ئايالىڭىزنى ئۇنداق كۆرمەڭ !
1-ئايالىڭىزنى مەدىكار ئورنىدا كۆرمەڭ !
2- ئايالىڭىزنى رەقىب ئورنىدا كۆرمەڭ !
3- ئايالىڭىزنى مەسخىرە قىلماڭ ! ئەر -خۇتۇنلارنىڭ قايسى بىرىدە بەزى فىزىئولگىيىلىك نۇقسان ياكى بىرەر ئەيپى بولىدۇ . سىز ئايالىڭىزدىكى ئەيىبلەرنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى ئۇيۇنچۇق ئورنىدا كۆرمەڭ !
4-سىرتتا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسىڭىز ئاچچىقىڭىزنى ئۆيدىكى خوتۇندىن ئالماڭ !
5-ئايالىڭىزنى كىچىك بالا ئورنىدا كۆرمەڭ !
6- ئايالىڭىزنى ھەدەپ باشقىلارغا سېلىشتۇرماڭ !
تۇرمۇشىڭىزدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار دىققەت قىلىپ قويغۇلۇق. ئايالىنى قەدىرلىگەنلىك ،ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە ئوخشاش. راس دەيسىز ھازىرقى ئەرلەرگە نىمە بولدىكىن تاڭ ،سىرىتتا،خىزمەت ئورنىدا بىرەر پىشكەلچىلىككە يۇلۇقسا ،ئائىلىگە قايتىپ ئاچچىقىنى ئايالىدىن،بالىلىرىدىن ئالىدىغان ئىش بار .بۇنى ئەرلىرىمىز كۆرۇپ ،ئۇيلىنىپ باقسا بۇلىدىكەن جۇمۇ:victory::victory:
ھەي بۇمۇ مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئىش شۇ:L ھەنىم بولسا ، بۇنداق ئىشلا ماۋۇ بىزنىڭ بوۋايدا يوقكەن.:P بىزنىڭ ئائىلىدىمۇ يوقكەن، ئەمما مەكتەپتىن چارچاپ، خاپىلىق تارتىپ كەلسە، شۈكلەپلا كېتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا «مەنمۇ جەننەتنىڭ ئىچىدە ئىشلەپ كەلمىدىم، بىرمۇنچە قوساق كۆپىگىم بار، ئەمما ھەر ۋاقت ئۆيگە خۇشال كېلىمەنغۇ» دەپ قويسام ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ھەي......تۇرمۇش دېگەن ئاجايىپتە.
ئەمما بۇ خىل ئەرلەر بەزى ئائىلىلەردە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. بىراق مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا بار ،بىر قەدەر ئىغىر،،،،،،،،،،،،،
بەت:
[1]