قېنى مۇنبەرداشلار بۇياققا كىلىڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم 7قىز مۇنبىردىكى نەۋقىران يىگىتلەر ۋە بەرنا قىزلار كەمىنە ئۆركىشىدىن ھەممىڭلارغا 90گىرادۇس ئىگىلىپ سالام . ھەممىڭىزلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن .مەن مۇنبەرنىڭ رەڭدارلىقىنى سەل بولسىمۇ ئاشۇرۇش ، مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كۈڭۈل رىشتىسىنى چىڭىتىش ھەم كۈڭۈل ئېچىش مەقسىدىدە [ سوۋغا ] پىرگىراممىسى يولغا قويماقچى . بارلىق مۇنبەر ئەزالرىنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى ، ماسلىشىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ پىرگىرامما ئىككى ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدۇ . مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ بىر بىرىگە ناخشا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئالىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرىشىنى قارشى ئالىمىز . ناخشا تەلەپ قىلغاندا ناخشا ئىسمى بىلەن ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئىېنق قالدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
ناخشا تەلەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسا بۇلىدۇ .
ھەممىڭلارنىڭ كۈنلىرىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي ، ئائىلەڭلارگە بەخىت - سائادەت يار بولغاي .
ماڭا ما قىتىملىق مەشرەپتە سۇدىيەئاي مەھمۇد ئورۇنلىغان دوستلار ئەلەم داغەي دەپ ئىيتقان ناخشىسىنى تىپىپ بىرىڭلار
ئىسمى ئېنىق ئىسىمدە يوق مىسرالىرى ئىسىمدە بۇ دۇنيادا ئۇچ نەرسە بار ئىزدەپ تپىلماس ، بىرى ئاتا ، بىرى ئانا ، بىرى قېرىنداش ، قېرىنداشنى يەرگە سىلىپ سۇغارسام ئۈنمەس ، دوستلار ئەلەم داغەي ```` بۇ ھەجەپ ياخشى ئىشكەن....
مەن نۇرگۇل ئەيسا ئورۇنلغان توموچۇق دىگەن ناخشى ئالدىن زاكاس قىلمەن.......
بەگزات يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 08:37 static/image/common/back.gif
بۇ ھەجەپ ياخشى ئىشكەن....
مەن نۇرگۇل ئەيسا ئورۇنلغان ت ...
كىمگە سوۋغا قىلغىلى زاكاز قىلىسىز؟:lol مەن ئانىرىمغا « غەزەبلەنگەن چۈجە» (愤怒的小鸟 ) ئويۇنىنىڭ شوخ مۇزىكىسىنى سوۋغا قىلىمەن. :lol بولسا تەلەپ تەقدىم پىروگراممىسىدىكى يولداشلار قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلىپ بەرسە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:30
saye يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:02 static/image/common/back.gif
مەن ئانىرىمغا « غەزەبلەنگەن چۈجە» (愤怒的小鸟 ) ئويۇنىنىڭ نى ...
نىمە ئۈچۈن چوقۇم شۇ چۈجە ناخشىسى ؟ قەدىرلىك مۇنبەرداشلار چاخچاق قىلىۋاتامسىلەر ياكى .... سىز تەلەپ قىلغان ناخشىنىڭ ئىسمى ، ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ ئىسمى ، سوغاتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمى ئېنىق بولسۇن ھە . ئۆركىشى ئاكىمىزنىڭ بۇنداق ياخشى تېمىنى يولغا قويغىنى بەك ياخىشى ئىش بوپتۇ. بۇ بىر جەھەتتىن مۇنبەر مەزمۇنىنى بېيتسا، بىر تەرەپتىن ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە زور ياردىمى بار، دەپ قارايمەن. ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۇر!!!
