ھۆسۈن تۈزەش رىستىپلىرى
1.خام تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى تاكى ئاپئاق كۆپۈك پەيدا بۇلغۇچە چېلىپ ،بىھى شىرنىسى قۇشۇپ ،ئاندىن يۈزىگە سۈرۈپ ،بىر پەس ئۇۋۇلىغاندىن كىيىن ،ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە يۈزىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.2.بىر قۇشۇق زەيتۇن يېغىغا بىر دانە تۇخۇم سېرىقنى ئوبدان ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن ،يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
3.خام ئالمىنى يۇمشاق چاناپ بىھى شىرنىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ،يۈزىگە سۈرسە يۈزىنى پارقىرتىدۇ.
4. پىششىق ئالمىنى يۇمشاق ئىزىپ ،سۈت بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ،يۈزىگە سۈرۈپ 15 مىنۇتتىن كىيىن ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە ،يۈزىنى يۇمشاق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
5. 3گىرام سەمغى ئەرەبىنى مىۋە سۈيىدە ئىرىتىپ ،يۈزىگە سۈرۈپ ،بىر ئاز تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۇۋەتسە يۈز تېرىسىنى ياخشىلايدۇ.
6.ھۆل كاسىنىنڭ غولى ۋە يۇپۇرمىقىنى ئوبدان ئىزىپ سۈيىنى چىقرىپ ،ئۇنىڭغا تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈرۈپ .10 مىنىۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۇۋىتلدۇ. بۇ تېرە تەر بەزلىرىنى جانلاندۇرۇپ يات ماددىلار نى تەر ئارىلىق ھەيدەيدۇ ھەمدە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7.يالپۇزنى ئىزىپ ،سۈيىنى چىقىرىپ ،تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈرسە يۈز تېرىسى قىچشىشنى توختىتىپ ،مۇدۇرلەرنى يۇقىتىدۇ،يۈزىنى پارقىرتىدۇ.
8.ھۆل ئۈززۈمنى زەيتۇن يېغىدا قاينىىتپ سۈيىنى يۈزىگە سۈرسە ،يۈزىنى پارقىرتىپ ،قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.
9. ئوبدان پىشقان ھۆل قاپاقنى قاينىىتپ ھالۋىدەك قىلغاندىن كىيىن يۈزىگە سۈرسە ،رەڭگىرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە پارقىرتىدۇ.
10. ئاپلىسننى يۇمشاق ئىزىپ يۈزىگە سۈرسە ،تېرىنى يۇمشاق قىلىدۇ.
تېرىنىڭ ساغلام ،پارقىراق بۇلۇشى ھەمدە تېرىنىڭ يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇسخا پايدىلىق.
11. 20گىرام قۇرۇق بىنەپشنى 0.5لىتىر سۇغا ئىككى سائەت چىلىغاندىن كىيىن ئوتقا قۇيۇپ بىر نەچچە مىنۇت قاينىىتپ ،سۈزۈپ ئېلىپ كۈندە ئۈچ ئىستاكان ئىچسە بۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئەتىياز پسلىدە قوللانسا تېخىمۇ ياخشى.
12.بىر نەچچە دانە لەيلىگۈلنى 1 لىتىر سۇدا قاينىىتپ ،سۈزۈپ ،يۈزىنى يۇيسا ،قۇرۇقلۇقتىن بولغا تېرە كىپەكلىشىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
13. كەرەپشىنى پاكىز يۇيۇپ ،سىقلىغان سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ،ھەپتىدە ئىككى قېتىم يۈزگە سۈرسە ،يز تېرىسىنى ييۇمشاق ،پارقىراق قىلىدۇ.
14.پاكىزە ئۈجمنى يۈزىگە سۈرۈپ ،ئاندىن كىيىن ئەرىقى گۈل بىلەن يۇيۇۋەتسە ،يۈزدىكى قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.
15. ئۈزۈميېغى تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
500 مىللىلىتىر ئۈزۈم سۈيىنى 100 مىللىلىتىر تاتلىق بادام يېغى ۋە 5گىرام سېرىق موم بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ،لازىم بولغاندا ئازىراق قىزىتىپ يۈزىگە سۈرسە بۇلىدۇ.
16. ناشتىدا زەيتۇن يېغى بىلەن سىياداننى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،يۈزىنى سىلىق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
17. ئاخشىمى يېتىشتىن ئىلگىرى بىر نەچچە تال تەرخەمەكنى يەپ ،ئەتىگىنى سۇغا چىلاپ قۇيۇلغان قەلەمپۇرنى سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىگە ھەسەل قۇشۇپ ئىچسە ،جىگەرنى كۈچەيتىپ ،بەدەنگە ئاراملىق بېغىشلايدۇ،چىراينىڭ سارغىيشىنى يۇقىتىدۇ.
