gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:25:57

كولانىڭ ئەكس تەسىرى

      1993 – يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان ‹‹خۇدا، دۆلەت ۋە كوكاكولا›› ناملىق كىتابتا، تۇنجى بولۇپ كوكاكولانىڭ فوسفورىك كىسلاتا، قەنت، كوفېئىن، ئىنسۇلىن قاتارلىق سۈنئىي يېمەكلىك خۇرۇجلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئارىلاشما ماددا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. يازغۇچى ۋاد . مىلادىس ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئامېرىكا دىيابېت كېسىلى جەمئىيىتى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتى، يەنى ‹‹كولا ئىچكەندە، بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟›› دېگەن تەتقىقات تۈرىنى بايان قىلغان.
كولانى ئىچىپ 60 مىنۇتتا بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.
  ئالدىنقى ئون مىنۇتتا: تەخمىنەن ئون قوشۇق شېكەرنى بەدەن ئىچىگە قۇيغانغا باراۋەر بولىدىكەن؛
20 مىنۇتتا: قاندىكى قەنت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، ئىنسۇلىننىڭ نورمال پارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جىگەر ئېرىشكەن قەنتنى ياغقا ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن؛
40 مىنۇتتا: ئادەم بەدىنى كولا تەركىبىدىكى كوفېئىننى پۈتۈنلەي سۈمۈرۈپ، كۆز قارىچۇقى كېڭىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدىكەن ھەم جىگەردىكى كۆپلىگەن قەنت قانغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن؛
45 مىنۇتتا: چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدىغان دوپامىننىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ، كەيپىياتنى جانلاندۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ ۋاقىتتىكى فىزولوگىيەلىك جەريان خۇددى خىروئىن چەككەن چاغدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن؛
60 مىنۇتتا: كولادىن سۈمۈرۈلگەن فوسفورىك كىسلاتاسى ئۈچەيدىكى كالتسىي، ماگنىي، سىنك بىلەن بىرىكىپ، مېتابولىزم (ماددا ئالمىشىش)نى تېزلىتىۋېتىدىكەن. بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، كالتسىينى سۈيدۈك بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىۋېتىدىكەن؛ 60 مىنۇتتىن كېيىن: كوفېئىن ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي، ماگنىي، سىنك، ناترىي قاتارلىق ئانئورگانىك تۇز ۋە سۇ تەركىبىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىىدىكەن.

       كولانىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرى سالامەتلىككە تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ:
كاربون (Ⅳ(ئوكسىدى كۆپ بولۇپ كەتكەندە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ. كولا تەمىنىڭ ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرغۇدەك چۈچۈمەل بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ تەركىبىدە كاربون (Ⅳ( ئوكسىدىنىڭ بولغانلىقىدا. بەدەن كاربون (Ⅳ( ئوكسىدىنى زىيادە شۈمۈرۋالغاندا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى شۇنچە قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.
تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ساخارولىز ئادەمنى سەمرىتىپ، چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا: بالىلار كۈنىگە بىر قۇتا ئىچىملىك ئىچسە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %60 ئاشىدۇ.
        فوسفورىك كىسلاتاسى سۆڭەك يۇمشاپ كېتىشنى پەيدا قىلىپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ۋە سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بوستون ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق ئوتتۇرا 1 – يىللىقنىڭ 460 ئوقۇغۇچىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا 2 – يىللىقنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن گازلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان قىزلارنىڭ سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى قىزلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئەمما كولا ئىچكەنلەرنىڭ بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. دائىم كولا ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. چۈنكى، فوسفورىك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سۆڭەڭنىڭ ئۆسۈشىنى كېچىكتۈرىدىكەن.
       كوفېئىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كولانىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن بىر خىل روھلاندۇرغۇچ بولۇپ، ئۇ نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىپ، يۈرەك – مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، دائىم باش ئاغرىش، باش قېيىش، بىئارام بولۇش، نەپەس تېزلىشىش، شۇنداقلا ۋىتامىن يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتا پەرزەنت كۆرۈشكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:23  

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:43:03

«زەم زەم»كولاسىنىڭمۇ شۇنداق ئەكىس تەسىرى باركەندە ،«زەم زەم»دىسە ئىچىۋېرىپتۇق .ئەسلى مۇنداق گەپ باركەندە بۇ يەردە ......

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:16:32

ئاناررررررررررررررررررررررر  ئوقۇڭە ماۋۇنى:Q

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:17:59

ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. يۇقارقى مەھەللىدىكى غەيۋەتچى قاھار « كولا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى قىزلارنى تۇغماس قىلىپ قويىدىكەن، ئەرلەر كولا بىلەن پىۋىنى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە ئوغۇل پەرزەنت كۆرەلمەيدۇ» دىگەندەك خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ تۇراتتى. يوقاپ كەتتى يا..ئىلمىي تەتقىقاتى ئەمدى ئېتراپ قىلىنىشقا باشلىغاندا...:L

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 17:12:00

خانىم-قىزچاقلار كولا دىگەننى ئازراق ئىچىڭلار ،بولمىسا «سۇيدۇك يۇلى قېتىش»كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالماڭلار يەنە......

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:45:26

يىگىتلەرمۇ ئاز ئىچىڭلار،  ئىشقىلىپ( قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ )دەپ قايناقسۇلا ئىچەيلى زادى

dilnaz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:49:11

ۋاي خۇدايىم،مەن ئېلگىرى ئىچكەن كولامۇ مىنىڭ سالامەتلىكىمگە ئاشۇنداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولغىيمىتى؟:o

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:37:08

مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان ئىچىملىكنىڭ بىرسى ئىكەن. ئەنسىرىمەي ياشاي.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:01:19

مۇشۇ ئانارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ تۈنۈگۈن يەنە ئىچتىم دېسە:Q

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:06:52

;P;Pئاملاخخخخخخخخخخخخخخ مەن
بەت: [1] 2
: كولانىڭ ئەكس تەسىرى