بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:16:48

كورۈپ

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى ، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەد ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا«ئۇچۇر تىخنىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىل يېزىقى» دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى

ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ 30-نويابىر  بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت (بېيجىڭ ۋاقتى ) يەتتىدە مەركىزىي مىللەت ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇيغۇرسوفت شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ «ئەلكاتىپ»نى بارلىققا كەلتۈرگۈچى، 2008-يىللىق "مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ياش"، 2010-يىلى<< جۇڭگونىڭ پەخرى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگودىكى يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس>> دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىق ساھەسى بويىچە  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى زالىدا كەڭ ئوقۇغىچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتكە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قاتناشتى.
ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەلكۈيى مۇخبىرى لىكسىيە زالىغا بارغاندا سۆھبەت لىكسىيەسى باشلىنىشتىن بۇرۇن چوڭ ئېكراندا ئالىم ئەھەد ئەپەندى تونۇشتۇرۇلغان مەخسۇس فىلىملەر قويۇلىۋاتقان بولۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى، قىزىقىشى ۋە چۇشەنچىسى ئاشۇرۇلدى. لىكسىيگە بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى موللانىياز  مالىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ باشتا ئالىم ئەھەد ئەپەندىمنى بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ چىقتى.


orkixi يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:46:16

ئۇيغۇر ئالىملىرى  ياشاپ كەتسۇن  .

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:04:56

ئالىم ئەھەد ئەپەندىگە بەك قول قويىمەن، شۇنداق ھۆرمىتىم بار. توغرا، ئۇيغۇر ئالىملىرى ياشىسۇن!
شۇ تاپتا «بىر ياقتا مىللىتىمىز ئارىسىدا ئالىملار كۆپىيىپ، بىر ياقتا مىللەت زاۋاللىققا يۈزلىنىپ» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.......

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:14:39

ئالىم ئەھەد ئاكىمىز بىلەن 3 يىل ئىلگىرى بىر قېتىم شېركىتىدە كۆرۈشكەن. قول ئاستىدىكىلەر بىلەن شۇنداق ئالدىراش ئىكەن.
ئالىم ئەھەد ئاكىمىز شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئاكادىمىگى ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىممنىڭ پەخرىي ئوقۇغۇچىسى. ھوشۇر مۇئەللىم بىلەن سۆھبەتلەشكەندىمۇ ئۇ كىشى ئالىم مۇئەللىمدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدىغانلىقنى ئېيتقانىدى.
بىز مىللىي كارخانىلىرىمىزنى بولۇپمۇ، ئېنتىرنەت ئۇچۇر ئالاقىدىن ئىبارەت مىللەتكە يۈكسەك چوڭ بىر تەرەققىيات قەدىمى ئېلىپ كېلەلەيدىغان، ئۇيغۇر سوفت قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەد قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىزنى قوللىشىمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:27:07

سىناق سۇپتىدە يوللاپ  باقسام تەھرىرلنىپتۇ   رەخمەت   سىلەرگە ئەزىزلەر...................

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:33:01

بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:27 /static/image/common/back.gif
سىناق سۇپتىدە يوللاپ  باقسام تەھرىرلنىپتۇ   رەخمەت   سى ...

ئۇنداقتا داۋامى بارمۇ يا؟
قارىساملا داۋامى باردەك قىلىدۇ بۇ تېمىنىڭ:)، بەگزات ئەپەندىمنىڭ قىزغىنلىقىغا كۆپ تەشەككۈر، ئەمما سىزدىن ئۆتۈنىشىم ئىجادىي ۋە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى تېمىلار كۆپ بولسا، باشقا مۇنبەردىكى ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن تېمىلارنى ئامال بولسا يوللىمىساق، بۇنداق بولغاندا مۇنبەرنىڭ سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تەرەققىي قىلىمىز ئەمەسمۇ؟ بولمىسا باشقىلار بىزنى يەنە كونا تېمىلارنى يىغىپ ساقلايدىغان ئامبارمىكىن دەپ قالمىسۇن!:P

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 08:14:29

مننڭ كوڭلۇمدكنى دىدڭىز جۇما ..رەخمەت....مەن  بۇندىن  كىيىن ئىجادى تىما يوللاشقا تىرىشمەن ..
موشۇ كوچورمكەشلىك بىلەن پەقەت خوشۇم يوق .ئدى...
ياخشى تەلەپ پىكرىڭلارنى ئايمىساڭلار...

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 08:15:02

ئەسلىدىغۇ مۇمكىنقەدەر باشقا مۇنبەر، تور بېكەتلەردىن تېما كۆچۈرمەي، ئاز بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ مۇنبىرىگە تەۋە بولغان made in 7qiz  تېمىلىرى بولسا ياخشى بولاتتى.
ئەمما نادىر ئېسىل تېمىلارنىمۇ ئوخشاشلا بەھىرلەنگۈلۈك. بىلىم قايدا بولسا شۇ ياققا بېرىش دىگەندەك. ئوبدان تېمىلارنى ئورتاق بەھىرلىنەيلى. :D
بەت: [1]
: كورۈپ