18. بىر ئىستاكان كالا سۈتى ياكى يېڭى خام قايماققا 10 دانە بۆلجۈرگەن قۇشۇپ يۈزىگە سۈرۈپ 15-20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىىين سوغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە ،تېرىنى تازىلايدۇ ۋە ئۇزۇقلاندۇرىدۇ.
19. خام ياڭيۇنى كىسىپ تېىرىگە سۈرسە ،ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ چۈشۈشنى تىزلىتىپ ،زەخمىلەنگەن تېرىنىڭ ساقىيشىنى تىزلىتىدۇ.
20. نۇقۇت يېغىنى يۈزىگە داۋاملىق سۈرۈپ بەرسە ،داغ ۋە سەپكۈلەرنى يوقىتىدۇ.
21. كەتىرانى يۇمشاق سۇقۇپ ،ئەنجۈر شىرنىسىدە مەلھەم قىلىپ يۈزىگە چاپسا ،داغ ،سەپكۈننى يوقىتىدۇ.
22. كىرپە گۆشىنى قۇرۇتقاندىن كىيىن ، كۆيدۈرۈپ سۇقۇپ ، سىركىدە مەلھەم قىلىپ يۈزىگە چاپسا ،داغ ۋە سەپكۈنى يوقتىدۇ.
23. گۈلسەۋسەن ۋە ئارپىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئىزىلگۈدەك قاينىتىپ ،ئۇنىڭغا ئازراق موم ئارىلاشتۇرۇپ ،مەلھەم تەييارلاپ يۈزىگە سۈرسە ،داغ ۋە سەپكۈننى يوقتىدۇ.
24. قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى ،تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزلىرىنىڭ ھەربىرىدىن 60گىرام ،تەرەنجىبىندىن 35گىرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ،مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەلدە مەلھەم قىلىپ يۈزىگە سۈرسە ،داغ ۋە سەپكۈننى يوقىتىدۇ.
مەنبە:ئەركەم تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:52
رەخمەت سىزگە، تىرە ئاسراشنى بىلىۋالدىم . مەن مۇشۇنداق ئىشلارنى بەكلا ئاۋارچىلىق ھېس قىلىمەنغۇ تاڭەي:) خوتۇنلار يۈزىگە چاپلاپ ئىشلىتىۋالغان تەرخەمەكلەرنى ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تېرىسى سۈمۈرۈپ بولغان دەپ قارىساق بولامدۇ؟ مەنغۇ يۇيىۋېتىپ خام سەي قىلىمەن دىگىنىم يوق . مۇنداقلا سوراپ باقتىم ئەمدى. ( ئەسكەرتىش: مەرىم قاتارلىق ئوبزورچىلار ھۇجۇم باشلىمىغاي) saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:20 static/image/common/back.gif
خوتۇنلار يۈزىگە چاپلاپ ئىشلىتىۋالغان تەرخەمەكلەرنى ئ ...
سوغۇق سەي قىلاي دېگەنمۇ:lol خانىم -قىزچاقلارنىڭ گۇزەل بۇلىمەن دەپ بولمىقىمۇ ناھايتى تەسكە توختايدىكەن .گىرىم بۇيۇملارنىڭ بازار تېپىشنىڭ ئاسان بولالىشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسكەندە . ئەگەر مەن تېرەمگە بىر ھەپتە ئوبدان كۆڭۈل بۆلۈپ قويسام خېلى جايىدا بوپ قالىدۇ، ئەمما شۇ سەل ھورۇنراق چوڭ بوپ قالدىمغۇ تاڭ 2.بىر قۇشۇق زەيتۇن يېغىغا بىر دانە تۇخۇم سېرىقنى ئوبدان ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن ،يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
ھەقىقەتەن ئۈنىمى باركەن، سىناپ باقساڭلار بولغۇدەك، مەن تۈنۈگۈن كەچ سىناپ باققان ئىدىم راستىنلا ياخشىكەن:victory: نۇقۇت يىغى دىگەن ياغنى قانداق ياسايدۇ ؟ ياكى بازادا ساتامدىغاندۇ ؟
بىرەرسى تەييارلاپ ئالدىمغا ئەكىلىپ بەرسمۇ قىلىش خوش ياقمامدىكى مۇشۇ ھورۇنلىقىمدا :Q:Q
بەت:
[1]