ھېيىتلىق ساڭزا سېلىشنى ئۆگىنۋېلىشنىڭ ئۇسۇل جەريانى
مۇبارەك قۇربان ھېيىت كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، ساڭزا بولسا ھېيىتلىق داستىخانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان شاھىنشاھ غىزالارنىڭ بىرى .بىراۋنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كىرگەندە داستىخاندا گۆش بولمىسا مەيلىكى ساڭزا بولمىسا ھەرگىز ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىماڭ ، تاكى ئۆي ئىگىسى ئالدىڭىزغا ئوخشىغان بىر دۆۋە ساڭزا ئەكەلمىگۈچە ...
ئەسكەرتىش : ھازىر بازاردا سېتىلۋاتقان تەييار ساڭزىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ھايۋانات مېيى ئۇندىن باشقا يەنە چىرىشتىن ، قېتىشتىن ساقلايدىغان خۇرۇچلار قوشۇلىدىكەن .
توخۇ ، ئۆردەك نىڭ ئىچىدىن چىققان ۋە كالا يېغىنى قوشۇپ سالغان بازار ساڭزىسىنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ ئەمما سالامەتلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئازراق جاپا چەكسىڭىزمۇ ئۆز ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ بېقىڭ !
ساڭزا سېلىشنىڭ جەريانى
http://www.makanim.cn/attachment/Mon_1110/34_1399_69f47bcfd2b1f30.jpg
چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا
http://www.makanim.cn/attachment/Mon_1110/34_1399_e96d0772173cf24.jpg
خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، مۇۋاپىق مىقداردا زەچۈ سېلىۋەتسىڭىز ساڭزا رەڭگى تولىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ .
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ) .
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ .
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى
ھازىر ئۆيدە ساڭزا سالىدىغان ئاياللار يوق دىيەرلىك جۇمۇ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، خۇددى سايە دېگەندەك ئانام بىلەن دادامدىن باشقا ھەممە نەرسىگە ئارمان، ئىخلاس دەپ يۈگرەيمىز.
شۇنداقتىمۇ كۆپ رەھمەت ئەزىزجان مەلىم:P تېخى بايىلا ساۋاغدىشىمنىڭ سېلىپ بەرگەن ھېيتلىق ساڭزىسىنى ئۇستەلگە تىزىپ قۇيۇپ........................... دىگىنىڭىز بويىچە سېپ باقايچۇ ..... ساڭزا - قۇژماقسىز ھېيت ھېيتتەك بىلىنمەيدىكەن زادى .... توۋا ، يېرىم كۈنمۇ دەم ئېلىشىم يوق قېرىنداشلىرىمممممممممممممممم.....ئىدارىدىكى بىرىگە سالغۇزدۇم :'( مەن ئويلىغاندىن تەسكەنغۇ ...... ئارمان تاللا بازىرى بولغان بولسىمۇ مىيەدە ، بىرەر ئىككى ۋازا ساڭزا قۇژماق ئېلىپ تىزىپ قوياردىم ئۈستەلگە .................. لەغمەن قېقى سالماق شۇنچە تەسما؟ بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىۋۇ ئىككى سائەتتىلا تەييار قىلىپ بولىدۇ بىرەر ۋازا لەغمەن قېقىنى!http://bbs.xjtsnews.com/static/image/smiley/default/14.gif ئىنكاس قايتۇرۇش مەرۋەرى نىڭ يازمىسى
ئەرنىڭ قەھرى بولمىغان ئائىلىدە ھېيىت كۇنلىرىدە ساڭزا سېلىش ئاستا -ئاستا يۇقايدۇ.چۇنكى ئاياللار بەك تۇمۇچان ئەمەسمۇ؟ ئەزىز تارىمنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى بار جۇمۇ لېۋەنلەر...
خۇشچىراينى ئەسلەپ قالدىم. ھېيت-بايراملاردا قازان بېشىنىڭ بىلىملىرىنى بىرنى قويماي تۆكەتتى مۇنبەرگە. يوقاپ كەتتىغۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:42
خېمىرىنى بەلەن يۇغۇرۇپ ،تەكشى ئېشىپ بەرگىنىم بىلەن ،مۇشۇ پىشۇرۇپ تىزىشنى ھەجەپ سىناپ باقماپتىمەن .
بەت:
[1]
2