دۇنيادىكى غەلىتە نىكاھ ئادەتلىرى
تۈركىيە:تۈركىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە مۇنچا مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ،شۇڭا تۈركىيەلىكلەر ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق يۇيۇنىشىنى ئەخلاقسىزلىق،دەپ قارىمايدۇ. ھازىر تۈركىيەدە قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەركىن مۇھەببەتلىشىدىغان بولغاچقا، بولغۇسى قېينىئانىلارنىڭ مونچىدا كېلىن تاللىشى چەت يېزىلاردا ساقلىنىپ قالغان،بىراق كېلىنچەكنىڭ يۇيۇنۇش مۇراسىمى يەنىلا ئۆتكۈزۈلىدىكەن،كېلىنچەك توي كۈنى مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇنىدىكەن.
جەنۇبىي ئافرىقا:
جەنۇبىي ئافرىقىدا بۇشمان دەپ ئاتىلىدىغان مىللەت بولۇپ،ساغرىسى يوغان قىزلار گۈزەل ھېسابلىنىدىكەن،شۇڭا ساغرىسىنىڭ يوغان بولۇش-بولماسلىقى يىگىتلەرنىڭ خوتۇن تاللىشىدىكى مۇھىم شەرت ئىكەن.
تايلاند:
تايلاندتا ئەرلەرنىڭ ئۈچ-تۆت خوتۇنلۇق بولۇشى نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ،بىراق قانۇندا ئەرلەرنىڭ بىر خوتۇنلۇق بولۇشى بەلگىلەنگەن.كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى،تايلاند قانۇنى يەنە نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويىدىكەن.
پاكىستان:
پاكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە كېلىن توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقىچە ئىنتايىن مەيۈس ئولتۇرىدىكەن.قانچە مەيۈس كۆرۈنسە،كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە شۇنچە ئېرىشىدىكەن.بۇ كېلىننىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
بىزنىڭ شىنجاڭنىڭكى يوقمىكەن:P غەلىتە نىكاھ ئادەتلىرى ئىچكىرىدىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ياۋرو-ئاسىيادىكى بەزى مىللەتلەر ئارىسىدىلا مەۋجۇتمىكىن، دەيمەن. مەن كىچىك ۋاقتىمدا قىز كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن دەرۋازىنىڭ ئالدىغا ئوت يېقىپ شۇنىڭدىن ئاتلىتاتتى، ھازىر ئۆيلەر بىنالىشىپ بۇنداق ئادەتلەر يوقاپ كەتتى، بىلمىدىم يېزىلاردا بارمىكىن؟ ئىنكاس قايتۇرۇش گۈلسەنەم نىڭ يازمىسى
بۇ ئادەتلەر تۇرپاندا يەنە بارغۇ دەيمەن،بۇرۇن بىز شامان دىنىمۇ سامان دىنىمۇ شۇ ندېنغا ئېتىقات قىلغاندا قەپ قالغان ئۆرۈپ-ئادەتقۇ دەيمەن(يەنى ئوتقا چوقۇنۇش،قوياشقا چوقۇنۇش) makanmusic يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:42 static/image/common/back.gif
ئىنكاس قايتۇرۇش گۈلسەنەم نىڭ يازمىسى
بۇ ئادەتلەر تۇرپ ...
:lol:lol شامان دىنى دەيمىز . پىرخۇنلۇقمۇ شۇ دىننىڭ ئاسارىتى مەن مەكىتلىك بىر دوستۇمنىڭ تويىدا گىلەمدە ئولتۇرغۇزۇپ تۆت ئادەم تۆت تەرەپتىن تۇتۇپ ئوتتىن ئاتلاندۇرغىنىنى كۆرگەن (توي خاتىرە سۈرەتلىرىدە)،شۇمۇ بەلكىم بۇرۇن قالغان ئۆرۈپ ئادەتلەرمىكىن دەيمەن . بىزنىڭ ئادەتلىرىمىز ئۇلارغا غەيرى كۆرۈنىدۇ، ئۇلارنىڭكى بىزگە...ئوخشاش.
بەت:
[1]