ئۇخلاشتىن بۇرۇن 5 ئىشنى ئۇنۇتماڭ
چىش چوتكىلاڭ ۋە يۈز يۇيۇڭ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىش چوتكىلاش ئەتىگەندە چوتكىلىغاندىنمۇ مۇھىم، چۈنكى ئېغىزدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى پاكىز تازىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇ چىشنى قوغداش بىلەن بىللە يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.2. چاچ تاراڭ. ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى قولنىڭ بارمىقى بىلەن باشنىڭ تېرىسى قىزىرىپ قىزىغىچە تارىغاندا، باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چاچ يىلتىزىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، يەنە چاچنى قوغداپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىپ، نورمال ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
3. سەيلە قىلىڭ. سالماق قەدەم بىلەن 10 – 20 مىنۇت سەيلە قىلغاندا، قان ئايلىنىش راۋان بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ بەدەن تېرىسى ‹‹جانلىق›› قوغدىلىنىشقا ئېرىشىدۇ. ياتقان چاغدا، كىتاب، گېزىت ئوقۇماڭ، تىنىچلىنىڭ، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتىنى ئازايتىڭ.
4. ھەسەل قوشۇلغان كالا سۈتى ئىچىڭ. ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى ھەسەل قوشۇلغان بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچسە، ئۇخلاشقا ياردىمى بولىدۇ.
5. دېرىزىنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇڭ. دېرىزىنى ئېچىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاڭ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دېرىزىنى يېپىۋېتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، تاتلىق ئۇخلايسىز. ئۇخلىغاندا بېشىڭىزنى پۈركىۋالماڭ.
مەن 3-4- سىدىن باشقىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ كېلىۋېتىپتىمەن، چىش چوتكىلاش بىلەن چاچ تاراش مەن ئىزچىل قىلىپ كەلگەن ئادىتىم ،بىراق باشقىسى ...... 4-سىنى قىلمايدىكەنمەن ، ئەمما كۈندە بىر قېتىق ئىچىمەن كەچتە ....
ئاۋۇ كېچىدە چېچىمنى بەك جىددى تارايمەن ئىشقىلىپ ، ناۋادا خوشۇم تۇتۇپ كېتىپ تازا تاراپ كەتسەم ، خۇددى ئۆزۈمنى چۆچەكلەردىكى جىنلاردەك ھىس قىلىپ قالىمەن ، كېچىدە ئۇزۇننننننننننننننن چاچنى ئەينەككە قاراپ ھىسياتسىز ئۇزاق تاراپ ....:L كالا سۈتىگىمۇ ھەسەل قۇشۇپ ئىچەمدۇ ۋايييييييييييييييييييييييييي
يېتىپ كىنو كۆرگەچ ئۇخلىمىسام ئۇخلىيالماس بوپ قالدىم ، بۇ كىسەللىكمۇ ۋە ياكى زىيانلىقمۇ ؟ 1 بىلەن 5 نى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قالغانلىرىنى كېيىنچە ياشقا چوڭايغانسېرى قىلارمەن.:lol hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:42 static/image/common/back.gif
كالا سۈتىگىمۇ ھەسەل قۇشۇپ ئىچەمدۇ ۋايييييييييييييييي ...
سەل چارچاپ قاپسىز سىڭلىم. ئوقۇشقا بەك بېرىلىپ كەتمەي دەممۇ ئېلىپ قويۇڭ.
يېتىپ كىنو كۆرۈش مېنىڭچە ئانچە ياخشى ئەمەس. سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
بەت:
[1]