداشمەن!

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:35:55


قىسمەتكاملارنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن


روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:37:05

ئەتىكى كۈن ماڭا نىسبەتەن ھېچنىمە

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:13:24

سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن!.ئشلىرىڭلار تىخىمۇ ئۇڭۇشلۇق،غەلبىلىك بولسۇن!

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:09:49

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى شەنبە سائەت 4.56 مىنۇت ئۆتتى.
بۈگۈن 2011-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. ئەتە يېڭى يىل كىرىدۇ. بەزىلەر يېڭى يىلنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالسا يەنە بەزىلەر غەم قايغۇ ئىچىدە كۈتۈۋالىدۇ. مەن ئەتىنى قانداق قارشى ئالىمەن؟ كۈلۈپمۇ ياكى غەم-قايغۇلار بىلەنمۇ؟ بۇنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. لېكىن ئاللاھتىن يېڭى يىلنى يېڭىچە خۇشاللىقلار بىلەن كۈتۈۋېلىشىمنى نېسىب قىلىشىنى تىلەيمەن!
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىر يىل خۇددى بىر ئايدەكلا، تېخى تۈنۈگۈنلا كىرگەن 2011-يىلى ھەش-پەش دېگۈچە ئاخىرلىشىپ قالدى.
2011-يىلى ئىشلىرىم ئالغا يۈكسەلگەن يىل بولدى. بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ يىل كىرىپ قايتىدىن باشلىۋالغان ئوقۇشۇمدىن  ئۆزۈم ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. ئاللاھنىڭ بۇ يولنى ماڭا تېخىمۇ قولايلىق قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن!
ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە-ئۆزۈم ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتىمەن. غەيرەت قىل جۇلالىق! مۇشۇ غەيرىتىڭ بىلەن ئالدىڭغا قاراپ ماڭساڭ، ئۇزاققا قالماي  ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان  نىشانىڭغا يېتىسەن!
تۇرمۇشنىڭ ئېگىز داۋانلىرىدىن ئېشىپ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن سەن يەنە نۇرغۇن يوللارنى باسىسەن. بۇ يوللاردا ساڭا نۇرغۇنلىغان ئەگرى يوللار ئۇچرايدۇ. ئەڭ توغرا يولنى تېپىپ مېڭىش-ماڭالماسلىقىڭ پەقەتلا ئۆزۈڭگە باغلىق. ساڭا باشقا بىرى ئەمەس، سېنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادەڭ ياردەم قىلىدۇ. ئالدىڭغا قاراپ مېڭىۋەر! ھەرگىز توختاپ قالما! سەن ماڭىدىغان بۇ يولدىن سەن ھېس قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى نۇرلار چاقناپ تۇرىدۇ. شۇ گۈزەل يۇرۇق ماكانغا يېتىپ بېرىش سېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىڭ!

hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 19:05:53

مىنىڭمۇ ھەر يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى خۇلاسە يېزىش ۋە يېڭى يىللىق پىلان تۈزۈش ئادىتىم بار ..... بۇ ياخشى ئادەت ، شۇنداق قىلىۋاتقانلارنىڭ ۋە ئۈزەمنىڭمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىشىمنى ئۈمۈت قىلىمەن ...... بۇ بىر يىلىم ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى ، تىرىشقان بولساممۇ ئەمما بۇرۇنقى بەڭباشلىقلىرىم ۋە كىيىنكى سەمىمىيەتسىزلىكىمدىن نۇرغۇن ئادەمنى ئۆمۈتسىزلەندۈردۈم ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە مىنى كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلىمەن ..... بىر يىل گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىلەن ، ئۆزەمنى ئەيىپلەش بىلەن ئۆتۈپتۇ ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىممۇ ئاز بوپتۇ ، ئەمدىكى بىر يىلدا خاتالىقلىرىمنى يۇيۇپ يېڭىچە بىر ئىستەك بىلەن ، يېڭىچە بىر روھ بىلەن تىرىشىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن .......قالغىنىنى دەپتىرىمگە يازاي ......

قىسمەت ئاكام ۋە مەرۋەرى ھەدەمنىڭ ئەجرىدىن ۋە بەختىدىن سۆيۈندۈم ، خۇدايىم بەختىڭلارنى زىيادە قىلغاي ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hilal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:08  

