ئارزۇغا يىتىش يولدا!
بۇرۇن مۇنداق بىر ئىش بولغانكەن. ئەنگليەلىك بىر ئاقسۇڭەك قىزنى ئىلىپ پاراخوتقا چىقىپتۇ . بۇقىز كىچىك ۋاقتىدا قاتتىق قىزىپ پالەچ بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ، بېلىنىڭ تۆۋىنى ئشلىمەيدىكەن . ئاتا قىزنى پاراخوتنىڭ پالوبىسغا ئەپچقىپ ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپتۇ . پالوبىدىكلەر بۇچاغدا قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ ، كاپىتان ھۇما قۇشى[بەخىت قۇشى]توغرىسدا سۆزلەپ ، ئۇ قۇشنى بەكمۇ چىرايلىق ، بەكمۇ يىقىملىق سايرايدۇ ، دەپ ماختاپتۇ . قىزنىڭمۇ ئۇقۇشنى كۆرگىسى كىلىپ ، ئاتسىغا ئېيتىپتۇ . ئاتا ئۇنىڭغا ھازىر كاپىتان بىلەن قىلىشدىغان بىر ئشنىڭ بارلىقنى ، سۆزلىشىپ بۇلۇپلا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى كاپىتاننىڭ ئىشخانسىغا ئەكىردىغانلىقنى ئېيتىپتۇ . قىز ماقۇل بۇلۇپ پالوبىدا قاپتۇ . ئاتا كاپىتان بىلەن كېتىپ خىلى ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ ياكى ئادەم ئەۋەتمەپتۇ . قىزنىڭ قۇشنى كۆرگىسى كىلىپ تاقىتى تاق بوپتۇ . ئاردىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندە بىر ماترۇس كىلىپ ، قىزغا ئۆزنى ئاتسىنىڭ ئەۋەتكەنلىكنى ئېيتىپتۇ . ئۇقىزنىڭ پالەچلىكنى بىلمىگەچكە ، ئۇنى كاپىتاننىڭ ئىشخانسىغا باشلاپ بارماقچى بوپتۇ . قىز ھۇما قۇشنى بالدۇراق كۆرۇش ئۇچۇن ئۆزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ماترۇسقا ئەگشىپتۇ . ئاتسى قىزنىڭ كاپىتاننڭ ئىشخانسىغا مىڭىپ كىرگەنلىكنى كۆرۇپ ، ھاياجانلىنىپ كۆز يېشى قىپتۇ . قىز شۇ چاغدىلا ئۆزنىڭ ئشخانغا مېڭىپ كىرگەنلىكنى يادىغا ئاپتۇ . شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ كېسلى ساقيىپ كىتىپتۇ .بۇ ھەقىقى بولغان ئىش . بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بۇلدۇكى ، ئادەمدە ھەرقانداق بىر ئىشقا نىسبەتەن ئۆزنى ئۇنتىغان ھالدا بېرلىش ، ئۆزنى بىغىشلاش روھى بولدىكەن ، ئۇنىڭغا جەزمەن ھۇما قۇشى قونىدۇ.
تەھرىردىن: مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغايسىز!
ھەممەيلەن شۇ بەخىت قۇشىنى كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى:victory:
بەت:
[1]