بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە......
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلى> نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ بوۋاقىلىق مەزگىلىگە قارىغاندا، بالىلىق مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى تېزلىشىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلىغا بولغان ئېھتىياجمۇ بوۋاقلىق ۋاقتىغا ئوخشاش بولمايدۇ، مۇۋاپىق بولغان تەڭشەش نىسبىتى تۆۋەندىكىچە: 1- كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى بولسا ئومۇمىي ئىنىرگىيىنىڭ 55%~65% ىنى ئىگىلىشى كېرەك( بوۋاقلارنىڭ 50%~60% بولىدۇ). 2- ماي ئومۇمىي ئىنىرگىيىنىڭ 25%~30% ىنى ئىگىلىشى كېرەك ( بوۋاقلارنىڭ 30%~35% بولىدۇ).3-ئاقسىل بولسا ئومۇمىي ئىنىرگىيىنىڭ 12%~14% ىنى ئىگىلىشى كېرەك( بوۋاقلارنىڭ 12%~15% بولىدۇ). پەقەت كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ۋە مايلار تەمىنلىگەن ئېنىرگىيىلا ئورگانىزىم ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ شەرت ئاستىدا ئاقسىلىنىڭ ئىسسىقلىققا ئايلىنىپ خوراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە باشقا سېستىمىلارنىڭ يېتىلىشى ھەم ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇڭا، چوقۇم بالىلارغا ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق نىسبەتتە تەڭشەپ بېرىش كېرەك. مەنبە: بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش ھەققىدە نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.مەشغۇلاتتا: دىلەيسەم. ئەگەر مۇشۇ بويىنچە ئېلىپ ماڭالىساق قانچە ياخشى بولاتتى، ئەمما ھەمىشە بۇ رېتىسىپ بويىچە ئوزۇقلۇق تەييارلاپ بولۇش بەك تەس گەپمۇ قانداق؟
بەت:
[1]