مەندىن بىزار بولما ئالدىراپ
http://www.kasken.com/bbs/attachment/Mon_1111/64_115_9c92743097547e5.gifمەندىن بىزار بولما ئالدىراپ،
سەن بىلمىگەن سىرلىرىم كۆپتۈر.
بىلسەڭ ئەگەر سۈزۈك قەلبىمنى،
سۆيىمەن سېنى بۇ چىن سۆزۈمدۇر.
http://www.kasken.com/bbs/attachment/Mon_1111/64_115_9c92743097547e5.gif
مەندىن بىزار بولما ئالدىراپ،
سەن ئاڭلىمىغان سۆزلىرىم كۆپتۈر.
بىلسەڭ ئەگەر دۇردانىلىرىم-
كېچە ئاسمىنىدا چاقنىغان نۇردۇر.
http://www.kasken.com/bbs/attachment/Mon_1111/64_115_9c92743097547e5.gif
مەندىن بىزار بولما ئالدىراپ،
سەن كۆرمىگەن خۇيلىرىم كۆپتۈر.
شۇنچە تاتلىق خۇيلىرىم تۇرسا،
بۇنى كۆرمىگەن كۆزلىرىڭ كوردۇر.
http://www.kasken.com/bbs/attachment/Mon_1111/64_115_9c92743097547e5.gif
مەندىن بىزار بولما ئالدىراپ،
قىلىسەن كىيىن چەكسىز پۇشايمان.
مەندەك ئەرنى تاپمىقىڭ مۈشكۈل،
تاپالماي يۈرىكىڭدە قالىدۇ ئارمان.
http://www.kasken.com/bbs/attachment/Mon_1111/64_115_9c92743097547e5.gif
مەندىن بىزار بولما ئالدىراپ،
كىم سۆيەر سېنى مەندىنمۇ ئارتۇق.
ئەزىزلىسەڭ گەر بىلىپ قەدرىمنى،
قىلىمەن سەن ئۈچۈن جان تەسەددۇق.
http://www.kasken.com/bbs/attachment/Mon_1111/64_115_9c92743097547e5.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:21
شۇنچە تاتلىق خۇيلىرىم تۇرسا،
بۇگەپ ئەركىشىگە بوش يارىشامدۇ ؟ http://delete.muzika.cn/mp3/uyghur/senuber tursun/herkimning guli bolsun/07_mendin bizar bolma aldirap.mp3
پەسلى باردۇر قىزىل گۈلنىڭمۇ،
ئېچىلمايدۇ قىش ياز ھەر كۈنى.
مەندىن بىزار بولما ئالدىراپ،
ئەسقاتارمەن ساڭا بىر كۈنى.
تاش ئەمەس مەن تاشلاپ كېتەرگە،
قەدىرلەيمەن قەدىرىمنى بىلسەڭ.
سۆيمىسەڭمۇ ياد ئېتىپ كۆرگىن،
ئويلاپ قويغىن خىياللار سۈرسەڭ.
قىسمەتلەرگە تولغان ئالەم بۇ،
كۆرمىگەننى كۆرەرسەن تېخى.
تەنتەكلىكتە تاشلاپ كەتكەننى،
ئەلدىن سوراپ يۈرەرسەن تېخى.
نۇر تىلەيمەن ئەقىل كۆزۈڭگە،
ئاقىللاردەك ياشىغىن يايرىم.
كېرەك بولسا ساڭا ۋاپادار،
مەندىن يىراق قاچمىغىن يايرىم. ۋاھ ئايدىل ، مەن بەك ئامراق بۇ ناخشىغا ، شېئىرنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا بۇ ناخشا ئېسىمگە كەلگەن ، ئۇلىنىپلا چىقىۋاتمامدۇ ئادەمنى خوش قىلىپ :victory:
تاش ئەمەس مەن تاشلاپ كېتەرگە،
قەدىرلەيمەن قەدىرىمنى بىلسەڭ.;Pئەڭ ئوماق مىسراسى
rohqin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:44 static/image/common/back.gif
شۇنچە تاتلىق خۇيلىرىم تۇرسا،
بۇگەپ ئەركىشىگە بوش يارى ...
ياراشمايچۇ ، ئەرلەرمۇ خۇلقلىق زامان بوپ كەتتى ھازىر anar يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:26 static/image/common/back.gif
ياراشمايچۇ ، ئەرلەرمۇ خۇلقلىق زامان بوپ كەتتى ھازىر
ئۇف بەزى بىر ئەرلەر بار خۇلىقى ئاياللارنى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشكىدەك ھە;P
بەت:
[1]