جىددى ئۇقتۇرۇش
كەمىنە مەرۋەرىدىن بارلىق دوستلارغا ئوتلۇق سالام!مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2011- يىلىمۇ ئاياقلىشىپ يېڭى بىر يىل كىرىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردە يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ، مۇنبەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنى سايلاپ چىقىپ، ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاشنى لايىق تاپتۇق.
قېنى ئەمسە ئىنكاس سۈپىتىدە يىللىق باھالاش دوكىلاتىنى يېزىپ تاپشۇرغايسىز!
ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش: بۇ باھالاشقا مۇنبەر مەسئۇللىرى قاتناشمايدۇ.
باھالاش بۈگۈندىن باشلىنىپ 2012- يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 12 دە ئاياقلىشىپ، 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 10-كۈنى نەتىجە ئىلان قىلىنىدۇ.
ئۆز- ئۆزىنى باھالاش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئەزالار ئاۋاز قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېكىتىلىدۇ.
بۇ چاقچاق ئەمەس، نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلارغا ئەلۋەتتە مۇكاپات بۇيۇمى بار.
ئىسىت مەن بۇرۇنراق كىرگەن بولسام مۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بۇلاركەنمەن . كىيىن قېتىم ئۆزەم ئالمىسام . تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىشى ھوقۇقى يوق دېگەن پىرىنسىپ بۇيىچە مەن ئۆزەمنى چەتكە ئالاي ھە . قېنى دوستلار تىزدىن ھەركەتلىنىپ نامزات كۆرسىتىڭلا . مەن ئۆزومنى كۆرسىتىمەن.دىمىگەن بىلەن ئىپادەم خىلى ياخشى بولىۋاتىدىغۇ ھە.:lol مۇنبەردىكى ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان تورداشلارنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ قېتىمقى باھالاشنى مۇنبەردىكىلەر ئورتاق نامزات كۆرسىتىش، ياندىن نازارەت قىلغۇچىلار ئورتاق تەكشۈرۈش، ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باھالاپ بېكىتسەك ئادىل ھەم توغرا بولىدۇ.
تەكلىپ: ئەگەر بىز ھەقىقەتەن مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز، بۇندىن كېيىنكى يىڭى بىر يىلدىمۇ مانا مۇشۇنداق باھالاشلارنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
تېخىكىلىك جەھەتتىن قىسمەت قارى ئويلىششىپ باقسا، بۇرۇن مۇنبەرگە كىرگەن، ئىنكاس يازغان ۋە تېما يازغاندا، باشقۇرغۇچىلار مۇكاپاتلىغاندا مۇنبەر تەڭگىسى بېرىلەتتى. ھازىر بۇنى قالدۇرۋەتكەن ئوخشايدۇ.
شۇ مۇنبەر تەڭگىسىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ئاساسەن يىل ئاخىرىدا بىر باھالاش ئېلىپ بېرىپ، مەلۇم بىر چەكتىن ئاشقاندىن كېيىن، مۇنبەر تەڭگىسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلسە ئۇنىڭغا باھالاشمۇ كەتمەيدۇ. پاكىت ھەممىنىڭ كۆز ئالدىدا دىگەن سۆز. بۇ خۇددى كىم ئىشلىسە شۇ چىشلەيدۇ دىگەندەك.
تەكلىپ بەرگەن ئىكەنمەن بەزى بىر ئەندىشىلىرىممۇ بار ئەلۋەتتە.
7قىز مۇنبىرىنى بىز باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۋېتىش، مۇنبەر ئەزالىرىنى تۈمەندىن ئاشۇرۇش نىيىتىمىز يوق. ياخشى نىيەتلىك، پىكىرچان دوستلارنىڭ سۆھبەت ۋە ئارامگاھى قاتارىدا كۆرۈپ كەلدۇق.
شۇڭا يۇقۇرىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ بىلەن، تورداشلار ئارىسىدا پەقەت تېما يوللاپ تەڭگە تېپىش، بىر ئىقتىسادىي قىممەتكىلا قاراپ، مۇنبەردىكى ھۇزۇرانە بىر كەيپىياتنى ئىقتىسادنىڭ جىددىچىلىكىگە باغلىۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇھ. بۇ مېنىڭ بۇيىل ئاخىرىدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلىگەن ئىنكاسىم بولۇپ قالسۇن، جىق سۆزلەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمەن. مىنىڭغۇ بەكلا ئۈزەمنى تۇنۇشتۇرغۇم بار ئىدى. ھاھاھ..
7قىز مۇنبىرىدىن خېلى سۈيىنىمەن. چۈنكى، مەرۋەرى خانىم باشچىلىقىدا ساخاۋەت ئىشلىرى ئاز بولسىمۇ، ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، تېخنىكىلىق جەھەتتىن خېلى ئىلگىرلەپتۇ. ھەتتا چ چ بىلەن باغلىغىلى بولىدىكەن. بايا سىناپ باقتىم.
ئەلۋەتتە، كۈچ چىقارغانلار خېلى كۆپ، ئەزالارنىڭ ساپاسىمۇ كۆپ ياخشى .
كۆپچىلىكنىڭ چۇقۇم ئادىل باھا بىرىپ، ياخشىلاردىن ياخشىلارنى كۆرسىتىپ بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەگەر ماڭا راستىنلا مۇكاپات بىرىلىپ قالسا، ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىدىم. ئەگەر ماددى مۇكاپات بەك جىق بولسا، ئانچە مۇنچە 2 بالامغىمۇ خەجلەپ بىرىمەن. ئۇ ماڭا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار ئېلىكتىرون لۇغىتىنى قاچان ئېلىپ بىرىسىز دەۋاتقانتى. :lol :P :)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا peacelife212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:10
كىم كىم باشقۇرغىچىلار، مەن مەرۋەرى ، سايەدىن باشقىلارنى بىلمەيدىكەنمەن.
ئەگەر باشقۇرغۇچىلارنى سايلاڭ دەپ قالسا، مەن مەرۋەرى بىلەن سايە ئىككىسىنى كۆرسىتەي. مەنغۇ بىر ئاددى ئەزا ،بۇ مۇنبەر ئۇچۇن كۆپ ئىش قىلىپمۇ بىرەلمىدىم،لىكىن بۇمۇنبەرنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتىمەن بولمىسا، ئىشىنىمەنكى بىزدەك ياخشى ئەزالار كۇپەيسە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى چۇقۇم ئوزلىكسىز يۇقۇرى كۆتۇرۇلگۇسى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:13
مەن باشقۇرغۇچىلاردىن قەھۋە ، ئانار ھەدەملەرنى كۆرسىتەي !!! :P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:04
مەن بۇ بىر يىلدا 7 قىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلدىم؟
ئەمەلىيەتتە يەتتە قىز ماڭا جىق ئىشلارنى قىلىپ بىرىپتۇ. مەن 7 قىزدا بىر نەچچە ھېكايە يېزىپتىمەن، ئاندىن يەتتە قىز چۆچىكىنى يېزىپتىمەن، ئۇ چۆچەك مېنىڭ بىر رومان يېزىشىمغا ئىلھام بوپتۇ. مەن يەتتە قىزغا كىرسەملا ئىلھام تاپىمەن.
كونكىرىت ئىشلىرىم ئىنكاس يېزىش، مىكرو بىلوگ يېزىش بوپتۇ.
يەتتە قىز تورىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەرۋەرىنى ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئېتىپ بەرگەن تامىقىنى يەپ بىرىش، قىززىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مۇكاپاتلايمەن. مەنمۇ شۇ تېمىنى جىق يازماي، ئىنكاس يېزىپ، بىر قانچە ئادىمىم بار، شۇلارنى كىرۋاتامدىكىن دەپ قاراپ ، قاراپ چىقىپ كېتىۋاتىمەن دىگەندەك.
مۇنبەرنىڭ تور مۇھىتى ياخشىلىنىپتۇ، بەت يۈزى تېخىمۇ كۆركەملەشكەندەك بولدى. 2012-يىل لېنىيەدىكى سايەنىڭ روھىنى چىللاپ ئەكىرەي. يىڭى يىلدا يىڭى قەدەملەر بىلەن قۇتلۇقلانسۇن.
بۇ بىر يىللىق ئىش پائالىيىتىمنى يىغىنچاقلىسام، بەك چوڭمۇ بىر ھوسول يوق. ھە راست، خوتۇن ئاپتىمەن. تاس قاپتىمەن ئۇنى ئۇنتۇپ قالغىلى.
باشقا يىڭىراق بىر ھوسۇلنى ئەمدى ئالارمەن.