Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 19:52:25

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كاتىپ قوبۇل قىل



كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىكاتىپ قوبۇل قىلىدۇ

    كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كەسىپ ئېھتىياجىدىن بىر نەپەر تور مۇلازىمەتچىسى (كاتىپ) قوبۇل قىلىدۇ.
    خىزمەت دائىرىسى: شىركەت قارمىقىدىكى تور مۇلازىمەت سۇپىسى http://www.uydata.com دا خىزمەت قىلىدۇ. ئاساسلىق خىزمىتى توردا بولىدۇ. ئىشخانىمىزغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يىراقتىن ئىشلەشكە ماس كەلمەيدۇ.
    تەلەپ:
    (1) ئىنكاسى چاققان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، مۇئامىلىدە سىلىق، خەنزۇچە يازمىچىسى ياخشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى خېلى كۆپ ساندا خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، خۇيزۇ خېرىدارلىرىمىز بار.
    (2) كومپيۇتېر، تور مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇشى كېرەك. كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.
    خىزمەت ۋاقتى: كۈندە سەككىز سائەت (12:00-8:00       17:30-13:30)، ھەپتىدە ئالتە كۈن بولىدۇ
    تەمىناتى: مائاش ۋە مۇكاپات تەمىناتى خىزمەتچىنىڭ گەپ-سۆزى، مۇئامىلىسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، يۈزتۇرانە كۆرۈشكەندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.
    شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 337-ئىشخانا
    ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 8554813-0991       6701516-0991
    تور بېكەت: http://www.xjcfan.com


Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:56:43

خىزمەتنى تاشلىۋىتىپ ئىشلەيدىغان گەپمىكى:lol

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:29:24

مېنىڭ شەرتىم تازا توشاتتى:lol

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:49:15

ماڭا بەك لايىقكەن ;P

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:45:44

يىراقتىن ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا مەنمۇ ئىشلەيتتىم. ھەپتىنىڭ بىرىدىن جۈمەگىچە، كەچلىك سىمىنادىن قورقمايمەن. :lol  
كومپىيوتۇر ۋە تور ھەققى، ياتاق ، تاماق ھەققى تەلەپ قىلمايمەن، قىلىۋاتقان ئىشىمغا چۇشلۇق مائاش بەرسە بولدى. ھى ھى
تەرجىمانلىقتىنمۇ خەۋىرىم بار. بەك جىددى بولسا يېرىم كۈنلۈك ياكى بىر كۈنلۈكمۇ ئىشلەپ بېرىمەن جۇمۇ. ئاۋال ئىشلەپ كېيىن مائاش ئالىمەن. :lol

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:20:35

saye يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:45 static/image/common/back.gif
يىراقتىن ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا مەنمۇ ئىشلەيتتىم. ھ ...

ئىشخانىدا قىلىدىغان ئىش بولدى-دە. بولمىسا سايە ئوبدان بولاتتىكەن.

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:06:21

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:20 static/image/common/back.gif
ئىشخانىدا قىلىدىغان ئىش بولدى-دە. بولمىسا سايە ئوبدان ...

خىجالەت يوق، خىجالەت يوق ھە...ھاھاھا. بۇرادەرلەرگە ئانچە مۇنچە ياردەم قىلالىساق ساۋابىنى خۇدايىم بېرىدۇ دەيمىزغۇ،ئەمدى شۇ ئازراق چاي پۇلى چىقىپ قالسا ياقمۇ دىمەيمىز دىگەندەك.
كەمىنە سايە لازىم بوپ قالسا ھايت دىسىلە، چ چ دا ئۈنۈپ بولىمەن. :lol

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:44:51

يىراقتىن ئىزدەپ يۈرمەي مۇشۇ مەرۋەرى ھەدەم بىلەن ئانار ھەدەمنىلا ئىشلىتىڭە ``:L

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:22:06

dilroh يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:44 static/image/common/back.gif
يىراقتىن ئىزدەپ يۈرمەي مۇشۇ مەرۋەرى ھەدەم بىلەن ئانار  ...

مەرىم خەقنىڭ ئۆپكىسىگە، ئانىرىم خەقنىڭ كۆزىگە قارايدىغان خىزمەتتە دەڭە ئۇكام. بۇلارنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلسا، شېركەتتە قان ۋەقەسى چىقىدۇ.
ئەگەر ئىككىلىسىنى تەڭلا قۇبۇل قىلسا، شېركەتنىڭ گازىر چىقىمى ئوبدانلا ئېشىپ كېتىدۇ. شېركەتنى يىقىتىپ قويىشى مۇمكىن بۇ شىمىشكىچى چوكانلار.
بەت: [1]
: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كاتىپ قوبۇل قىل