gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:17:55

بىنانىڭ قانچە ئېگىز قەۋىتىدە ئولتۇرسىڭىز قېرىشىڭىز شۇنچە تېز بولىدۇ

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئادەتتىكى قەۋەتسىز ئۆيدە ئولتۇرغان ئادەمگە قارىغاندا تېز قېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بۇ بايقىشى ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان يەر يۈزىدىن قانچە يىراقلاشقانسېرى سائەتنىڭ مېڭىش سۈرئىتى شۇنچە تېزلىشىدۇ، دېگەن نەزەرىيەنى ئىسپاتلىغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ نەزەرىيە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ھەيران قالغۇدەك ئىنچىكە پەرقنىڭ ئۆلچەپ چىقىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
ئامېرىكا ئۆلچەم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى فىزىكلار دۇنيادىكى ئەڭ توغرا ماڭىدىغان ئىككى سائەتنى تەجرىبە قىلغان. نەتىجىدە، ئۇلار پەلەمپەيدىن چىقىشتەك بىر ئاددىي ھەرىكەتنىڭ ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر سائەتنى ئېلىپ يۈرگەن كىشى پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا قاراپ بىر قەدەم يۆتكىسە، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدىكەن. بۇنىڭدىكى پەرق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك بولسىمۇ، تەجرىبىدە ئىسپاتلانغان. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 97 ياش، دەپ ھېسابلىغاندا، ئۇ كىشى يۇقىرىغا قاراپ بىر قانچە قەدەم ماڭسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتىدىن 100 مىليوندىن توققۇز سېكۇنت ئۆمرىنى خوراتقان بولىدىكەن. ئەگەر يۇقىرىغا تەخمىنەن 3 مېتىر ئۆرلىسە، يەر يۈزىدە تۇرغان ئادەمگە نىسبەتەن مىليوندىن 90 سېكۇنت ئۆمرى خورىغان بولىدىكەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار ئەگەر بىر ئ−ۆمۈر بىنانىڭ (ئېگىزلىكى381 مېتىر كېلىدىغان) 102-قەۋىتىدە ئولتۇرغان ئادەم بىر مىليوندىن 104 سېكۇنت ئۆمرىنى خوراتقان بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى يەر شارى ۋە ئېغىرلىق كۈچ مەيدانىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتا قوللىنىلماقچى ئىكەن.
مەنبە:ئاقگۈل تور بىتى

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:08:15

ئاران بىر بۈ كۈنەە ئۇلاشقاندا نىمە دەيدىغاندۇ بۇ خەق ئەمدى :L

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:24:05

ئىنكاس قايتۇرۇش anar نىڭ يازمىسى

:lol:lol:lol

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:04:52

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:08 static/image/common/back.gif
ئاران بىر بۈ كۈنەە ئۇلاشقاندا نىمە دەيدىغاندۇ بۇ خەق ئ ...

شۇنى دەڭە بىزنى خۇش قىلىپ بۇ ئالىملار;P

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:31:23

:@دۈشمەن موماي

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:04:32

مەن ئەنسىرىمەي ياشاۋېرەي ھەرگىزمۇ قېرىمىغىدەكمەن.:lol
بەت: [1]
: بىنانىڭ قانچە ئېگىز قەۋىتىدە ئولتۇرسىڭىز قېرىشىڭىز شۇنچە تېز بولىدۇ