تور دۇنياسىدىكى تونۇشۇم، مۇڭدىشىم ھەم سىردىشىم، دىيارىمدىكى سۆيۈملۈك "گۈل چۈشى"، يەتتە قىزدىكى "نورۇز ئاي" غا ئاتاپ رەنا مىجىت ئىجراسىدىكى "يۈرىكىم يىغلايدۇ" ناملىق ناخشىنى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم ئېتىمەن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل، ياش تۇرۇشىنى، ئۆمۈرلۈك جۈپتى بىلەن مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن!
orkixi يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:09 /static/image/common/back.gif
قەدىرلىك مۇنبەرداشلار چاخچاق قىلىۋاتامسىلەر ياكى .. ...
مەن غەزەبلەنگەن چۈجە ئويۇنىنىڭ شوخ مۇزىكىسىنىڭ ئانىرىمنىڭ كىچىك رۇياسىغا تەقدىم قىلماقچى ئىدىم. بولدى، كېيىن ئۆزۈم غىڭشىپ بېرەي.
تۆۋەندىكى تەلەپلىرىم ئورۇندالسا:
ئانىرىمغا:
beyonce ئىجراسىدىكى single ladies دىگەن ناخشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ تېنىگە سالامەت، مىجەزىگە سەۋىر، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
تىۋىشقا:
akon ئىجراسىدىكى smack that دىگەن ناخشىسىنى تەلەپ قىلىپ، تىۋىشنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت رېتىمىنىڭ smack that تەك يېقىملىق، ئۆزى ياقتۇرىدىغان رېتىمدا ئۆتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مەرىمگە:
رەشىدە داۋۇت ئىجراسىدىكى ئۇيغۇر قىزى دىگەن ناخشىنى تەلەپ قىلىپ، مەرىمنىڭ ئەشۇ ياشلىق باھارىدەك ئېچىلىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىملىرىغا ئاۋرال تاغلىرىدە مەزمۇت تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مودەنگە:
bandari ئىجراسىدىكى لېرىك مۇزىكا the daylight نى تەلەپ قىلىمەن. ھايات مۇساپىسىنىڭ خۇددى مۇزىكىدا ئەكىس .ئەتكەندەك ئىللىقىنە قۇياش نۇرىغا چۆمۈلىشىگە تىلەكداشمەن.
ئەرۋاھجانغا:
ئەرۋاھجاننىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرىنىڭ توختاۋسىز مەۋج ئۇرىشى، ئىلھاملىرىنىڭ دولقۇن كەبى ئۆركەشلەپ تۇرىشى، ئەرۋاھجاننىڭ ئەشۇ دېڭىز دولقۇنلىرىدىكى باتۇر كېمە " قارا مەرۋايىت"دەك توختاۋسىز ئىلگىرلەپ تۇرىشى ئۈچۈن، ئامىرىكا فىلىمى " كارب دېڭىز قاراقچىسى" فىلىمىنىڭ ۋەكىللىك مۇزىكىسى " ئۇ دېڭىز قاراقچىسى" ( 他是海盗 ) نى ھۇزۇرىغا تەقدىم ئەتتىم. قۇبۇل قىلغايسىز!
شوخ قېرى ئەركمانغا:
ئەركمان بوۋاينىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تەرجىمانلىق ئىشلىرىنىڭ بالدۇراق ئاياقلىشىشى، شۇنداقلا " چىن ئېمپىرىيىسى" تەرجىمە ئەسىرىنى كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە كۆرىشى ئۈچۈن كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ سىڭدۈرۋاتقان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئىجراسىدىكى " تەنلىرىم ياپراق" دىگە ناخشىنى سوۋغا قىلىمەن. ( ئابدۇرېھىم ئىجراسىدىكى تېپىلماي قالسا، ئابدۇللا ياسىننىڭ بولسىمۇ مەيلى).
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك تەلەپ قىلىپ تۇراي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:02
anar يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:34 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن چوقۇم شۇ چۈجە ناخشىسى ؟
سايىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن غەزەپلەنگەن چۈجە ئويۇنىنىڭ مۇزىكىسى سوۋغا قىلىندى
http://5.gaosu.com/download/ring/000/097/5d23b28123155ed11b6aeaeab64cae88.mp3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jewlaniy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:55
بەت:
[1]
2