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 19:36:26

يىڭى يىلغا يەنە 3 سائەتلا قالدى. سوغۇققىنە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپتىمەن.  بۇيىل بىلەن ئۆتكەن يىلىمنىڭ پەرقى نىمىدۇر؟
1. ئاللا خالىسا چوڭلار تېشلىق، ئەمما جەمەتىمىزدىن ئىككىيلەننى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇزۇتۇپ قويدۇق. ئاپامنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ۋە شۇ ئاكىسىنىڭ ئايالى 40يىلدىن ئوشۇق بەخىتلىك ئۆي تۇتۇپ، ئىلگىرى كېيىن 6 ئاي پەرقى بىلەن تەڭ كېتىشىپ قالدى.
2. بۇيىل خىزمىتىمدە كالىدەك ئىشلەپ خىزمەت نەتىجىلىرىم ئۆزۈممۇ ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئېشىپتۇ. سان سىفىرلار بۇنىڭ دەلىلى. ئەمما ئەشۇ نامەرت باشلىقىمغا بويسۇنمىغانلىقىم سەۋەبلىك كالا يەيدىغان بىر باغلام چۆپچىلىك بىر ھىممەتكە ئېرىشەلمەي، ئىشخانىدىكى گېزىتچى، قەرتچى پالۋانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
3. تۇرمۇشۇمدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى دىسەم شۇ توي قىلىۋالغىنىم بوپتۇ. ھاھا ( ھەجەپ خىجىل بولدۇم يالغاندىن) ئەمما توينىڭ 3-كۈنى خوتۇننى ئۆگىنىش بىلەن ئىچكىرىگە يولغا سېلىپ قويغىلىمۇ 4 ئايدىن ئېشىپتۇ. بىر ھەپتىگىچە كېلىپ قالار ئۆينىڭ ئادرىسىنى بىلسە.
4. بۇيىل كاللام قۇپقۇرۇق ئاساسىي جەھەتتىن قەلەم تەۋرەتمەپتىمەن. خەقنىڭ يازغان تېمىسىغا بىلگەنلىرىمچە سىجىلاپ چىقىپ كېتىپتىمەن. تېما كۆرۈپ ئىنكاس يازماسلىقنى مەنىۋى خىيانەتچىلىك دەيدىغان بۇ جاھىل مىجەزىم بولمىسا، بەلكىم پارغا ئايلىنىپ كېتىشىممۇ تۇرغان چېغى.
5.بۇيىل ئۆزۈمدىن خۇشھال بولىدىغىنىم، بىرەر ئادەم بىلەنمۇ يامانلىشىپ قالماپتىمەن، سەن دەپ تىللىشىپمۇ باقماپتىمەن. ئەر كىشى دىگەن بىر يىل ئۆتسە بىر يىل چوڭ بولۇپ ماڭىدىكەن. بۇ يىل ھەر ئىشلار باشقا كەلسىمۇ، كۈلۈپ قويۇپ بىھاجەت كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپتۇ.
مانا بىردەمدىن كېيىن يىڭى يىل كىرىدۇ. مەن يىڭى يىلغا ئامراق،ئەمما يىڭى يىلنىڭ ھارپىسىغا ئۆچ ! چۈنكى ھەممە ياق قىز ئوغۇل ئايرىماي ئايرىمخانىلارغا سولىنىۋېلىپ قىزىل ۋە ئاقلاردىن ئەركىن ئايلىنىۋاتقان رومكىلارنىڭ بازىرى ئىتتىك تۈن. ئىسمىنىمۇ بىلىشمەيدىغان يات جىنىسلار جېنىم دىيىشىپ ئەرنىڭ بوينىغا گىرە سالسا، ئايالنىڭ كۆكسىنى ھىدلايدىغان بىنومۇسلارنىڭ مېھمانخانىلارغا تۈنەيمىز دەپ قاينايدىغان تۈن، ئاتا ئانىسى ھاراق سورىنىغا دۈم چۈشكىنىدە، بالىلىرى خۇش بولۇپ پوجاڭزا ئېتىپ قۇتلۇقلايدىغان بىچارە تۈن!   
ئۇھ ! بۇ يىڭى يىلدا يېنىمدىكىلەر  پوجاڭزا ئاتمىسىكەن دەيمەن. نېرۋام ئاجىز، ھېلىمۇ ئىككى يىڭى يىل بولدى، شۇ شاۋقۇن سۈرەنگە بەرداشلىق بېرەلمەي تاس قالىمەن تامغا ئۈسۈپلا ئۆلىۋالغلى!
بۇ يىل سەل تېنىچ، رېتىملىق كەيپىياتتا...ئاللاھ ئىگەم تېنىچ ئاسايىشلىق بىلەن يىڭى يىلغا ياخشى كەيپىياتتا كىرىشكە نىسىپ قىلسۇن !

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 19:46:06

سىلەرنىڭ ۋە مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسگە بەخىت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە يېڭى يىلىڭلارنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن ... يېڭى يىڭلدا يىڭى يىڭى نەتىجىلەر ۋە بەخىت ئامەتلەر سىزلەرگە يار بولغۇسى ``
2011 - يىل  خىلى ياخشى ئۆتۈپتۇ ..   
11 - ئايغىچە ئىشلەپتىمەن ``  11 - ئايدا ئىستىپا بىرىپ ئۆيدە ئۆيدىكىلەرنىڭ شوپۇرلۇقىنى قىلۋاتىمەن ... ئانام بىز دېگەن ماشىننى ياق دېمەي ئېلىپ بەردى رەھمەت```    مۇشۇ كۈنلەردە دادام بولغان بولسا ھە ~~~~ `

10 - ئايدا ئۈرۈمچىگە بىرىپ دوستلۇرۇم ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپتىمەن ، بۇ مۇنبەردىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمىدىمدە ئەپسۇس ``  ئاغرىپلا بىرىپ ئۈرۈمچىگە```    يىقىن دوستۇمنىڭ تويىنى ئويناپ قايتىپ كەلدىم ```

كېلەر يىللىق پىلانلىرىم مەخپىي ``:lol
بەت: [1] 2 3
: قىسمەتنىڭ 2011-يىلى