gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:06:18

ئەخلاق-سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەنگۈشتەرىڭىز

ئاياللارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى،ئەركىنلىشىپ،ئەخلاق جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.بۇرۇن ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىسا نامەھرەم بولىدۇ دەيدىغان قاراشلار ھازىر يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىغا چۆرۈۋېتىلدى.      
     زامانىۋىلىشىىش ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا تېخىمۇ كەڭ دەرۋازا ئېچىپ بەرگەندەك قىلىدۇ،ھازىر كىمگىلا قارىسىڭىز يان تېلېفۇن ،ھەممىلا ئۆيدە دىگۇدەكلا كومپيۇتېر بار.ئاياللار ھەر قانداق چاغدا ئۆز ئېرىدىن باشقا بىر ئەر بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشسە،مۇھەببەتلەشسە،كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىسا بولىۋېردىغان،كومپيۇتېردىكى خەت ساندۇقى ياكى مىكرافۇن ئارقىلىق مەخپىي ئالاقىلىشىدىغان ،سۆزلىشىدىغان ئوڭايلىقلار تۇغۇلدى،ھەتتا بەزىلەر  ئۇچۇق - ئاشكارا سورۇنلاردا،قىلغان ئىشىدىن پەخىرلىنىپ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدىغان، بەزى تېخىمۇ ئەخلاقسىز ئاياللار ئېرىنى ئالداپ كوماندوروپكىغا چىقىمەن ،يىغىنغا بارىمەن دەپ قۇيۇپ ،ئاشنىسى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ياتاق ئېچىپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە ھازىر بۇ ئاشنىسى يوق ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يوقلىقىدىن دېرەك بېرەرمىش.   
         توۋا،بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ؟ ئەرنىغۇ ئويلىمايلى،لىكىن بالىلارغا ئەخلاق - پەزىلەتلىك ،كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى نام - ئابرۇيى بار ئانا كېرەكقۇ ئاخىر.پاختا ئىچىدە ئوت ساقلىغىلى ، ئېتەك بىلەن ئاينى توسقىلى بولمايدۇ.   
        مومام شۇنداق دەيدىغان: ئاخىر زامان بولغاندا بالام ،ئاياللار كوچىغا چىقىپ كېتەرمىش دەپ .مۇنداق تېز ئاخىر زامان بولۇشىنى پەقەتلا خالىمايمەن.چۈنكى بالىلىرىم بار ئەمەسمۇ؟
       بالزاك "مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلار قۇلىدا" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان. ئەگەر  ئاياللىرىمىز مۇشۇنداق بۇزۇقچىلىق(ياخشى ئاياللار يەنىلا كۆپ) بىلەن شۇغۇللىنىپ ،ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسئۇليىتىنى ۋە مەجبۇريىتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولسا،بىزنىڭ مىللىتىمىز ھەقىقەتەمنۇ تۈگەشمەي قالمايدۇ. سىز بىر ئايال، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئانا. ئەخلاق سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭگۈشتەرىڭىزگە ئايلانغاندا ،ئاندىن سىزمۇ گۆھەر دەپ قەدىرلىنىسىز.  
   بۇزۇق ئايالدىنمۇ يىرگىنىچلىك نەرسە يوقتۇر ،ئىپپەتلىك ئايالدىنمۇ گۈزەل نەرسە ھەم يوقتۇر.
                                                                                                                               - ئولپىرمىس
  ھايا - نومۇس ئىمانغا دەللىلدۇر،  
ھاياسىز دائىما خارۇ - زەلىلدۇر.   
                                                - ئابدۇللا ئەۋلانى  
                " خۇتۇنلارغا 101 تەكلىپ " دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:11:50

ئاياللاردىكى ئىپپەتسىزلىكنىڭ تۈپ ئامىلى دەل ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر! غورۇر ۋىجدان ۋە ئەخلاق مۇھەببەتنى ئۆزىگە تەڭ قانات قىلمىغان ئەر قانداقمۇ ئۆزىنىڭ خاتۇنىغا، قىز پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل بولالىسۇن! قىزلىق شەرمىي ھايا، ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىن تامچە سۇچىلىك بىلىمى ، بىلدىغىنى بولمىغان بىر ئانا قانداقمۇ ئۆزىنىڭ ئانىسىدەك دىيانەتلىك بىر ئۇيغۇر ئانىنى تەربىيلەپ چىقالايدۇ؟
ئايالنى بۇزغان تالادىكى پاسىق ئەر، ئەرنى بۇزغان تالادىكى ھاياسىز خوتۇن!

مۇنبىرىمىزدىكى قايسى بىر تېمىغا شۇنداق بىر ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم:
ئىسىملىرىنىمۇ بىلىشمەيدىغان شۇ قاڭسىق پۇراقلار ئىچىدە ئېرماش، چېرماش يېتىشقان، شاراب ئالدىدا ھاياسىزلەرچە پەرق قىلىشمايدىغان شۇ ئەر ۋە ئاياللار! شۇ ئەرلەرنىڭ ئۆيدىكى بىچارە خاتۇنلىرى... شۇ ھاياسىز خاتۇنلارنىڭ قازناق ئۆيدىكى بىچارە بالىلىرى....
ھەممە نەرسىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بولىدۇ...
ھەي ئەركەك! ساڭا ناز خۇلۇق قىلغان، ساڭا تەۋە بولمىغان شۇ نازىنىن بېلىقتەك يالىڭاچلىنىپ ساڭا ئەي قىلغان ۋاقىتتا بىر قېتىم بولسىمۇ « سىڭلىم، ھايا قىلغىن!» دەپ رەت قىلالامسەن؟
ھەي پاسىق خاتۇن! ھەممە پاسىقلىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولىدۇ. ئاللا ساڭا بەرگەن ئالقانچىلىك شۇ دەسمايەڭ بىلەن بۇ پاتقاققا بەلكىم ئۆزۇڭ خالاپ چۈشمىگەنسەن. ھالال ئەجىر بىلەن ياشاش ئېغىر كەلگەن شۇ دەقىقىلەردە، داداڭمۇ تونىمايدىغان شۇ خېرىدارىڭ ساڭا ھاياسىزلارچە قول ئۇزاتقىنىدا بىر قېتىم بولسىمۇ « ئاكا، ھايا قىل!» دىيەلەمسەن!
ئاللاھ ئىگەم ئازغۇن بەندىلىرىگە توغرا يول بەرسۇن، ئازغانلارنىڭ يولىنى ئەمەس،  دىيانەتلىك مۇسۇلماننىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويغىن!   ئامىن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:06  

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:37:12

گۇناھ نەپىسىنى باشقۇرالمىغان ئادەملەر، روزا تۇتسا ساۋابىنى كۆرىدۇ !

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:53:48

بۇزۇق ئايالدىنمۇ يىرگىنىچلىك نەرسە يوقتۇر ،ئىپپەتلىك ئايالدىنمۇ گۈزەل نەرسە ھەم يوقتۇر.
بۇزۇق ئەردىنمۇ يىرگىنىچلىك نەرسە يوقتۇر ،ئىپپەتلىك ئەردىنمۇ گۈزەل نەرسە ھەم يوقتۇر.

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:33:19

تېمىدىن بەكرەك سايىنىڭ ئىنكاسىدىكى جۈملىلەر بەك تەسىر قىلدى.
بەت: [1]
: ئەخلاق-سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەنگۈشتەرىڭىز