(بەگزات)«قەلبىمدىكى پەرى»گە...
مۇھەببەت زەپ شىرىن گۈزەل بىر دۇنيا،ئۇنىڭدا قىز-يىگىت تاپىدۇ ۋىسال.زۆرۈر بولسا تاللاشقا ناۋادا بىر كۈن،
سۆيگەننى تاللايمەن پەقەت شۇ ئامال.
ھەر تۈنى ئۇخلىماي سۈرىمەن خىيال،
ھەي پەرى سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى.
خيالىم تۇيدۇرماي ئايلىنىپ چۈشكە،
ئاسىمەن بوينۇڭغا دەستە گۈللەرنى.
سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ شاتلىقتا كۆڭلۈم،
قايغۇرساڭ يىغلايدۇ بۇ مسكىن قەلبىم.
سەن بىلەن ياشسام مەڭگۈ مەڭگۈگە،
بۇ مېنىڭ ئەبەدىي ئارزۇ-ئارمىنىم.
قىلغاندا سەن بىلەن باغلاردا سەيلى،
مۇشۇنداق يىراققا كېتەيلى مەيلى.دەيتىڭغۇ كۆزۈمگە تويمايتىڭ قاراپ،
سەن ئۈچۈن ئۆلسەممۇ كۆيسەممۇ مەيلى.
ئەپسۇس، تەقدىر چاقچاق قىلدىغۇ،جۈپ يۈرەكنى پارە-پارە تىلدىغۇ.تەرسالىقىڭ يەلكەمدە گويا تاغ كەبى،
سەنسىز ھەجەپ دىلمغا ھەسرەت تولدىغۇ.
ئاچچىق ھېسلار قىينىسا دىلنى،گۈزەل ئۆتمۈش چىللايدۇ يەنە.شۇ سۆيۈشكەن شىرىن مىنۇتلار،چىن سۆيگۈمىزگە قىلار تەنتەنە، چىن موھەببەت بولغاي بىزگە مەڭگۈ ئەنئەنە! ئاچچىق ھېسلار قىينىسا دىلنى،
گۈزەل ئۆتمۈش چىللايدۇ يەنە.
دىققەت قىلالا . يانلىرىدا بىرى تۇرۇپ ئوتمۇشتىكى مۇھاببەت چىللىدى دەپ كىتىپ قالمىسىلا يەنە (چاخچاق )
شېئىرنى ياخشى يېزىپ قۇيىدىكانسىز . ياش ۋاقىتلىرىمدىكى مۇھاببەتنى ئەسلەپ قالدىم دېسە .
قىزىل رەڭدە بوياپ قويدۇم، ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز!
شۇ پەرىرىڭىزگە بەخت مەڭگۈ يار بولغاي!
رەخمەت ئوركشى سىزگە..ماڭا تەلەپ پىكىر بىرىپ تۇرشۇڭلارنى ئومىت قلمەن.. گۇل بىغىمنىڭ گۇلزارلقىدىن.
تىزغان ئدىم ساڭا گۇل دەستە.
تۇنجى كورگەن چىغمدا سىنى.
كويگەن ئىدىم ساڭا ھەۋەستە.
بەت:
[1]