دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:26:59

ھازىرچە تېمىسىز

http://play.tiztap.com/user/UserMusic/Uploads/2011/06/2011061040218977.mp3
ئۇزۇن بوپتىكەن بىرەر نەرسە جىمايلاپ باقمىغىلى، يازمىسىمۇ ئادەمنىڭ كاللىسى قۇرۇقتىلىپ قالامدۇ قانداق؟
مەنغۇ توختىماي بىر نەرسە يازىدىغان داڭلىق ياغۇچىمۇ ئەمەس، ئەمما بەزىدە كىتاپلاردىن ئوقۇپ كاللامغا ئورناپ قالغان بەزى سۆزلەرنى  ئىشلىتىپ، توردىكى قەلىمى ئۆتكۈر تورداشلىرىمنىڭ ئاشۇ پاساھەتلىك سۆزلىرىنى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىپ دېگەندەك بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقىمەن.
بۈگۈنمۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇنداق ئىلھامىم كېلىپ ئۆزۈمچىلا ئاجايىپ بىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرۋېتىدىغاندەك تولىمۇ ئالدىراش كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدىمدە كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىگە قولۇمنى ئاپاردىم.
- نىمە يازىسەن، دىلەيسەم؟
- بىلمەيمەن.
- ئەمسە نېمىشقا يەتتە قىزلىرىمنىڭ بوشلۇقىنى ئاۋارە قىلىسەن؟
- ئەمما،  بىر نەرسىلەرنى يازغۇم كېلىۋاتسا:(،  ئۈمچەيدىم مەن.
مانا، ئاخىرى كۆڭلۈمنىڭ توسۇشىغا قارىماي بىرنەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەگەر خالىسىڭىز ئورتاقلىشايلىچۇ؟
مانا يەنە نەچچە كۈندىن كېيىنلا بۇ يىلنى ئۇزۇتۇپ يەنە بىر يېڭى يىلنى كۈتىۋالىمىز، بىزگە يەنە بىر ياش قېتىلىدۇ، ئىدارىلەردە يېڭى يىللىق پىلانلار تۈزۈلىشكە باشلايدۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىمىز دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن يىلنىڭ يېرىمى تۈگەيدۇ، مۇشۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە ئاياقلىرىمىز تېگىدە ئېچىنىشلىق چىقىراۋاتقان شۇ قارلارنىڭ قاچانلاردا ئېرىپ كەتكەنلىكىنى، دەل- دەرەخلەرنىىڭ قاچانلاردا يوپۇرماق چىقىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغۇچە چىرايلىق ياز كېلىدۇ، ھەر خىل گۈللەرنىڭ ئادەمنى مەست قىلىدىغان پۇراقلىرى ئارىسىدا ھوشۇمىزنى يىغىپ بولغۇچە بۇ قىش يەنە كېلىدۇ ۋە يەنە يىل ئالمىشىدۇ، مانا مۇشۇنداق مەنىسىز، نەتىجىسىز ياشاۋاتقىلى 36 يىل بوپتۇ، مەن بۇ 36 يىلدا نىمىلەرگە ئېرىشتىم نىمىلەرنى يوقاتتىم؟
بۇنداق سوئاللارنى تۇرۇپ- تۇرۇپ،  ئۆز- ئۆزۈمدىن سوراپ قويىمەن، بەلكىم بۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە مەسئۇل بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدۇر ۋە ياكى ئەتتىراپىمدىكى قانداقتۇر ئادەمنى ھەيرەت قالدۇرىدىغان بىرەر خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۆزۈمگە قايتقۇم كەلگەندە سوراپ قويغان ئانچىكى سوئاللىرىمدۇر. ئىشقىلىپ بەزى بەزىدە بولسىمۇ ئۆزۈمگە مەسئۇل بولۇپ قويىمەن، ئۆزۈمنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىم ۋە  بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشىماقچى ئىكەنلىكىم ئۈستىدە ئازدۇر- كۆپتۇر ئويلىنىپ قويىمەن.
مانا، مۇشۇ تاپتىمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇ يىل جەريانىدىكى نەتىجىلىرىم ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم يىللىق باھالاش قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئىدارىنىڭ باھالاش قەغىزىگە ئۆزىمىزنى قانچىلىك ماختىساق بولىۋېرىدىكەن، ئەمما ۋىجدان ۋارىقىغا، ئۆمۈر ۋارىقىغا خالىغانچە يازغىلى بولمايدىكەن، ھەقنى ھەق يازمىساق ۋىجدانىمىز ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالىدىكەنمىز.
مەن بۇ بىر يىلدا نىمىلەرنى قىلدىم؟ نىمىلەرگە ئېرىشتىم؟ نىمىلەرنى يوقاتتىم؟
مەن بۇ يىلدا تىلغا ئالغۇدەك ھېچنەرسە قىلىپ باقماپتىمەن، مۇھىم ئىشىم شۇ يولدۇشۇمنىڭ خىزمىتىنى قوللاش، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇش، بالىلىرىمنى تەربىيلەش ۋە ئۇلارنى كۈتۈش بوپتۇ، ئاتا- ئانامنىڭ خىزمىتىدە ياخشى بولالمىدىم، كەچۈرۈڭلار مېھرىبانلىرىم، پاسىبانلىرىم!
ئېرىشكىنىم ھەقىقىي بەخت، خاتىرجەملىك.
يوقاتقىنىم بولسا، سالامەتلىكىمنىڭ ئازراق ناچارلاشقانلىقىنى، قارا چاچلىرىمنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئازىيىپ ئورنىنى قاردەك ئاپئاق چاچلارنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى، ئاسانلا چېچىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا جىق نەرسە يوقاتماپتىمەن، ئەڭ مۇھىمى ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمىدىم، ۋىجدانىمنى يوقاتمىدىم.
ھەي...تور دۇنياسى مەۋھۇم دۇنيا، ئاجايىپ سىرلىق دۇنيا، ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى سەن، مانا مۇشۇنداق ئەرزىمەس كۆڭۈل سىرلىرىمنى ساڭىلا  تۆكەلەيمەن، سەنلا مېنىڭ قەلىب سىرلىرىمنى زېرىكمەي ئاڭلايسەن.
كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى يىلدا بارلىق دوستلارنىڭ ئىشلىرىغا نەتىجىلەر تىلەيمەن، سالامەت بولۇڭلار!   


otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:47:51

دىلەيسەمنىڭ  «ھازىرچە تېمىسىز»دىگەن  بۇ تېمىسىنى ھەجەپ تاتلىق ئۇقۇپ چىقتىم.دىمىسىمۇ ھەممىمىزنىڭ بۇ يەردىن ېرىشكىنىمىز «ھەقىقىي بەخت، خاتىرجەملىك»تۇر.

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:28:09

مۇزىكا ئەجەپ ئەزدى ئادەمنى:(، ۋاقىت بىردە قارىسا شۇنچە ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مۇشۇنداق ھەر قېتىم يىل ئالماشقاندا ئۆزىمىزنىڭ يېشىنى ئويلىساق ۋاقىتنىڭ ئۇنچە ئاستا ئۆتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
خۇددى ئوت يۈرەك شائىرىمىز ل. مۇتەللىپ ئېيتقاندەك:
يىللار سېخى، قۇرۇق كەلمەيدۇ،
ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال
مانا تۈنۈگۈنكى كىچىككىنە قىزلار بۈگۈنكى ئانىلارغا ئايلاندۇق.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:19:20

ياخشى كۆرىمەن جۇمۇ يازمىللىرىڭىزنى. يازمىللىرىڭىز دېگەندىن كۆرە، «كۆڭۈلدىكى سۆز» دېسەم بولغۇدەك.

orkixi يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:31:33

ئويلاپ كۆرسەك  بۇ بىر يىلدا  ئىرىشكىنىمىزمۇ  كۆپ . يوقاتقىنىمىزمۇ كۆپ  ، بىراق  يوقاتقىنىمىزنىڭ  سالمىقى چوڭ . چۈنكى بىز  بىر يىللىق  ئۆمرمىزنى ياشاپ  تۈگەتتۇق  . ئۆلۈم  تەرەپكە  بىر يىل  يېقىنلاشتۇق دېگەن گەپ  . ئويلىساق  ئۆمۈرنىڭ   ئاتقان ئوقتەك  تىز  ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى  ھىس قىلىمىز .  تېمىڭىزنى  ئوقۇپ مەنمۇ   ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن  ئۆتكەننى ئويلاپ  .
بەت: [1]
: ھازىرچە تېمىسىز