Insan يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:17:19

[پائالىيەت] 100RMB مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى خالامسىز؟

مەن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بىلگەن ئىدىم. بۇ قېتىم قايتا تېپىۋالغىلى 10 كۈنچە ۋاقىت بوپتۇ. بۇ قېتىملىق قايتا دىدارلىشىشنىڭ ھۆرمىتىگە مۇنبەردە بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.
پائالىيەت نامى : قايسى تورداش تورغا چىققاندا ئەڭ ئالدى بىلەن يەتتە قىزلىرىم تورىنى ئاچىدۇ؟
مۇكاپات سوممىسى : 100 يۈەن
پائالىيەت ۋاقتى : 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
قاتناشقۇچىلار : 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن بۇرۇن يەتتە قىزلىرىم تورىغا ئەزا بولغانلار ( 26-چىسلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )

ئەسكەرتىش:
1. سىز كومپىيۇتىرىڭىزنى ئېچىپ تورغا ئۇلىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئالدى بىلەن ( ھىچقانداق تور بەتنى ئاچماي تۇرۇپ ) يەتتە قىزلىرىم تورىنى ئاچىدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشىڭىز ھەمدە مۇنبەردىكى ئىككى ئەزا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك.
2. پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى Insan دا بولىدۇ.

jahandar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:41:31

بىرىنچى بولۇپ QQنى ئاچىمەن،ئاندىن يەتتە قىزنى...لىكىن يېنىمدا گۇۋاھ بولغۇدەك ئادەم يوق.

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:12:01

مەن ئاۋال 7 قىزنى ئاچىمەن، لېكىن گۇۋاھچىم يوق، يازغان ئەسەرلىرىم گۇۋاھمىكى ...

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:13:15

ماۋۇ "ئىنسان" باي ئوخشىمامدا؟ ... بۇنىڭغا تېگىدىغانلار جىقىيىپ كەتمىگىيدى ئەمدى... پۇلى باركەن دەپ... ئەممــــــازە... كارتنى تاپشۇرمىسا تەگمەيدۇ جۇمۇ...

ھە راست، مەن ئەڭ ئاخىرىدا يەتتە قىزلىرىم تور بېتىنى ئاچىمەن... لېكىن كۈندە ئاچىمەن! بۇنىڭغا ئۆزەم گۇۋاھ.

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:15:03

مەنمۇ ئالدى بىلەن بۇمۇنبەرنى ئاچىمەن ، گۇۋاھچىغا نەگە بارارمەن ؟

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:12:38

ئىنسان ئەپەندىمنىڭ بۇ تېمىسىغا ۋە يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مۇنبەر مەسئۇلى ، بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار نامىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن~!:handshake
مەن بۇ مۇكاپاتتىن ۋاز كەچتىم چۈنكى ھەر قانداق كىشى مېنىڭ كومپيۇتېرنى ئېچىپلا يەتتە قىزلىرىمنى ئاچىدىغانلىقىمنى ھېس قىلالايدۇ:loveliness: ھەم قىسمەت ۋە يېنىمدىكى ئىككى كىچىك ساقچى گۇۋا بولالايدۇ;P

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:21:25

مېنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىم ئېنىق بولۇپ كەتتى دەڭلا :P ، گۇۋاچىلىرىم بولسا  توختىماي مەن بىلەن كومپىيوتور تالىشىدىغان ئىككى قوشماق بىلەن ئۇلارنىڭ دادىسى .

sansiz0903 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:58:02

مۇكاپات دىسە ھەممىسى مەن ئاۋۋال يەتتە قىزلىرمنى ئاچىمەن دەيدىكەن... راس گەپ قىلغانلارغا مۇكاپات يوقما؟;P

مەن ئاۋۋال ئانا تۇپراق مۇنبىرىنى ئاچىمەن. چۈنكى بۇ مۇنبەر ماڭا قاراشلىق...
http://bbs.anatuprak.com/

ئىككىنچى بولۇپ پۇتبول مۇنبىرىنى ئاچىمەن. چۈنكى مەن شۇ مۇنبەرگە نەچچە مىليون پۇل تىككەن. شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرمىسەم بولمايدۇ.

ئۈچىنچى بولۇپ يەتتە قىزلىرىمنى ئاچىمەن. تىمامغا ئىنكاس چۈشتىمۇ قارايمەن. يىڭى يازما بولسا كۆرىمەن. ئىنكاس يېزىشقا تىگىشلىك بولسا يازىمەن. بولمىسا غىت قىسىپ كۆرىدىغاننى كۆرىمەن;P

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:50:18

sansiz0903 بۇ يازمىنى 27/9/2010 09:51 AM دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
.... نەچچە مىليون پۇل تىككەن......;P



ۋاھ~! يەنە بىر باي بار ئىكەن..... بارا-بارا ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ-دېسە....

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:07:18

ئەپسۇس، بۇ مۇكاپاتقا مەن ئېرىشەلمىگىدەكمەن.
مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا IE غا ulinix.cn باش بەت قىلىنغان، ئالدى بىلەن مۇشۇ بەت ئېچىلىدۇ ئاندىن كېيىن xjcfan.com غا كىرىمەن، ئۇ يەردىن يەتتە قىزلىرىم تورىنىڭ تۇغ ئادرىسىنى چېكىمەندە يەتتە قىزلىرىمغا كىرىپ كېتىمەن.
بەزىدە تورغا كىرىپلا QQ نى ئاچىمەن. ئاندىن كېيىن باشقا بەتلەرنى كۆرۈمەن.
تورداشلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.:)
بەت: [1] 2 3 4
: [پائالىيەت] 100RMB مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى خالامسىز؟