قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:01:48

(قەھۋە) ئەركىلەش سالامەتلىككە پايدىلىق

ئەركىلەش خانىم -قىزلارغا خاس بولۇپ، بوشاڭلىق قىلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن، ئەركىلەش كىشلەر ئارا مۇناسىۋەتكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق. ئەركىلەشنى بىلىدىغان خانىم -قىزلارنىڭ پىسىخىكىسى تۇراقلىق بولىدۇ، باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ، مۇلايىم بولۇپ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ت‍ۆۋەن بولىدۇ. پىسخىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەركىلەشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلار مۇھەببەت بىلەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىناق كەيپىيات بەرپا قىلالايدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ھەم پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:54:30

ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ   

مۇشۇسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا مېنىلا يېزىپتۇ :P

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:22:38

خوتۇن ئانچە مۇنچە ئەركىلىپ، ناز قىلىپ بەرمىسە قەنئانامدىن نىمە پەرقى؟!:L

orkixi يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:34:50

بۇ ئەركىلەپ  ساغلاملىقىنى  ئاشۇرۇش  ئاياللارغىلا  ماس كىلىدىكەنغۇ   ؟

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:47:46

saye يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:22 static/image/common/back.gif
خوتۇن ئانچە مۇنچە ئەركىلىپ، ناز قىلىپ بەرمىسە قەنئانا ...

يائاللا دىمەيدىغان گېپىڭ يوق جۇمۇ سېنىڭ:lol

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:15:09

مەن داۋاملاشتۇرشقا تىرىشىمەن;P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:55:21

xakilat يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:15 static/image/common/back.gif
مەن داۋاملاشتۇرشقا تىرىشىمەن

ئوماقلىقىنى!

مودەن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:46:04

ۋاي بۇمۇ بۇلدىغان گەپ.ئانچە-مۇنچە ئەركىلەپ تۇرساق ئەرلىرىمىزمۇ ئامراق بۇلۇپ كېتىدۇ.....مەن تۇنۇيدىقان بىرسىنىڭ ئېرىنىڭ ئايالىنى يا ئەركىلەشنى بىلمەدۇ يا بىر ئادەمگە چىرايلىق گېپى يوق دىگىنىنى ئاڭلاپ قالغان....ھەي ئۆزەمنىڭ ئېرى دەپ نۇرماللا بۇلۇپ قالسىمۇ مانا شۇنداق گەپلەر چىققان .شۇڭا قەھۋەگۈلۈمنىڭ دىگىنىمۇبەك بەك تۇغرا.ياخشى تېمىكەن

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

تازا تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ بارلىقى ئەرلەر ئۈچۈنكەن. ھەممىنى ئەرلەرنى دەپلا قىلىدىكەنمىز. ئەمما بىر كۈنلەردە تەپتارتماي ئەركىلەشنى بىلمەيدۇ، خۇلقى يوق دېسىمۇ دەيدۇ بۇ ئەرلەر.:lol

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:16 static/image/common/back.gif
تازا تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ بارلىقى ئەر ...

سىلىنىڭ ئادەم ھەرگىز ئۇندا دىمەيدۇ.تولا ئەركىلەۋەرمەڭ دەپلا قالمىسا(چاخچاق،بۇلمىسا باھا سوزى يىزىپ ئۇجۇقتۇرۇپ قۇيدىكەنسىز)
بەت: [1]
: (قەھۋە) ئەركىلەش سالامەتلىككە پايدىلىق