aptapliq يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:43:00

رەڭگىم شۇ گۈللەرگە كۆچۈپتۇ

رەڭگىم شۇ گۈللەرگە كۆچۈپتۇ
ئابدۇقادىر ھەسەن خالىس

قىزىللىق ئۇرغۇيتى مەڭزىڭدىن،
قىرىق يىل مۇقەددەم گۈزەل يار.
نۇر ياغاتتى كۆزۈڭدىن- كۆزلەرگە،
ھۆسنۈڭ چوغ،ئوتقاشتەك ھەم رەڭدار.

قىرىق باغ ياساپسەن چۆللەردە،
ئەندازكەن رەڭلەرگە رەڭلىرى.
كۈن،ئايمۇ شىپالىق ئىزدەركەن،
ھوزۇر ئېلىپ بېغىڭدىن تەنلىرى.

بۈگۈنچۇ،  چېچىڭ ئاق، مەڭزىڭ ئاق...
دېسەم مەن: « قىزىللىقىڭ ئۆچۈپتۇ.»
دېدىڭسەن كۆرسۈتۈپ گۈل باغنى:
«رەڭگىم شۇ گۈللەرگە كۆچۈپتۇ»

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:59:08

مەرھۇمنىڭ ئېسىل يازمىلىرىنى يوللىغان شۇ مۇبارەك قوللىرىڭىزغا مەڭگۈ دەرت يەتمىسۇن!

aptapliq يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:50:49

رەھمەت! مەرۋەرى،

hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:33:29

ئەمگەكچان قوللارغا مەدھىيە بولغان بۇ شىئىر تولىمۇ يىنىك ۋە گۈزەل بىر شەكىلدە يېزىلىپتۇ .....
رەھمەتلىك شائىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، سېغىنىش ئىلكىدە سۈيۈندۈم .....

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:22:52

بۈگۈنچۇ،  چېچىڭ ئاق، مەڭزىڭ ئاق...
دېسەم مەن: « قىزىللىقىڭ ئۆچۈپتۇ.»
دېدىڭسەن كۆرسۈتۈپ گۈل باغنى:
«رەڭگىم شۇ گۈللەرگە كۆچۈپتۇ»。



بۇ مىسرالارنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم. شائىرغا ۋە تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

ئايدىل يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:30:32

مۇشۇنداق چاچلارغا ئاق كىرگۈچە قەدىرلەپ ئۆتىدىغان،  بىر ھەمراھقا ئېرەشەلىگەن ئاياللارلا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالدۇر!
بەت: [1]
: رەڭگىم شۇ گۈللەرگە كۆچۈپتۇ