جەنۇپقا سەپەر (32 قىسىم)
تېمىغا قاراپ بەلكىم ‹غەرىپكە ساياھەت› فىلىمىنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى دەپ قالدىڭىزمۇ ؟:lol بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا دەم ئېلىش ئىلىپ ،كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش مەخسىدىدە 20% پىلان تۈزۈپلا جەنۇپقا سەپەرنى باشلىۋەتتىم.ئاغىبۇلاقتىن ئۆتۈپ، توخسۇندىن ئۆتۈپ، تالاردىن،بوستانلىق،چۆللىكلەردىن ئۆتۈپ 1-بىكەت كورلىغا كەپ قالدىم،تۆمۈر ئاتنى يېرىم كۈن چاپتۇرۇپ ھاردىم،كورلىدا 1 كۈن تۇرۇپلا(تايىر-زۆھرە قەۋرىسى،كۈنچى دەرياسى) لوپنۇرغا ماڭدۇق،لوپنوردا 4 كۈن تۇرىۋىتىپ (باجامنىڭ تۇققانلىرى باركەنتۇق.توغراق،لوپنۇر كەنتى،ئۆردەك قەۋرىسى) ،تۇققانلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ داۋاملىق جەنۇپقا مېڭىشنى دىدىم،تالاش تارتىشتىن كىيىن كۇچارغا ماڭدۇق،بىردەمدىلا بېرىپ قالدىم،كەچ كىرگەن ئىدى،مۇنبىرىمىزدىكى بىر نەچچە مۇزىكانىت دوسلار بىلەن كەچلىك غىزادا بىللە بولۇشۇپ، ئەتىسى ئەتىگەن يەنە داۋاملىق جەنۇپقا مېڭىشنى ئېيتقان بولساممۇ مىنىڭ سەپەرداشلىرىم ھىچقايسى قوشۇلمىدى،ئامال يوق 3 تە بىر بولۇپ يېڭىلىپ تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقتىم،كەچتە ئاران بېرىۋالدىم،تۇرپاندا قونۇپ،ئەتىسى يېرىم كۈن ئايلىنىپ پىچانغا باردىم،پىچاندا 4 كۈن قۇمغا چۈشتى(مەن ئىسسىقتىن قورقىمەن،4 كۈن ياتتىم:lol ).....رەسىملەر شۇ جەنۇپقا سەپەردىكى بىر قىسىم رەسىملەر ،بۇ مۇزىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قويدۇم.
رەسىملەر تېلفوندا تارتىلغان.http://player.56.com/deux_113388043.swf
32 قىسىملىق سەپەر دېسە، بۇ ماكانجان بىرەر يەرگە ئۇزۇن سەپەرگە بارغان بولسا بولغان ئىشلارنى كۆپ قىسىملىق قىلىپ يازغان چېغى دەپ يۈگرەپ كىرىپتىمەن.:(
ئىۋۇ قىزىل مايكا كىيىۋالغىنى ماكان مۇزىك شۇغۇ دەيمەن، تېپىۋالدىمما؟;P
ئاۋۇ راۋاقنىڭ ئىچىدىكى ئىككى قەبرە تاھىر-زۆھرەنىڭ قەبرىسىما؟
رەسىملەردە مەن يوق:lol
توغرا ،ئۇ بىر جۈپ قەۋرە تاھىر-زۆرەنىڭ . ۋاي يۇشۇرۇماڭ، قولىڭىزنى بېلىڭىزگە تىرەپ تۇرۇپ نەگە نەزەر سېلىۋاتقانتىڭىز؟ ۋاي ئۇ رەسىمدىكى باجامنىڭ لوپنۇردىكى تۇققانلىرىنىڭ خوشنىلىرى،ئۇلار ئۆي سىلىۋىتىپتىكەن:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا makanmusic تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:58
ھە دەپ تۇرايلۇق، ماكانجان ئۆزىنى يۇشۇرۇۋاتىدۇ بوپتۇ دەي.;P ئۆزەمنى يۇشۇرۇپ نىمە قىلاي؟:lol مەن بىر داڭدار شەخسى بولمىسام:lol ئەمدى دەيمىنا، سىزنى قوغلىشىۋاتقان قىزلار كۆپ بولسا تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتەمدىكىن دەپ قورقۇپ قالدىڭىزمۇ كىم بىلىدۇ؟;P مىنى قوغلىشىدىغان؟:lol
قوغلايدىغان قىز يوق ،قوقماي يۈرگىلى ئۇزۇن زامان بوپ كەتتى:lol بۇنى كۆرۇپ كوزۇم ئېچىلىپ قالدى دىسە .
بەت:
[1]
2