guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:22:41

سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بولۇش ئەخلاقى

بەزى ئاياللار : " شەخسىيەتچىللىك قىلماي، چوڭ سۈپەت بولۇپ، چىرايلىقراق ياسانساملا چوقۇم سۆيۈملۈك ئايال بولالايمەن، ئەرلەرنىمۇ جەلپ قىلالايمەن " دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ " نازاكەتلىكى" جەلپ قىلغاندىن باشقا، ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا خاس جاسارىتىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

ئىقتىدار ئاياللارنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىدىغان بىر تەرەپ.

ئىتائەتمەن ئاياللار سۆيۈملۈك بولماستىن، بەلكى قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈكتۇر.

خۇشخۇي، يۇمۇرىستىك ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئالدىغا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى يېڭىپ ماڭىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتنى تەشۋىشلىنىش، غەم يىيىشكە سەرپ قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق ئاياللاردا باشقىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولىدۇ.

مەسىلە كۆرۈلگەندە ئېتراپ قىلىدىغان ھەمدە ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىدىغان ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ.

بىر سۆيۈملۈك ئايالدا ئائىلىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىش قابىلىيىتى بولىدۇ.تەسەۋۋۇرغا باي، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئايال ئۆيىدە مىشىلداپلا يۈرۈيدىغان ئاياللاردىن كۆپ سۆيۈملۈك.

ئاددىي ۋە تەبىئىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ.

قىز-ئاياللار ئەخلاقى كىتابىدىن

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:35:21

ئانارررررر...گۇۋا بولۇڭ، مېنىلا يېزىپتۇ ھە;P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 11:44:56

خۇشخۇي، يۇمۇرىستىك ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئالدىغا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى يېڭىپ ماڭىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتنى تەشۋىشلىنىش، غەم يىيىشكە سەرپ قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق ئاياللاردا باشقىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولىدۇ.
بۇ گەپ بەك بەلەن گەپكەن، ئەمما جەلىپ قىلىش كۈچۈمنىڭ كەمچىللىكىنى ئانچە ھېس قىلالمىدىمغۇ مەن.:hug:

سەرۋى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:11:51

ھەي....          :'(         ئۆزۈمنى ئۆزگەرتمىسەم بولمىغۇدەك!!!!!

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:21:18

ئۇھھھھھھھھ...........بۇ جادىلار ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى مەندە بار دەپ چۇقىرىشىپ :L
بەت: [1]
: سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بولۇش ئەخلاقى